مۇھىم خەۋەرلەر

ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، سىرتقا چىققاندا ئېھتىيات قىلىڭ! دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى مۇھىم ئەسكەرتىش ئېلان قىلدى

2023.07.03 15:29 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا فىرانسىيەنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئۇدا قالايمىقانچىلىق يۈز بەردى. بىر جۇڭگو ساياھەت ئۆمىكى مارسېلدا ساياھەت قىلىۋاتقاندا، ئاپتوبۇسنىڭ دېرىزىسى چېقىلىپ، نۇرغۇن ئادەم يېنىك دەرىجىدە يارىلانغان. مارسېلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانا دەرھال كونسۇل قوغداش جىددىي تاقابىل تۇرۇش مېخانىزمىنى يولغا قويۇپ، ساياھەت ئۆمىكىگە ياردەملىشىپ ساقچىغا مەلۇم قىلدى ھەمدە جىددىي بىر تەرەپ قىلدى، يارىلانغانلارنى داۋالىدى. دەرھال فرانسىيە تەرەپ بىلەن سۆزلىشىپ، جۇڭگو پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي ۋە مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى؛ شۇ جايدىكى چياۋمىنلار ئىتتىپاقى ۋە ساياھەت كەسىپكارلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىپ، مۇداپىئەنى كۈچەيتىشىنى ئەسكەرتتى. ھازىر ساياھەتچىلەر فىرانسىيەدىن ۋەتەنگە قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ كونسۇل قوغداش مەركىزى ۋە جۇڭگونىڭ فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانا، كونسۇلخانىسى فىرانسىيەدىكى جۇڭگو پۇقرالىرىنى شۇ جاينىڭ ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەزىيىتىگە يېقىندىن دىققەت قىلىپ، نامايىش قىلىش، كۈچ كۆرسىتىش ۋە زوراۋانلىق توقۇنۇشى يۈز بەرگەن رايوندىن يىراق تۇرۇپ، شەخس، ئاپتوموبىل، تۇرالغۇ ۋە دۇكانلارنىڭ بىخەتەرلىك مۇداپىئەسىنى كۈچەيتىشىنى، بولۇپمۇ فىرانسىيەگە ۋاقىتلىق بارىدىغانلارنىڭ ھوشيارلىقىنى ئۆستۈرۈپ، سىرتقا چىقىشتا ئېھتىيات قىلىشىنى يەنە بىر قېتىم ئەسكەرتتى. ئەگەر جىددىي ئەھۋالغا يولۇقسىڭىز، ۋاقتىدا ساقچىغا مەلۇم قىلسىڭىز ھەمدە جۇڭگونىڭ فىرانسىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى بىلەن ئالاقىلىشىپ ياردەم سورىسىڭىز بولىدۇ.

  فىرانسىيە ساقچىغا مەلۇم قىلىش تېلېفونى

  17 ( + 33 )

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ خەلقئارا كونسۇل قوغداش ۋە مۇلازىمەت جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش قىزىق لىنىيەسى ( 24 سائەت )

  +86-10-12308

  +86-10-65612308

  فىرانسىيەدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ھەمكارلىشىش تېلېفونى

  +33-153758840

  مارسېلدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ھەمكارلىشىش تېلېفونى +33-671905835

  ستراسبۇرگدا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ھەمكارلىشىش تېلېفونى

  +33-609994464

  لىئوندا تۇرۇشلۇق باش كونسۇلخانىنىڭ كونسۇل قوغداش ۋە ھەمكارلىشىش تېلېفونى

  +33-785620931

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ