مۇھىم خەۋەرلەر

دىلرەبا ئالدامچىلىق تېلېفونى كەلسە مەن بىۋاستە «سەن ئالدامچىما؟» دەپ سورايمەن، دېدى

2023.07.03 00:20 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جىنايەت تېمىسىدىكى تەشۋىشلىك تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئەيىبلەش» مۇۋەپپەقىيەتلىك ئاياقلاشتى. تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا يېڭى دەۋردىكى غايىلىك، قەتئىي، سەزگۈر ئايال «ئەيىبلىگۈچى»نىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلغان پىروكۇرور ئەن نىنىڭ رولى نۇرغۇن تاماشىبىنلارنى ھەيران قالدۇردى.

  باش رولچى ئىچىدىكى 90-يىللاردىن كېيىن تۇغۇلغان بىردىنبىر ئارتىس بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەن نىنىڭ رولىنى ئالغان دىلرەبا ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغانلىقىنىڭ 10 يىللىقىدا، راھەت رايونىدىن چىقىشنى تاللاپ، تۇنجى قېتىم ئەيىبلەش تېمىسىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، كىشىلىك ھاياتنىڭ يېڭى باسقۇچىدا ئارتىس بولۇشنىڭ تېخىمۇ كۆپ مۇمكىنچىلىكىنى ئىزدىدى. نۇر يىغىش چىرىغى ئاستىدا، تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئەيىبلەش» توغرىسىدا، «ئەن نى» توغرىسىدا، ئۆزى توغرىسىدا دىلرەبا كۆڭلىدىكى نۇرغۇن سۆزلەرنى قىلدى.

  «ئەيىبلىگۈچى سەرخىللار»نىڭ رولىنى ئالماق تەس، كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلىش مۇھىم ھالقا

  «ئەيىبلەش» ناملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا جياڭچېڭ شەھىرىدىكى ئون ياخشى تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بىرى بولغان ئەن نى (رولدا دىلرەبا) نىڭ جىنايى ئىشلار ساقچى ئەترىتىنىڭ باشلىقى خې لۇيۈەن (رولدا تۇڭ داۋېي) بىلەن بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ، بىر ئەدلىيە دېلوسىنى تەكشۈرۈپ ئەيىبلەپ، خەلق ئۈچۈن ھەققانىيەت ئىزدەش ھېكايىسى بايان قىلىنغان.

  تاسادىپىي پۇرسەتتە بۇ تېمىنى كۆرگەندە، دىلرەبانىڭ كۆز ئالدى بىردىنلا يورۇپ كەتتى، ئۇ: «گەرچە ئىلگىرى پىروكۇرورلارنىڭ خىزمىتىنى ئانچە چۈشىنىپ كەتمىسەممۇ، لېكىن مەن بۇ كەسىپكە قىزىقىپ قالدىم، مېنىڭچە بۇ كەسىپ بەك ئالاھىدە، بۇ ساھەدىكى سىرلىق ھېكايىلەرنى بەك بىلگۈم كەلدى» دېدى.

  سېنارىيەنى كۆرۈپ بولغاندىن كېيىن، دىلرەبا «ئەن نى»نىڭ ئۆزى ئەزەلدىن سىناپ باقمىغان رول تىپى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بۇ رولنى سىناپ باققۇسى كەلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «باش پېرسوناژ ئەن نى پۇل مۇئامىلە جىنايىتى ۋە تور جىنايىتىگە زەربە بېرىدىغان تەپتىش ئەمەلدارى، خاراكتېرى قەيسەر، كەسكىن، مەيلى خىزمەت ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن ناھايىتى كۈچلۈك ئىنسانىي سېھرىي كۈچكە ئىگە، شۇڭا جەڭ ئېلان قىلغۇم كەلدى».

  «جەڭ ئېلان قىلىمەن» دېيىش ئاسان، قىلىش تەس. تۇنجى قېتىم بۇ تىپتىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرىدا رول ئالغاندا دىلرەبا زور قىيىنچىلىققا ئۇچراپ قالدى. تىياتىردا جياڭچېڭ شەھىرىدىكى ئون مۇنەۋۋەر تەپتىش ئەمەلدارىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەن نىنىڭ سۆز قابىلىيىتى ناھايىتى ياخشى، سوتتا قاراپ چىقىش نەق مەيدانىدىكى لوگىكىلىق، ئەتراپلىق ئۇزۇن قانۇن ماددىلىرىنى ئۇلاپ سۆزلىشى ئادەتتىكى ئىش ئىدى.

  دىلرەبا مۇنداق دېدى: «بىر پىروكۇرور بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئىقتىدارى چوقۇم ناھايىتى ياخشى بولۇشى كېرەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ تىياتىرنىڭ سەھنە سۆزىنىڭ مىقدارى مەن ئىلگىرى رول ئالغان بارلىق تىياتىرلاردىكىدىن زور، نۇرغۇن مەزمۇنلار كەسپىيلىكى بىر قەدەر كۈچلۈك بولغان قانۇن ماددىلىرى، بۇ نۇقتا مېنى بەك سىنىدى. مەسىلەن، سۈرەتكە ئېلىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، بەزى سەھنە سۆزلىرىنى پىششىق يادلاپ بولغان بولساممۇ، لېكىن سۈرەتكە ئېلىش باشلانغاندا ئىپادىلەش رىتىمىنىڭ ئانچە راۋان بولمىغانلىقىنى، كۆڭۈلدىكىدەك ھالىتىمگە يېتەلمىگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم».

  خىرىس بۇنىڭ بىلەنلا چەكلىنىپ قالمىدى. يېڭى بىر ئەۋلاد پىروكۇرورلار ئىچىدىكى ئەڭ يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە غوللۇق ماھىر بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەن نى ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن سىرلىق 4-تەپتىش بۆلۈمىگە كىرىپ، مەخسۇس يېڭى تىپتىكى تور جىنايىتىگە قارشى تۇرۇشقا مەسئۇل بولدى. ئۇنىڭ چاچ پاسونى ئاددىي، فورمىسى رەتلىك، ياش چىرايىدىن غايىگە بولغان قىزغىنلىقى چىقىپ تۇراتتى، يەنى خۇددى دىلرەبا ئۆزى ئېيتقاندەك، ئۇ بىر «قەيسەر، باتۇر، مۇستەقىل قارىشى بار قىز» ئىدى.

  تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ئەيىبلەش»نىڭ دىلرەباغا بولغان تەسىرى ناھايىتى روشەن بولدى. زىيارەت جەريانىدا، ئۇ «ئەن نى»نىڭ قانۇننى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشىنى قىلىپ، ئۆزىنىڭ كەچۈرمىشى ئارقىلىق ئالدامچىلىقنىڭ قانداق ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكى ھەققىدە سۆزلىدى.

  دىلرەبا مۇنداق دېدى: «ئىلگىرى ئالدامچىلىق تېلېفونى كەلگەن ئىدى، بەزى تەشۋىقاتتىكى پەننى ئومۇملاشتۇرۇش بىلىملىرىنى كۆرگەن بولغاچقا، مەن ئاڭلاپلا ئالدامچىلىق مەزمۇنى ئىكەنلىكىنى بىلدىم. مەن بىۋاستە <سەن ئالدامچىما؟> دەپ سورايمەن، قارشى تەرەپ بايقاپ قېلىنغانلىقىنى ھېس قىلسا ئادەتتە تېلېفوننى قويۇۋېتىدۇ».

  جىنايەتچىلەرنىڭ ئەقلىنى «كەمسىتىش» بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ يەنە كۆپچىلىككە دۆلەتلىك ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئەپ دېتالىنى تەۋسىيە قىلىشنى ئۇنتۇپ قالمىدى، «مەن يانفونۇمغا دۆلەت ئالدامچىلىققا قارشى تۇرۇش مەركىزىنىڭ ئەپ دېتالىنى چۈشۈردۈم، ئالدامچىلىق تېلېفونى كەلسە ئاگاھلاندۇرىدۇ، ئەگەر كېيىن يەنە بۇنداق تېلېفون كەلسە، مەن بىۋاسىتە تېلېفوننى قويىۋېتىمەن» دېدى ئۇ.

  زىيارەت جەريانىدا، دىلرەبا مۇخبىرغا «سەمىمىي، چىقىشقاق بولۇش»تەك تەسىر قالدۇردى. ئۇ: «مەن تىياتىردا ھەققانىيەتنى قوغلىشىدىغان، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئىللىقلىققا تولغان، تۇرمۇشقا يېقىن، ھەقىقىي، مۇنەۋۋەر ئايال پىروكۇرور ئوبرازىنى يارىتىشنى ئويلىدىم» دېدى.

  دىلرەبا يەنە «يېڭى دەۋردىكى ئايال پىروكۇرورلارنىڭ كەسپىي سالاپىتىنى نامايان قىلىپ، پىروكۇرور ئەن نى ئېلىپ كەلگەن ئېنېرگىيەنى بۇ تېلېۋىزىيە تىياتىرى ئارقىلىق كۆپچىلىككە يەتكۈزۈشنى، شۇنداقلا تاماشىبىنلارنىڭ ئەن نىدىن ئىبارەت بۇ رول ئارقىلىق پىروكۇرورلۇق كەسپى ۋە ئەيىبلىگۈچىلىك رولىنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ كۆپ چۈشىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

  دىلرەبانىڭ ئارتىسلارنىڭ غايىسى يۈكلەنگەن بۇ سۆزى بەلكىم ئۇنىڭ ئارتىسلىق ھاياتىنى باشلىغانلىقىنىڭ 10-يىلىدا ئۆزىگە بېغىشلىغان بېغىشلىمىسى بولۇشى مۇمكىن.

  2013-يىلىدىن 2023-يىلىغىچە بولغان 10 يىلدا دىلرەبا ئورۇنلىغان گاۋ ۋېن، بەي فېڭجيۇ، چياۋ جىڭجىڭ قاتارلىق پېرسوناژلارنىڭ رولى ئوخشاش بولمىغان پېرسوناژلارنىڭ ئوبرازىغا ئىگە بولغان، بەزىلىرى قىزغىن، بەزىلىرى شوخ، بەزىلىرى غەلىتە، بەزىلىرى ساددا، چىن بولۇپ، بىر ئادەم ھەر خىل ئۆزگىچە ئوبرازلارنى ياراتتى.

  دىلرەبا «چوڭقۇر چۆكۈش ۋە تەلەي» دېگەن سۆزلەر ئارقىلىق بۇ ئون يىللىق رول ئېلىش ھاياتىنى خۇلاسىلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئون يىل بۇرۇنقىدىن ھازىرغىچە مەن نۇرغۇن كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىرلىرىدا رول ئالدىم، شۇنداقلا ھەر قېتىملىق سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئۆزۈمنى يۈكسەلدۈردۈم، ئەلۋەتتە، مەن يەنە ناھايىتى تەلەيلىك ھالدا تاماشىبىنلارنىڭ دىققەت قىلىشى ۋە ياخشى كۆرۈشىگە ئېرىشتىم، كۆپچىلىكنىڭ ئىزچىل ماڭا ھەمراھ بولۇپ، مېنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمەن».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ