مۇھىم خەۋەرلەر

دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا داشۆسى بايانات ئېلان قىلدى

2023.07.03 15:32 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا داشۆسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسى 6-ئاينىڭ 30-كۈنى مۇنداق بايانات ئېلان قىلدى: يېقىندا توردا پەيدا بولغان ئاتالمىش «ئەليۇلئەلا»نىڭ مەلۇم مەكتەپتىن ۋاز كېچىپ، مەكتىپىمىزگە ئىمتىھان بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى يازما ياكى قىسقا كۆرۈنۈشلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى ھەقىقىي ئەمەس. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئۇنىۋېرسال تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەكتىپىمىز ئارزۇ قىلغان ئەلا ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى، سىياسىي تەكشۈرۈش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق قاتتىق كۆرسەتكۈچلەردىن باشقا، يەنە ئىدىيە جەھەتتە ئىلگىرىلەيدىغان، ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلىگەن، ئىرادىسى مۇستەھكەم، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقمايدىغان، قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، تەلەپچان بولۇش، ئۆزىنى كۈچەيتىش قاتارلىق ساپا شەرتلىرىنى ھازىرلىشى كېرەك.

  دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا داشۆسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئىشخانىسى تۆۋەندىكىدەك بايانات ئېلان قىلدى: كەڭ تورداشلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، شۇنداقلا ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ مەكتىپىمىزگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە ياقتۇرۇشىغا ئېرىشكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمىز، ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇشقا ئىرادە باغلىغان مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا داشۆسىگە ئىمتىھان بېرىشىنى قارشى ئالىمىز. يېقىندا، توردا مەكتىپىمىزنىڭ تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچى مەنبەسىگە مۇناسىۋەتلىك تېما ۋە قىسقا فىلىملەر پەيدا بولدى، بۇنىڭغا قارىتا، بىز تۆۋەندىكىدەك بايانات ئېلان قىلىمىز:

  1. توردا بارلىققا كەلگەن ئاتالمىش « ئەلىيۇلئەلا »نىڭ مەلۇم مەكتەپتىن ۋاز كېچىپ، بىزنىڭ مەكتەپكە ئىمتىھان بەرگەنلىكى توغرىسىدىكى يازما ياكى قىسقا كۆرۈنۈشلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ ساندىكىسى ھەقىقىي ئەمەس.

  2. ئالىي مەكتەپلەر ئارىسىدىكى مەكتەپ باشقۇرۇش مەۋقەسى، مەكتەپ باشقۇرۇش ئالاھىدىلىكى ۋە مەكتەپ باشقۇرۇش ئەۋزەللىكى ئوخشاش بولمىسىمۇ، لېكىن ھەممىسى دۆلەتنىڭ ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتىدۇ. بىز بىر قىسىم سىنلاردا ئوخشاش بولمىغان ئالىي مەكتەپلەر ئوتتۇرىسىدىكى نامۇۋاپىق سېلىشتۇرۇش ۋە ئالاقىدار سۆزلەرنى ئېتىراپ قىلمايمىز، كۆپچىلىكنىڭ ئوڭ يۆنىلىشلىك، ئاكتىپ ئېنېرگىيەلىك تور مۇھىتىنى ئورتاق قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  3. مەركىزىي ھەربىي كومىتېتقا بىۋاسىتە قاراشلىق ئۇنىۋېرسال تەتقىقات تىپىدىكى ئالىي مەكتەپ بولۇش سۈپىتى بىلەن، مەكتىپىمىز ئارزۇ قىلغان ئەلا سۈپەتلىك ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نومۇرى، سىياسىي تەكشۈرۈش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان، سالامەتلىك تەكشۈرۈش قاتارلىق قاتتىق كۆرسەتكۈچلەردىن باشقا، يەنە تۆۋەندىكى ساپا شەرتلىرىنى ھازىرلىشى كېرەك: ئىدىيە جەھەتتە ئىلگىرىلەيدىغان، ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلىگەن ۋە دۆلەت مۇداپىئەسى ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاش ئارزۇسى بار بولۇش؛ ئۆگىنىشتە ئەلا، ئاساسى پۇختا، بىرقەدەر كۈچلۈك بىلىم ئېلىش ئارزۇسى ۋە يېڭىلىق يارىتىش يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە بولۇش؛ ئىرادىسى مۇستەھكەم، جاپادىن قورقمايدىغان، بەلگىلىك بېسىمغا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى ۋە ئوڭۇشسىزلىققا قارشى تۇرۇش ئىقتىدارى بار بولۇش؛ تېنى ساغلام، ئەخلاقى دۇرۇس، ساغلام كىشىلىك قەدىر-قىممىتى، ئوچۇق-يورۇق روھىي ھالىتى ۋە ياخشى تەن ساپاسىغا ئىگە بولغان بولۇش: قانۇن-ئىنتىزامغا رىئايە قىلىش، تەلەپچان بولۇش، ئۆزىنى كۈچەيتىش، ھەربىي مەكتەپنىڭ مەركەزلەشتۈرۈپ بىرتۇتاش باشقۇرۇشىغا بويسۇنىدىغان ئىدىيەۋى تەييارلىقى بولۇشى كېرەك.

  4. ئىجتىمائىي قىممەت قارىشى كۈنسېرى گەۋدىلىنىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر ياشلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە دۆلەت مۇداپىئەسىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇپ، غايە ئۈچۈن كۈرەش قىلىپ، خەلق ئۈچۈن ئۆزىنى بېغىشلاپ، ۋەتەن ئۈچۈن مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!

  دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكا داشۆسى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتى ئىشخانىسى

  2023-يىل 6-ئاينىڭ 30-كۈنى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ