مۇھىم خەۋەرلەر

«ئىپادە بىلدۈرۈش» شەكلىدىكى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىن ھوشيار بولۇش لازىم

2023.04.24 23:43 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھازىر، كادىرلار قوشۇنىدا «ئىپادە بىلدۈرۈش» شەكلىدىكى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھادىسىسى مەۋجۇت. بەزى كادىرلار ئىپادە بىلدۈرگەندىن كېيىن ئەمەلىي ئىش قىلمايدۇ، شوئار توۋلاپ قويۇپ ھەرىكەت قىلمايدۇ، ئىرادىسىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيدۇ، پىلانىنى يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەغەز يۈزىدە توختىتىپ قويىدۇ. بەزى كادىرلار خىزمەتنى ئويۇن ئورنىدا كۆرىدۇ، پۈتۈنلەي رول ئېلىش ماھارىتىگە تايىنىدۇ، قۇرۇق گەپ سېتىپ، توغرا يولدىن چەتنەپ كېتىدۇ، ساختىپەزلىك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ قۇرۇق جار سېلىپ ئەمەلىي ئىش قىلماسلىقى ئاممىنى بىزار قىلىدۇ، شوئار توۋلاشقىلا ماھىر بولۇپ، ئىش قىلىشتا قۇرۇق ۋەدە بېرىپ قويۇش ئاممىنىڭ رايىنى قايتۇرىدۇ، بۇنداق ھادىسىلەردىن ھوشيار بولۇش، ئۇنى تۈزەش لازىم.

  بىرتالاي پىلان بىر ئەمەلىي ھەرىكەتكە يەتمەيدۇ، ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەڭ ئاچقۇچلۇق چىڭ قائىدە. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار راست گەپ قىلىپ، قۇرۇق گەپ قىلىشتىن ساقلىنىپ، ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، ساختا تەدبىردىن ساقلىنىپ، مەسئۇلىيەتنى قەلبىگە پۈكۈپ، يۈكنى زىممىسىگە ئېلىپ، خىزمەتنى چىڭ تۇتۇپ، «چەتتە تۇرۇپ ھېسسىياتلىق باھا بېرىش»نى ئازايتىپ، دەرھال ھەرىكەتكە كېلىپ ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىشى كېرەك. مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، بىرىنچى سەپكە داۋاملىق چۆكۈپ ھەيدەكچىلىك قىلىپ، تەكشۈرۈپ، ماتېرىياللارنى ئاز ۋاراقلاپ، نەق مەيدانغا بىۋاسىتە بېرىپ ئاممىغا يېقىنلىشىپ، ئەمەلىي خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرمىگەنلەرنى قاتتىق تەكشۈرۈش كېرەك. ھىيلىگەرلىك قىلىش، ئويۇن قويۇشقا بېرىلىپ كەتكەن، قۇرۇق ھەيۋە قىلىشقا ئادەتلەنگەن، ئىش قىلىشنىڭ ئورنىغا شوئار توۋلاشقا بېرىلىپ كەتكەن، يۈزەكى ئىشلار بىلەن ئالدىراش يۈرىدىغان، قۇرۇق ئىپادە بىلدۈردىغان كادىرلارنى قاتتىق نازارەت قىلىپ مەسئۇلىيەتنى سۈرۈشتۈرىدىغان ئۆتكۈر شەمشەرنى چىقىرىپ، يۇقىرىغىلا مەسئۇل بولۇپ، تۆۋەنگە مەسئۇل بولماسلىق، ساختىلىقنى قوغلىشىپ، ئەمەلىي بولۇشنى قوغلاشماسلىق، نام-مەنپەئەتنىلا قوغلىشىپ، ئىش قىلىشنى قوغلاشماسلىقتەك «ئىپادە بىلدۈرۈش مەدەنىيىتى» ئىستىلىنى تۈگىتىپ، كادىرلارنى ئۆز ئورنىدا چىڭ تۇرۇپ ئىش قىلدۇرۇش، مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ