مۇھىم خەۋەرلەر

ئۈچ ئادەمنىڭ مەسئۇلىيىتى سۈرۈشتە قىلىندى!

«كومپيۇتېرنى ئىگىلىۋېلىپ كىنىشكا بېجىرىشنى رەت قىلىش» ۋەقەسىنى بىر تەرەپ قىلىش نەتىجىسى ئېلان قىلىندى

2023.07.03 00:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-ئاينىڭ 28-كۈنى، خەيكوۋ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئىدارە «كۆزنەك خادىمى كومپيۇتېرنى ئىگىلىۋېلىپ ئاممىغا كىنىشكا بېجىرىپ بېرىشنى رەت قىلىش» ئىشىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بىر تەرەپ قىلغان.

  ئىگىلىنىشىچە، مەزكۇر ئىدارە پارتگۇرۇپپىسى «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ئىنتىزام جازاسى نىزامى»، «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرۈش نىزامى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەمۇرىي جازا قانۇنى» قاتارلىق ئالاقىدار قانۇن-نىزام بەلگىلىمىلىرىگە ئاساسەن، بىر مەسئۇل ئورۇن، ئۈچ مەسئۇل كىشىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرگەن: بىرىنچى، لۇڭخۇا شۆبە ئىدارىسى جىنماۋ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىنىڭ خىزمەتچىسى شۈ ×× (ۋەقەگە چېتىشلىق خادىم) كە پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى ھەم ۋەزىپىسىدىن توختىتىپ تەكشۈرۈلدى؛ ئىككىنچى، لۇڭخۇا شۆبە ئىدارىسى جىنماۋ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئورنىنىڭ باشلىقىغا پارتىيە ئىچىدە ئاگاھلاندۇرۇش، مەمۇرىي جەھەتتە ئاگاھلاندۇرۇش جازاسى بېرىلدى ھەمدە ئورۇن باشلىقلىق ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلدى؛ ئۈچىنچى، لۇڭخۇا شۆبە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى بىلەن ئاگاھ سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلدى؛ تۆتىنچى، لۇڭخۇا شۆبە ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسى خەيكوۋ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى پارتگۇرۇپپىسىغا ئۆزىنى چوڭقۇر يازما تەكشۈرۈشكە بۇيرۇلدى.

  خەيكوۋ شەھەرلىك بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت كۆزنىكى ئاممىنىڭ سىياسەتنى چۈشىنىشى ۋە ھۆكۈمەتنى تونۇشىدىكى مۇھىم يول، كۆزنەك مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ياخشى-يامان بولۇشى ھۆكۈمەت تارماقلىرىنىڭ ئوبرازىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئىدارىمىز كۆزنەك مۇلازىمەت خادىملىرىنىڭ ئىستىل مەسىلىسىگە قىلچە يول قويماي، بىرى بايقالسا بىرىنى قاتتىق جازالايدۇ».

  ئىگىلىنىشىچە، خەيكوۋ شەھەرلىك پارتكوم، شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇ قېتىمقى ۋەقەگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، پۈتۈن شەھەردىكى ھەر دەرىجىلىك تارماقلاردىن چوڭقۇر ساۋاق ئېلىپ، ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان تىجارەت-سودا مۇھىتىنىڭ خەينەن ئەركىن سودا پورتى يادرولۇق رايونى ۋە خەلقئارالاشقان زامانىۋى يېڭى دېڭىز ئېغىزى بەرپا قىلىشنىڭ جىددىي ۋەزىپىسى ۋە ئىچكى تەلىپى، ئەۋلادلارغا بەخت يارىتىدىغان «ئالتۇن تاۋاق» ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇپ يېتىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شەھەر قوشۇننىڭ ئىستىل ئىنتىزامىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، قوشۇن باشقۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قوشۇن ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازار سۇبيېكتى ۋە شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىش بېجىرىشتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى ۋە رازىمەنلىك دەرىجىسىنى تىرىشىپ ئۆستۈرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ