شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى

قەتئىي تەۋرەنمەي ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالدىدا مېڭىش كېرەك

سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى

2023.04.14 14:07 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جەنجياڭ شەھىرىنىڭ شۈۋېن ناھىيەسى شۈۋېن پورتىدىكى پاراخوت توختىتىش پىرىستانىدا، پاراخوتتىكى يولۇچىلارغا قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى

  4 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولدى. سۈرەتتە: 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ ماۋمىڭدىكى گاۋجوۋ شەھىرىنىڭ گېنزى بازىرى بەيچياۋ كەنتىدە كەنت ئاھالىلىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇرماقتا

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گۇاڭدۇڭدا تەكشۈرۈشتە بولغاندا مۇنداق تەكىتلىدى: گۇاڭدۇڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى باشلامچى، ئالدىن يولغا قويغان جاي، تەجرىبە رايونى بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى ئومۇمىي ۋەزىيىتىدە ئورنى مۇھىم، رولى گەۋدىلىك. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىن ئىبارەت بۇ باش ۋەزىپە ۋە يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىنى چۆرىدەپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شەھەر - يېزا رايونلىرىنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مەملىكەت بويىچە داۋاملىق ئالدىدا مېڭىشى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا ئالدىدا مېڭىشى كېرەك.

  4 - ئاينىڭ 10 - كۈنىدىن 13 - كۈنىگىچە، شى جىنپىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى خۇاڭ كۇنمىڭ ۋە ئۆلكە باشلىقى ۋاڭ ۋېيجۇڭنىڭ ھەمراھلىقىدا، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ جەنجياڭ، ماۋمىڭ، گۇاڭجوۋ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، كارخانا، پورت، يېزا قاتارلىقلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ئالدى بىلەن جەنجياڭ شەھىرىنىڭ دۇڭخەي ئارىلىغا جايلاشقان دۆلەت 863 پىلانى تۈرىدىكى دېڭىز سۈيى باقمىچىلىقى، نەسىل يېتىشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنىڭ جەنۇبىي بازىسىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز - ئوكيان بېلىقچىلىق تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلاپ، بېلىقچىلىقتا ئەلا نەسىل يېتىشتۈرۈش كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، نەق مەيداندىكى پەن تەتقىقات ۋە باقمىچىلىق خادىملىرىدىن نەسىل تاللاپ يېتىشتۈرۈش تېخنىكىسى، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى بويىچە نەسىل يېتىشتۈرۈش ئەھۋالى، بازار باھاسى قاتارلىقلارنى سورىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو 1 مىليارد 400 مىليوندىن ئارتۇق نوپۇسى بار چوڭ دۆلەت، تاماق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا، ئومۇمىي يېمەكلىك قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، ھەم قۇرۇقلۇق يېمەكلىكىنى، ھەم دېڭىز - ئوكيان يېمەكلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، دېڭىز - ئوكياننىڭ يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىپ، دېڭىز ئۈستى باقمىچىلىق مەيدانى، «كۆك ئاشلىق ئامبىرى» بەرپا قىلىش كېرەك. نەسىل يېتىشتۈرۈش كەسپى زامانىۋى دېھقانچىلىق ۋە بېلىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاساسى، بۇ خىزمەتنى ئىنچىكە، ياخشى ئىشلەش كېرەك. چوڭقۇر دېڭىز باقمىچىلىقى جابدۇقلىرى ۋە ئاقىل بېلىقچىلىقنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دېڭىز - ئوكيان بېلىقچىلىقىنىڭ ئۇچۇرلىشىش، ئەقلىي ئىقتىدارلىشىش، زامانىۋىلىشىشقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  جەنجياڭ مانگروۋا ئورمىنى دۆلەت دەرىجىلىك تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى بولۇپ، دۆلىتىمىزدىكى مانگروۋا ئورمىنى كۆلىمى ئەڭ چوڭ، تارقىلىشى ئەڭ مەركەزلەشكەن تەبىئىي مۇھاپىزەت رايونى. شى جىنپىڭ مۇھاپىزەت رايونىنىڭ شەرقىي قىسمىغا جايلاشقان ماجاڭ رايونىنىڭ خۇگۇاڭ بازىرى جىننيۇ ئارىلى مانگروۋا ئورمىنى بۆلەك رايونىغا كېلىپ، مانگروۋا ئورمىنىنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى ۋە ئەتراپتىكى ئېكولوگىيە - مۇھىتنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: بۇ مانگروۋا ئورمىنى «دۆلەت گۆھىرى»، ئۇنى كۆز قارىچۇقىمىزنى ئاسرىغاندەك ياخشى ئاسرىشىمىز كېرەك. دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. يېشىل تەرەققىياتتا چىڭ تۇرۇپ، ئەۋلادمۇئەۋلاد ئىشلەپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇپ، يەرشارى كەنتىنى ياخشى قوغداش ئۈچۈن جۇڭگو تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك.

  4 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، شى جىنپىڭ جەنجياڭ شەھىرىنىڭ شۈۋېن ناھىيەسىگە كېلىپ، شۈۋېن پورتىدا تەكشۈرۈشتە بولدى. شۈۋېن پورتى تۈرى گۇاڭدۇڭ بىلەن خەينەن بىر يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەيدىغان «بىرىنچى نومۇرلۇق قۇرۇلۇش». پورتنىڭ مەخسۇس پىرىستانىدا، شى جىنپىڭ شۈۋېن پورتىنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ قاتناش ئۇل ئەسلىھەلىرىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىنى بىر يۆنىلىشتە تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۇدۇللاشتۇرۇش قاتارلىقلار توغرىسىدىكى خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ پاراخوت توختىتىش پىرىستانىغا كېلىپ، پاراخوتلارنىڭ توختىشى، يولۇچىلارنى يۆتكەپ توشۇش قاتارلىقلارنى كۆزدىن كەچۈردى. پاراخوتتىكى يولۇچىلار باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، بەس - بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە قول ئىشارىسى قىلىپ ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ سەپىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشىنى تىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: چيۇڭجوۋ دېڭىز بوغۇزى دۆلەتنىڭ نەنخەي دېڭىزىنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئىستراتېگىيەلىك يولى، شۇنداقلا خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدىكى مۇھىم ئۆتەڭ، «ئالتۇن سۇ يولى» ۋە يولۇچى، يۈك تىرانسپورتىدىكى ئەڭ ياخشى يول بولۇشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، شۈۋېن پورتىنى گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ۋە خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى تۇتاشتۇرىدىغان زامانىۋىلاشقان سۇ، قۇرۇقلۇق قاتناش تىرانسپورت ئۇنىۋېرسال تۈگۈنى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

  شۈۋېن پورتىدىن ئايرىلىپ، شى جىنپىڭ بېيبۇۋەن قولتۇقىنى ئايلىنىپ ئۆتىدىغان گۇاڭدۇڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشىنىڭ جەنۇبقا سۇ يەتكۈزۈش ئۇلىنىش پونكىتى − شۈۋېن ناھىيەسى داشۈيچياۋ سۇ ئامبىرىغا كېلىپ، قۇرۇلۇش، باشقۇرۇش، يۈرۈشتۈرۈش ۋە داۋاملاشما قۇرۇلۇش يىرىك پىلانى قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. خىزمەتچى خادىملار باش شۇجىغا سۇ ئەۋرىشكىسى ۋە كۆزىتىپ ئۆلچەش ئۈسكۈنىلىرىنى كۆرسىتىپ، شۇ جاينىڭ ئەتراپ ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى دوكلات قىلدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۆلىتىمىزدە سۇ كەمچىل، شۇنداقلا سۇ بايلىقىنىڭ تارقىلىشى ئىنتايىن تەكشى ئەمەس. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا، سۇ بايلىقى مەسىلىسىنى ئويلىشىپ، سۇ ئارقىلىق شەھەرنى بېكىتىپ، سۇ ئارقىلىق يەرنى بېكىتىپ، سۇ ئارقىلىق ئادەمنى بېكىتىپ، سۇ ئارقىلىق كەسىپنى بېكىتىپ، سۇ تېجەيدىغان كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك. گۇاڭدۇڭ سۇ بايلىقىنى ئەلالاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى ياخشى تۇتۇپ، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىپ، رايون تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، بالدۇرراق كەڭ خەلق ئاممىسىغا بەخت يارىتىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى ماۋمىڭدىكى گاۋجوۋ شەھىرىنىڭ گېنزى بازىرى بوچياۋ كەنتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بوچياۋ كەنتىدە 6800 مو يەرگە لىجى ئۆستۈرۈلگەن بولۇپ، لىجى ئىشلەپچىقىرىش كەسپىي كەنتى ھېسابلىنىدۇ. شى جىنپىڭ لىجى ئۆستۈرۈش باغچىسىغا كىرىپ، شۇ جاينىڭ خاس تېرىقچىلىق كەسپى ۋە مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى ھەم نەق مەيداندىكى تېخنىك خادىملار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ بوچياۋ لۇڭيەن - لىجى كەسپىي ھەمكارلىق كوپىراتىپىغا كېلىپ، ھەمكارلىق كوپىراتىپىنىڭ تىجارىتى ۋە يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق ئەھۋاللار توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يەر لىجى ماكانى، لىجى ئۆستۈرۈش تارىخىي ۋارىسلىق قىلىشقا ۋە مەدەنىيەت ئاساسىغا ئىگە، خاسلىقى روشەن، ئەۋزەللىكى كۆرۈنەرلىك، بازار بوشلۇقى كەڭ، ئۆستۈرۈش، يېڭى پېتى ساقلاش، پىششىقلاش قاتارلىق تېخنىكىلارنى يەنىمۇ يۈكسەلدۈرۈپ، لىجىدىن ئىبارەت خاس كەسىپ ۋە خاس مەدەنىيەت - ساياھەتنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەك.

  خوشلىشىدىغان چاغدا، كەنت ئاھالىلىرى يۇقىرى ئاۋازدا «باش شۇجى ئامان بولۇڭ» «باش شۇجى جاپا چەكتىڭىز» دەپ تەنتەنە قىلدى. شى جىنپىڭ سەمىمىيلىك بىلەن كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم گۇاڭدۇڭنىڭ غەربىي رايونىغا بېرىشىم، يۇرتداشلارنىڭ لىجى قاتارلىق خاس تېرىقچىلىقنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق ھاللىق تۇرمۇشقا ئېرىشكەنلىكىنى كۆرۈپ ناھايىتى خۇرسەن بولدۇم. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا جەزمەن يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، شەھەر - يېزىلارنىڭ رايون تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئورتاق بېيىش يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇپ، كېيىنكىلەرنىڭ بېيىشىغا ياردەم قىلىش - يۆلەشنى كۈچەيتىپ، يېزا ئۆرپ - ئادەت مەدەنىيلىكىنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا - كەنتلەرنىڭ مۇھىتىنى تۈزەش ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى يىلدىن - يىلغا ياخشىلاش كېرەك.

  شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 12 - كۈنى گۇاڭجوۋ شەھىرىدە تەكشۈرۈشتە بولدى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئۇ ئالدى بىلەن لېجىن كۆرۈنمە فوتو ئېلېكتىر پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى گۇاڭجوۋ ياسىمىچىلىق بازىسىغا كەلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار پۈتۈن ئۆلكىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقنىڭ ھەمتۈرتكە ئېففېكتىنى كۈچەيتىش، سودا سېلىنما ھەمكارلىقىنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئۇسۇلى ۋە ئۈنۈمىنى تونۇشتۇردى. شى جىنپىڭ مەھسۇلات كۆرگەزمىسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، قۇراشتۇرۇش تەرتىپىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، كارخانىنىڭ تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقىيەتلىرىنى تەرىپلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يەرشارىۋى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشى ئاجىز بولۇۋاتقان ئەھۋالدا، جۇڭگو يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتتى، بازار ئەۋزەللىكى تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك بولىدۇ. چەت ئەللىك مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، جۇڭگوغا كېلىپ، گۇاڭدۇڭغا كېلىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىغا كېلىپ، جۇڭگو بازىرىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، كارخانا تەرەققىياتىدا يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ ئارقىدىن گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىلى ئەيئەن يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل پاي چەكلىك شىركىتىگە كېلىپ تەكشۈرۈشتە بولدى. ئۇ كارخانا كۆرگەزمە زالى، ئومۇميۈزلۈك قۇراشتۇرۇش سېخى، باتارېيە ئىشلەپچىقىرىش سېخى قاتارلىقلارغا كىرىپ، كارخانىنىڭ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىش ۋە ياسىمىچىلىقنى يۇقىرى دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، يېشىللاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. گۇاڭجوۋ ئاپتوموبىلى تەتقىقات يۇرتىدا، شى جىنپىڭ ئەقلىي ئىقتىدارلىق تور تۇتاشتۇرۇش تەجرىبىخانىسى، مودېل لايىھەلەش تەجرىبىخانىسى قاتارلىقلارنى تەپسىلىي كۆردى ھەم پەن - تېخنىكا خادىملىرى، كارخانىچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر، چەت ئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بىلەن پىكىر ئالماشتۇردى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى ئۇزاققىچە ئۆزگەرمەيدۇ، ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىنى ئۆزىمىز مەڭگۈ تاقاپ قويمايمىز. بىز بىلەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى خالايدىغان بارلىق دۆلەتلەر بىلەن، بىز بىر يۆنىلىشتە ئىلگىرىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئورتاق گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايمىز. شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو چوڭ دۆلەت، ئەمەلىي ئىقتىسادقا ئەھمىيەت بېرىپ، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ ئىش كۆرۈش يولىدا مېڭىشى كېرەك. ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا مەۋقەنى مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ ئېچىشقا قويۇشىمىز، شۇنداقلا خەلقئارا ھەمكارلىقنى قارشى ئېلىشىمىز كېرەك. مائارىپ ۋە ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئاساسىنى پۇختىلىشىمىز كېرەك.

  4 - ئاينىڭ 13 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، گۇاڭدۇڭنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدە مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە. گۇاڭدۇڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى گۇاڭدۇڭنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى چوڭ پۇرسەت، چوڭ ئىش سۈپىتىدە چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، جۇجياڭ دېلتىسىنى ئاساسىي بازا قىلىپ، پۈتۈن ئۆلكىنىڭ كۈچىگە تايىنىپ بۇ چوڭ ئىشنى ياخشى قىلىپ، گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تىرەك نۇقتىغا، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتتىكى ئۈلگە كۆرسىتىش ئورنىغا، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى باشلامچى ئورۇنغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى ئاچقۇچ. يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، رايون يېڭىلىق يارىتىش سىستېما قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، مۇستەقىل يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، تىرىشىپ ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردىكى قىيىن مەسىلىلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىشتا تېخىمۇ زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشىغا مەدەت بېرىشنى كۈچەيتىپ، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ۋە يادرولۇق رىقابەت كۈچىگە ئىگە تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش تىپىدىكى كارخانىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق ئورنىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى ۋە ئىختىساسلىقلار زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش ۋە كەسىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، يەرشارىۋى تەسىر كۈچكە ئىگە كەسىپلەر بويىچە پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىش كېرەك. گۇاڭدۇڭ - شياڭگاڭ - ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى ئىختىساسلىقلار ئېگىزلىكى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىدىغان يۇقىرى سەۋىيەلىك ئىختىساسلىقلار توپلىنىش ئېففېكتىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئەمەلىيەتتىن ئايرىلغان مەۋھۇم يولدا مېڭىشقا بولمايدۇ، جەزمەن ئەمەلىي ئىقتىسادنى تىرەك قىلغان زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش كېرەك. گۇاڭدۇڭ ياسىمىچىلىق ئارقىلىق ئۆلكىنى گۈللەندۈرۈشتە باشتىن - ئاخىر چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، كەسىپلەرنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، كەسىپ ئاساسىنى ئالىي دەرىجىلىكلەشتۈرۈش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، تېخىمۇ خەلقئارا رىقابەت كۈچىگە ئىگە زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ئومۇمىي خەلق ئورتاق بېيىش جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ماھىيەتلىك ئالاھىدىلىكى، رايونلار ماس تەرەققىي قىلىش ئورتاق بېيىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ مۇقەررەر تەلىپى. گۇاڭدۇڭ رايون تەرەققىياتى تەڭپۇڭ بولماسلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا كۈچ سەرپ قىلىپ، قاتناش قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى رايونلار ئارا ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، گۇاڭدۇڭنىڭ شەرقى، گۇاڭدۇڭنىڭ غەربى، گۇاڭدۇڭنىڭ شىمالىدىكى رايونلارنىڭ جۇجياڭ دېلتىسى رايونىدىكى كەسىپلەرنىڭ تەرتىپلىك يۆتكىلىشىنى تېخىمۇ ياخشى قوبۇل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشى ۋە ئۇنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك. قۇرۇقلۇق بىلەن دېڭىزنى بىرتۇتاش پىلانلاش، تاغلىق رايونلار بىلەن دېڭىز بويىدىكى رايونلار ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، پورت - كەسىپ - شەھەر ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دېڭىز - ئوكيان ئېكولوگىيەسىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، دېڭىز - ئوكيان كۈچلۈك ئۆلكىسىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشى كېرەك. ناھىيە بازىرىنى مۇھىم ۋاسىتە قىلغان يېڭىچە شەھەر - بازارلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، زامانىۋى يېزا - كەنت كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، يېڭىچە يېزا كوللېكتىپ ئىگىلىكىنى راۋاجلاندۇرۇپ، يېزا - كەنت قۇرۇلۇشى ھەرىكىتىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. قايتا نامراتلىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بويىچە ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ ئۆلچەش ۋە دائىملىق ياردەم قىلىش - يۆلەشنى سىجىل ياخشى ئىشلەپ، قايتا نامراتلىشىپ كېتىش كۆرۈلۈشنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى ئاشۇرۇش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ سەرپ قىلىپ ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا تەربىيەلىشى، يېتەكلىشى كېرەك. ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاشتا، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئىدىيە جەھەتتە ئاساستىن تۈزەپ مەنبەدىن ساپلاشتۇرۇپ، ئاساسنى چىڭىتىپ قۇۋۋەت توپلاپ، ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى مەھكەم تۇتۇش كېرەك. بىرىنچى، غايە - ئېتىقادنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ قىممەت ئىنتىلىشى ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە بولغان يۈكسەك دەرىجىدە سىياسىي جەھەتتىن قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىدىن ئىبارەت بۇ «باش كەيگۇەن»نى ياخشى ئىگىلەش كېرەك. ئىككىنچى، پارتىيەگە بولغان سادىقلىقنى مۇستەھكەملەپ، ئاڭلىق ھالدا پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىرتۇتاش رەھبەرلىكىنى قەتئىي قوغداپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، باشتىن - ئاخىر سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يول جەھەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، پارتىيەگە سادىق بولۇشنى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇش، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەمەلىي ھەرىكىتىدە نامايان قىلىشى كېرەك. ئۈچىنچى، خەلقنىڭ مەيدانىدا چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي مەقسەت ئېڭىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەسلىي مەقسەت، بۇرچنى چىڭ ساقلاپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەنىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ رازى بولۇش - بولماسلىقىنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئۈنۈمىنى باھالاشتىكى تۈپ ئۆلچەم قىلىپ، خەلق ئاممىسى ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىلىرىنى ياخشى ھەل قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان ئىشلارنى ئەمەلىي قىلىپ، خەلق قەلبىنى ئىللىتىدىغان ئىشلارنى ئىنچىكە قىلىپ، خەلق رايىغا ياقىدىغان ئىشلارنى ياخشى قىلىپ، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىدىن ئومۇمىي خەلقنى تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ ئادىل مەنپەئەتلەندۈرۈش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى.

  لى گەنجيې، خې لىفېڭ ھەم مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار تەكشۈرۈشتە ھەمراھ بولدى، باش تېما تەربىيەسى مەركەز 7 - يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىدىكى مەسئۇل يولداشلار دوكلات بېرىش يىغىنىغا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ