مۇھىم خەۋەرلەر

بىر ئالىي مەكتەپنىڭ سابىق باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى قولغا ئېلىندى

2023.08.28 14:53 مەنبە: خەلق تورى

  8-ئاينىڭ 25-كۈنى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئۈندىدار ئاممىۋى سۇپىسىدىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، گۇاڭشى تەپتىش ئورگىنى شى خۇڭجيەن، لياۋ ۋېنلۇڭنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلغان.

  گۇاڭشى مالىيە-ئىقتىساد شۆيۈەنى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى، مەھكىمە باشلىقى شى خۇڭجيەن (نازىر دەرىجىلىك) نىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگانلىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. دېلونى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسى باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلىشى بىلەن، بېيخەي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەيدۇ. يېقىندا بېيخەي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن شى خۇڭجيەننى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋاتىدۇ.

  گۇاڭشى مالىيە-ئىقتىساد شۆيۈەنى پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق ئەزاسى، مۇئاۋىن باشلىقى لياۋ ۋېنلۇڭ (مۇئاۋىن نازىر دەرىجىلىك) نىڭ پارا ئېلىش دېلوسىنى گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى تەكشۈرۈپ ئاخىرلاشتۇرۇپ، تەپتىش ئورگىنىنىڭ تەكشۈرۈپ ئەيىبلىشىگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. گۇاڭشى جۇاڭزۇ ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىنى بەلگىلىشى بىلەن، بېيخەي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەيدۇ. يېقىندا بېيخەي شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى قانۇن بويىچە پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن لياۋ ۋېنلۇڭنى قولغا ئېلىشنى قارار قىلدى. بۇ دېلو يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېجىرىلىۋاتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ