مۇھىم خەۋەرلەر

تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي ماھارەتنى ياخشى ئۆگىنىش، ياخشى ئىشلىتىش كېرەك

2023.08.15 01:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پارتىيەمىزنىڭ تەۋەررۈكى. بۇ يىل 3-ئايدا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «خىزمەت لايىھەسى» دېيىلىدۇ)نى بېسىپ تارقىتىپ ئەۋج ئالدۇرۇشنى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرى بويىچە ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە پائال، چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئەمەلىي ئىش قىلىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلىدى.

  بىراق، يەنە بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ۋە ئوقۇرمەنلەر، تورداشلارنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، ئايرىم پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى تاقابىل تۇرۇشقا تېگىشلىك ۋەزىپە دەپ قاراپ، قولنىڭ ئۇچىدىلا ئىشلەپ قويۇپ، يۈزەكى كۆرۈپ، مەسىلىلەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ، زىددىيەتلەرنى تەكشۈرۈپ قويۇپلا تەتقىق قىلمايۋاتىدۇ. بۇنداق شەكىلۋازلىق بىلەنلا ئېلىپ بېرىلغان «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ھەقىقىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش تەلىپىگە خىلاپ بولۇپلا قالماي، يەنە ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنى چارچىتىپ قويدى.

  «ئۆلكىدىن كەلگەن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۆمىكىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن، كەنتتىكىلەر بىر ئاي بۇرۇنلا ئالدىراش بولۇپ كەتتى» دېدى يېقىندا كەنتتە تۇرۇشلۇق بىر كادىر خېتىدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۆمىكىنى كەنتتە تۇرۇپ كۈتۈۋېلىش ئەھۋالىنى ئىنكاس قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۆمىكى ماڭىدىغان لىنىيە، ئېكسكۇرسىيە قىلىدىغان نۇقتا، تونۇشتۇرىدىغان مۇھىم نۇقتىلار ناھايىتى بۇرۇنلا كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرۇلۇپ بولغان، كەنتتىكى بارلىق تەييارلىق خىزمەتلىرىمۇ مۇشۇ لىنىيەنى چۆرىدەپ ئېلىپ بېرىلغان.

  پەقەت تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش لىنىيەسىدە چوقۇم ئۆتىدىغان يولنىلا تازىلاپ، پەقەت لىنىيە بويىدىكى ئۆي ۋە ھويلا تېمىنىلا ئاقارتىپ، ۋەكىللىك خاراكتېرگە ۋە ئېكسكۇرسىيە ئەھمىيىتىگە ئىگە بەزى بەلگە بۇيۇملارنى پۈتۈن لىنىيەگە يۆتكەپ، لىنىيەدىن ئۆتىدىغان ئامما، ئائىلىلەرنى زەربىدارلىق بىلەن تەربىيەلەپ، تۇيۇقسىز سورالغان سوئالغا قانداق جاۋاب بېرىشكە تەييارلىق قىلدۇرغان ... بۇ كەنت كادىرى يەنە «پۈتكۈل تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىر مەيدان ھەركىم ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ھەر ئىش ئۆز يولى بىلەن ماڭىدىغان <ئەمەلىي كۆرۈنۈشلۈك ئويۇن قويۇش>قا ئايلىنىپ قالدى» دېدى.

  بەزى ئوقۇرمەنلەرنىڭ خەت يېزىپ ئىنكاس قىلىشىچە، مەلۇم جايدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قانات يايدۇرۇلغاندا، ئاساسىي قاتلامغا چۈشۈپ زىيارەت قىلماي ئەكسىچە ئاساسىي قاتلامدىن زور مىقتاردا ماتېرىيال تەلەپ قىلىنغان، يالغۇز بىر ئورۇن تەمىنلىگەن ماتېرىياللارنىڭ ئۆزىلا نەچچە قاپقا قاچىلانغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش نەق مەيدانغا كىرمەي، نەق مەيداندا تەكشۈرمەي بەلكى ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ماتېرىيال كۆرۈپ، «ماتېرىيال ئوبوروتى»غا تايىنىپ «قاتلاممۇقاتلام يۇقىرىغا مەلۇم قىلىش»نى نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ئورنىغا دەسسىتىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى ئېغىرلىتىپ، قىممىتى بار ئۇچۇرغا ئېرىشەلمەي، ئاخىرىدا شەكىلۋازلىققا ئايلىنىپ قالغان.

  مەركىزىي پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئىقتىسادشۇناسلىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، پىروفېسسور ساۋ لى ئىلگىرى نۇرغۇن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش پائالىيەتلىرىگە قاتناشقان، ئۇنىڭ قارىشىچە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدىكى شەكىلۋازلىق مەسىلىسىدە بەزى ئىپادىلەر ساقلانغان، مەسىلەن، دىققەتنى مەركەزلەشتۈرمەسلىك، «تاۋۇز شاپىقىغا دەسسەپ، قەيەرگىچە تېيىلسا شۇ يەرگىچە ھېساب بولۇش»؛ چوڭقۇر بولماسلىق، يۈزەكى، ياسالمىلىق، رەسمىيەتچىلىك قىلىش؛ تەتقىق قىلماي، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزمەي، نېمىنى كۆرسە شۇ بويىچە بولۇش؛ ئۆزگەرتمەي، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈنلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، ھەقىقىي مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولماسلىق قاتارلىق مەسىلىلەر ساقلانغان.

  «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشتىن مەقسەت شۇكى، نۆۋەتتە ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق نۇرغۇن چوڭقۇر قاتلاملىق زىددىيەتلەرگە دۇچ كەلدى، تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، خىرىس، قىيىنچىلىق مەسىلىلىرى ئىلگىرىكىدىن تېخىمۇ كەسكىن، مۇرەككەپ بولۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق شەيئىلەرنىڭ ماھىيىتى ۋە قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ چارىسى ۋە يولىنى تېپىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق» دېدى ساۋ لى، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىپ ھەقىقىي مەسىلىلەرنى ئىگىلەش جەريانى، «تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ تېگىشلىك ئۈنۈمىنى جارى قىلدۇرۇش ئۈچۈن ئىشخانىدىن چىقىپ، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، شەكىلۋازلىقنى توسۇش كېرەك».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ