دىڭ شۆشياڭ لائوسنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سالۇمساي بىلەن كۆرۈشتى

2023.04.18 09:05 مەنبە: خەلق تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 17-چېسلا بېيجىڭدا لائوسنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە دىپلوماتىيە مىنىستىرى سالۇمساي بىلەن كۆرۈشتى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن باش شۇجى، دۆلەت رەئىسى تۇڭ لۈننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن لائوس يۇقىرى ئۆلچەملىك، يۇقىرى سۈپەتلىك، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق قۇرۇش يېڭى دەۋرگە قەدەم قويدى. ئىككى تەرەپ ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى تۈپ مىزان قىلىپ، جۇڭگو-لائوس تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشى كېرەك. جۇڭگو لائوس بىلەن جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم بېرىش-يۆلەش تەدبىرلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رايون گۈللىنىشى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سالۇمساي مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ لائوسنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتىنى قوللىغانلىقىغا رەھمەت، لائوس جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تەشەببۇس ۋە ئىدىيەلەرنى قەتئىي قوللايدۇ ھەمدە پائال قاتنىشىدۇ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، لائوس-جۇڭگو تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ياخشى قۇرۇپ، سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ