لى چياڭ گوۋۇيۈەننىڭ تۇنجى قېتىملىق مەخسۇس تېمىلىق ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.04.24 11:22 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 23-كۈنى، گوۋۇيۈەن «يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىنى پۇختا ئىگىلەش»نى باش تېما قىلىپ، تۇنجى قېتىملىق مەخسۇس تېمىدا ئۆگىنىشنى باشلىدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ ئۆگىنىشكە رىياسەتچىلىك قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇكەممەل، توغرا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا كۈچەپ تۈرتكە بولۇش شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. بىز شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئەمەلىي مەزمۇنىنى ھەقىقىي ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى دەل جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجە-ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك.

  جۇڭگو ماكرولۇق ئىقتىساد تەتقىقات يۇرتىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چاڭلىن مەخسۇس تېمىدا لېكسىيە سۆزلىدى. گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ، جاڭ گوچىڭ، دۆلەت كومىسسارى چېن يىچىن پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  لى چياڭ لېكسىيە ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: باش شۇجى شى جىنپىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشتىكى مۇھىم ۋەزىپە، دەپ تەكىتلىدى. بىز بۇ مۇھىم ھۆكۈمگە بولغان چۈشىنىش ۋە تونۇشنى ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيە يۈكسەكلىكىدىن چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ئىچكى تەلەپ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئازاد قىلىپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، تىرىشىپ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن پۇختا ماددىي تېخنىكا ئاساسى سېلىشىمىز كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ مۇھىم، زور ئۆتكەلدىن ھالقىشتىكى مۇقەررەر تاللاش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، سۈپەت ئۆزگىرىشى، ئۈنۈم ئۆزگىرىشى، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئۆزگىرىشىنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يولىدا پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىككە ئېرىشىشتىكى ئاچقۇچ ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئېنىقلىقى ئارقىلىق تاشقى ۋەزىيەتنىڭ ئېنىقسىزلىقىغا تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات مول ئەمەلىيەت مەزمۇنىغا ئىگە. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا ئاڭلىق سىڭدۈرۈپ، تەرەققىياتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش، ماس بولۇش، يېشىل بولۇش، ئېچىۋېتىش، ئورتاق بەھرىلىنىش ئىچكى بىرلىكى ئارقىلىق باشتىن-ئاخىر تەرەققىياتنى ئىگىلىشىمىز، تەرەققىياتنى ئۆلچىشىمىز، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. سۈپەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئۈنۈمنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ سۈپىتىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈرۈش ۋە مىقدارىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي تەۋرەنمەي چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى چوڭقۇر ئۆزگەرتىپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، تەرەققىيات ۋە بىخەتەرلىكنى تېخىمۇ ياخشى بىرتۇتاش پىلانلاپ، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى تىرىشىپ تېخىمۇ كۈچەيتىشىمىز، تەرەققىيات ئۇسۇلىنى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇشىمىز كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش خىزمىتىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، خەلق ئاممىسىغا يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇشىمىز كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەلىك، ئۇزاق مۇددەتلىككە ئىگە، جەزمەن توغرا خىزمەت تاكتىكىسى ۋە ئۇسۇلىنى ئىگىلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈش كېرەك. سىستېمىلىق قاراشنى كۈچەيتىپ، خىزمەتنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈپ، ھەرقانداق ئىشتا بىر پۈتۈنلۈك، ئۇنىۋېرساللىقنى كۆپرەك ئويلىشىش كېرەك. خىزمەتنىڭ بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، تۈرتكىلىك رول ئوينايدىغان ۋاسىتە ۋە تۇتقىنى پائال پىلانلاش كېرەك. خىزمەتنىڭ تەسىرلەندۈرۈش كۈچىنى ئاشۇرۇپ، باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ كۆلەمدە جانلاندۇرۇپ، ئىستىلنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش پىكىر يولى، تەدبىرى ئارقىلىق بىر تۈركۈم گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ