مۇھىم خەۋەرلەر

داۋالاش ساھەسىدىكى چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتا «سۆڭەكنى قىرىپ زەھەرنى تازىلاپ داۋالاش»نىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى

2023.08.15 01:18 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، داۋالاش ساھەسىدە كۆتۈرۈلگەن چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بورىنى جەمئىيەتنىڭ كەڭ دىققەت-ئېتىبارنى قوزغىدى، ئىككى گۇرۇپپا سانلىق مەلۇمات قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى: ئالدى بىلەن «مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىر تۈز سىزىقلىق تېزلەتكۈچتىن 16 مىليون يۈەن شېرىنكانە ئېلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى»، ئۇنىڭ خىيانەتچىلىك، چىرىكلىك سوممىسى كىشىنى چۆچۈتىدۇ؛ كېيىن تاراتقۇلارنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا قارىغاندا، مەملىكەت بويىچە 150 تىن ئارتۇق دوختۇرخانا باشلىقى، شۇجى تەكشۈرۈلگەن.

  پۇقرالار ئىزچىل داۋالاش ساھەسىدىكى چىرىكلىكتىن قاتتىق نەپرەتلىنىپ كەلگەن بولۇپ، زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتىش ئاممىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشتى، بۇنى تور ئەھلىنىڭ ئىنكاسىدىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. دوختۇرخانا ئەسلىدە ئۆلۈمگە ئامال، ئاغرىققا سەۋەب قىلىدىغان ئالىيجاناب جاي ئىدى، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان داۋالاشتىكى چىرىكلىك مەسىلىسى گەۋدىلىك بولۇپ، تېببىي دورا سېتىۋېلىش-سېتىش، قۇرۇلۇش قىلىش، ماددىي ئەشيا سېتىۋېلىش قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىپ، داۋالاش سىستېمىسىنىڭ ئىناۋىتى ۋە بىمارلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزدى. ئىلگىرىكى دېلولاردىن قارىغاندا، داۋالاش، دورا ساھەسىدىكى چىرىكلىكتە تېببىي دورا ۋەكىللىرىدىن شېرىنكانە ياكى پارا ئالغانلارمۇ، خىراجەتنى يالغان مەلۇم قىلىپ، شەكلىنى ئۆزگەرتىپ پايدا يەتكۈزگەنلەرمۇ بار.

  تېببىي دورا ساھەسى پۇقرالار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك، بۇ ساھەدىكى چىرىكلىك بىمارلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزۈپلا قالماي يەنە داۋالاش بىخەتەرلىكى ۋە سۈپىتىگە، ھەممە ئائىلىنىڭ بەخت تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن. مەسىلەن، دورا ئوبوروتى ۋە ئىشلىتىش جەھەتتىكى ناتوغرا ئىستىللار ھەقىقىي ئۈنۈملۈك، تېجەشلىك ياخشى دورىلارنىڭ دوختۇرخانىلارغا كىرەلمەسلىكىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بىمارلارنىڭ كېسەل كۆرسىتىش، داۋالىنىش يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتتى؛ دوختۇرخانا باشقۇرغۇچىلىرى ياكى تېببىي خادىملار شېرىنكانە ياكى نەپ ئالغاندا، بىمارنىڭ سالامەتلىكى ۋە بەخت-سائادىتى قۇربانلىققا ئايلىنىشى مۇمكىن. تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، دېلوغا چېتىشلىق سوممىسى 30 مىليون يۈەنگە يېقىنلىشىدىغان گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇڭشەن شەھەرلىك 1-دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى تۇتۇلغاندىن كېيىن، بۇ دوختۇرخانىدىكى بىمارلارنىڭ ئوتتۇرىچە داۋالىنىش تەننەرخى 1400 يۈەندىن كۆپرەك تۆۋەنلىگەن.

  شۇنى كۆرۈش كېرەككى، داۋالاش سىستېمىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدا چىرىكلەشكەنلەر ھەر ھالدا ئاز سانلىق، ۋىجدانلىق، ھەققانىيەت تۇيغۇسىغا ئىگە نۇرغۇن تېببىي خادىملارمۇ تۈرلۈك داۋالاش چىرىكلىكىدىن قاتتىق نەپرەتلىنىدۇ. ئۇزۇندىن بۇيان، داۋالاش ساھەسىدىكى چىرىكلىشىشكە زەربە بېرىش توختاپ قالمىدى، لېكىن ھىيلىگەر قانۇنسىز ئۇنسۇرلار ھەمىشە ئۇسۇلىنى ئۈزلۈكسىز ئۆزگەرتىپ، زەربە بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇرۇشقا ئۇرۇندى. زەربە بېرىش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشىغا ئەگىشىپ، ئاددىي، قوپال بولغان بىۋاسىتە پۇل، نەرسە بېرىشتەك پارىخورلۇق ئۇسۇلى ئازايدى، قىسمەن دوختۇرخانىلارنىڭ رەھبەرلىرى، تېببىي خادىملار بىلەن كارخانىلار ئارىسىدىكى «تىل بىرىكتۈرۈۋېلىش» تېخىمۇ مۇرەككەپ ۋە يوشۇرۇن بولدى، مەسىلەن، ئاتالمىش داۋالاش ئىلمىي يىغىنىغا ياردەم بېرىش، مۇتەخەسسىسلەرنى دەرس سۆزلەپ بېرىشكە تەكلىپ قىلىپ ھەق بېرىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللاندى، ھەتتا بىت پۇلىنى مەنپەئەت يەتكۈزۈش شەكلى قىلدى. بۇنداق «پايدا ئېلىش» قالايمىقانچىلىقلىرى پۈتكۈل داۋالاش سىستېمىسىنىڭ جەمئىيەتتىكى ئىناۋىتى ۋە داۋالاش كەسپىنىڭ نورمال ئايلىنىشىغا تەسىر يەتكۈزدى. بىر دوختۇرخانىنىڭ باشلىقى چىرىكلەشسە، يۈز ياخشى دوختۇرمۇ ئىشەنچنى قايتۇرۇپ كېلەلمەيدۇ، دەيدىغان گەپ بار. شۇڭا، كەڭ تېببىي خادىملار چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بورىنىغا زور ئۈمىد باغلىدى.

  تېخىمۇ يۇقىرى نۇقتىدىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلىتىمىز داۋالاش، دورا، سەھىيە تۈزۈلمە ئىسلاھاتى خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىنىڭ «كېسەل كۆرسىتىشى قىيىن بولۇش، كېسەل كۆرسىتىشى قىممەت بولۇش» قاتارلىق مەسىلىلەرنى يەنىمۇ ھەل قىلدى، ھۆكۈمەت دوختۇرخانىلىرىنىڭ «دورا ئارقىلىق دوختۇرخانىنى بېقىش»، داۋالىنىش سۇغۇرتىسىنى باشقۇرۇشتا «ھەممە تەرەپ ئۆزى بىلگەننى قىلىش» قاتارلىق مەسىلىلەر ئۈزلۈكسىز ھەل قىلىندى ... نۆۋەتتە، داۋالاش ساھەسىدە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش بوران-چاپقۇنىنى قانات يايدۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە «سۆڭەكنى قىرىپ زەھەر تازىلاپ داۋالاش»نى دەل ۋاقتىدا ئېلىپ بېرىلدى دېيىشكە بولىدۇ. داۋالاشنى «كېسەلنى داۋالاپ ئادەم قۇتقۇزۇش»تەك ئەسلىي مەقسەتكە قايتۇرۇپ، داۋالاش سىستېمىسىنى پاكىزلاش پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ