مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا تەيۋەنگە 440 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ھەربىي قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىدى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2023.07.03 15:34 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلىتىمىز دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر: «ئامېرىكا گوۋۇيۈەنى ئومۇمىي قىممىتى 440 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىغان يېڭى بىر قېتىملىق تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى تەستىقلىغان، جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟» دەپ سوئال سورىدى.

  ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئامېرىكا بىلەن تەيۋەننىڭ ھەربىي ئالاقىسى ۋە ئامېرىكىنىڭ تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشىگە قەتئىي قارشى تۇرۇشتىكى مەيدانى ئىزچىل ۋە ئېنىقتۇر. ئامېرىكا بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئۈچ قوشما ئاخباراتىدىكى بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، تەيۋەنگە قورال-ياراغ سېتىپ بېرىشنى، تەيۋەن بوغۇزى ۋەزىيىتىدە يېڭىدىن جىددىيلىك پەيدا قىلىدىغان ئامىللارنى پەيدا قىلىشنى، تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىغا زىيان يەتكۈزۈشنى توختىتىشى كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ