مۇھىم خەۋەرلەر

مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يازلىق تەتىللىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونى ئېچىلدى

2023.07.03 15:33 مەنبە: خەلق تورى

  بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى ئۇدا 19 يىل يازلىق تەتىللىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونىنى ئاچتى، تېلېفون نومۇرى 66096590-010، 66097980-010. يازلىق تەتىللىك مەركەزلىك قوبۇل قىلىش 7-ئاينىڭ 2-كۈنىدىن باشلىنىپ، 9-ئاينىڭ 15-كۈنى ئاخىرلىشىدۇ، جەمئىي 77 كۈن، قوبۇل قىلىش ۋاقتى ھەر كۈنى (شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) سائەت 8:00 دىن 20:00 گىچە بولىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى يىل بويى ئاچقان ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەلىك تېلېفونى بىلەن يازلىق تەتىلدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون نومۇرى بىردەك بولۇپ، باشقا ئوقۇش باسقۇچىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسىتىدىن ئالاقىدار مەسلىھەت سورىماقچى ياكى مەسىلە ئۈستىدە ئەرز قىلماقچى بولسا، بۇ تېلېفونغا تېلېفون قىلسا بولىدۇ.

  مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يازلىق تەتىللىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونى ئېچىلغان 19 يىلدىن بۇيان، جەمئىيەتنىڭ كەڭ ئاممىنىڭ دىققىتىنى تارتىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا ئانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش سىياسەتلىرىنى توغرا ئىگىلىشىگە ياردەم بېرىپ، ئۇلارنىڭ مەسىلىلىرىگە جاۋاب بېرىش، غەم ئەندىشىسىنى تۈگىتىش قاتارلىقلاردا پائال رول ئوينىدى. بۇ يىل مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك قولايلىق مۇلازىمەت قىلىش ۋە ياردەم بېرىش ئۈچۈن، قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى ئېچىش دائىرىسىنى ئومۇميۈزلۈك كېڭەيتىپ، مەركەزگە قاراشلىق ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى ئۆلكە (ئاپتونوم رايون، شەھەر) ۋە ئۇلارغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەر، شەھەر (ۋىلايەت، ئوبلاست، ئايماق)، ناھىيە (شەھەر، رايون، خوشۇن) لەردىن يازلىق تەتىللىك ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ياردەم بېرىش قىزىق لىنىيە تېلېفونىنى ئومۇميۈزلۈك ئېچىشىنى تەلەپ قىلدى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ