شى جىنپىڭ تېلېگرامما ئەۋەتىپ دىئاز - كانېلنىڭ كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى

2023.04.21 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كۇبا كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، كۇبا دۆلەت رەئىسى دىئاز - كانېلغا تېلېگرامما ئەۋەتىپ، ئۇنىڭ كۇبانىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە ئۇدا سايلانغانلىقىنى تەبرىكلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ھازىر، جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتى يۇقىرى سەۋىيەدە ئايلىنىشنى ساقلىدى ھەم ئۈزلۈكسىز يېڭى ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈردى. بۇلتۇر 11 - ئايدا، رەئىس دىئاز - كانېلنىڭ جۇڭگوغا بولغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولدى، بىز يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - كۇبا ئالاھىدە دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدۇق. مەن جۇڭگو - كۇبا مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، رەئىس دىئاز - كانېل بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە بولغان سىياسىي يېتەكچىلىكنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو - كۇبا تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايمەن.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ