مۇھىم خەۋەرلەر

ئايال ئەسكەرنى تىزىملاش باشلاندى! ھەربىي سەپكە قاتنىشىش تەرتىپى مۇنۇلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ

2023.07.03 15:27 مەنبە: خەلق تورى

  2023-يىل كېيىنكى يېرىم يىللىق ئايال ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىش خىزمىتى بۈگۈن رەسمىي باشلاندى، تىزىملىتىش ۋاقتى بۈگۈن ( 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ) باشلىنىپ، 8-ئاينىڭ 10-كۈنى سائەت 18 دە ئاخىرلىشىدۇ، كېيىنكى يېرىم يىلدا يېڭى ئەسكەرلەرنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىش ۋاقتى 9-ئاينىڭ 1-كۈنى بولىدۇ.

  2023-يىلى كېيىنكى يېرىم يىللىق ئايال ئەسكەرلەرنى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە، قوبۇل قىلىش ئوبيېكتى يەنىلا ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئاساس قىلىدۇ، كېيىنكى يېرىم يىلدا ئاساسلىقى ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار، ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ۋە پەن تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئوقۇش پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار قوبۇل قىلىنىدۇ، يېشى 18 ياشتىن 22 ياشقىچە بولىدۇ، پۈتۈن كۈنلۈك تۈزۈمدىكى ئاسپىرانتلىقنى پۈتتۈرىدىغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېشى 26 ياشقىچە كېڭەيتىلىدۇ.

  جياڭشى ئۆلكىسى جيۇجياڭ شەھىرى شۈنياڭ رايونلۇق ئەسكەر قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىنىڭ مەسلىھەتچىسى جاڭ جىۋېي مۇنداق دېدى: بىز ئالىي مەكتەپلەر بىلەن بىرلىشىپ، ئالدىن پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپلەرگە چوڭقۇر چۆكۈپ ئەسكەر قوبۇل قىلىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىش قىزغىنلىقىنى قوزغىدۇق.

  قىزلارنىڭ ھەربىي سەپكە قاتنىشىشى ئاساسلىقى توردا تىزىملىتىش، دەسلەپكى تەكشۈرۈش، سالامەتلىك تەكشۈرۈش، سىياسىي جەھەتتىن باھالاش، يېڭى ئەسكەرلەرنى ئالدىن بېكىتىش، ھەربىي سەپكە قاتنىشىشنى تەستىقلاش قاتارلىق تەرتىپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تىزىمغا ئالدۇرغاندىن كېيىن، سىستېما ئۇنىڭ ئوقۇش تەۋەلىكى ۋە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئومۇمىي نومۇرىنى ئاپتوماتىك تەكشۈرۈپ، تىزىمغا ئالدۇرغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىكى نىسپىي نومۇرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بولۇش تەرتىپى بويىچە، دەسلەپكى تاللىنىدىغان ۋە ئالدىن قوبۇل قىلىنىدىغان ئوبيېكتلارنى تاللاپ، تولۇق لاياقەتلىك بولغان قىزلارنى ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى باھالاش نومۇرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگە بولۇش تەرتىپى بويىچە ئالدىن بەلگىلەنگەن يېڭى ئەسكەر قىلىپ بېكىتىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ