سەي چى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە خىزمىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە ياخشى مېڭىش لازىم

2023.04.24 23:51 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 24-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ پارتىيە خىزمىتى ۋە ئىنتىزام تەكشۈرۈش خىزمىتى يىغىنى 4-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى سەي چى يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ سۈپىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، بىرىنچى سەپتە ياخشى مېڭىپ، «ئۈچتە ئۈلگە بولۇش»نى ياخشى ئىشلەپ، ئۈلگىلىك ئورگان قۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىغا يۈكلىگەن تۈرلۈك خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ياخشى باشلىنىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش كېرەك.

  سەي چى مۇنداق دېدى: بۇ يىل پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ باشلىنىش يىلى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى سىياسىي ئورگان ئېڭىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي ئىنتىزامى ۋە سىياسىي قائىدىسىنى چىڭىتىپ، پارتىيەلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرما-تەلەپلىرىنىڭ جايىدا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامنى چىڭ تۇتۇشنىڭ روشەن يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، «تۆتتە كۈچلۈك» پارتىيە ياچېيكىسى بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشى بىلەن كەسىپلەرنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، پارتىيەۋىلىك جەھەتتىن چېنىقىشنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلامدىن ئىبارەت بۇ دەرسنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەمەلىيەت داۋامىدا چېنىقىشنى باشتىن كەچۈرۈپ، ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش كېرەك. سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيەتنى قاتلاممۇ قاتلام چىڭىتىپ، شۇجى تۇتۇش، شۇجىنى تۇتۇشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت خاھىش» نى تۈزەشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىنتىزام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىپ، «چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىق» نى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك.

  سەي چى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بۇ يىللىق ئورگان پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم، زور ۋەزىپە قىلىپ، يۇقىرى ئۆلچەم، قاتتىق تەلەپتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، يۆنىلىش بەلگىسىلىك رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. بىر قېتىملىق چوڭ ئۆگىنىش قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر، ئەمەلىي بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. نىشان-ۋەزىپىلەرنى چىڭ كۆزلەپ، باش تېما تەربىيەسىدىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى تۇتاشتۇرۇپ ئالغا سىلجىتىپ، رەسمىيەتچىلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسىلىنى تۈزىتىشنى باش تېما تەربىيەسىنىڭ پۈتۈن جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، خەلق ئاممىسىغا باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. بىر تۇتاش پىلانلاپ تەڭ ئېتىبار بېرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، باش تېما تەربىيەسى بىلەن مەركىزىي خىزمەتنى ئىككى قولدا تۇتۇش، ئىككىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككىگە دەخلى يەتكۈزمەسلىكنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى تارماقلار، ئورگان پارتكوملىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى، ئالتە تارماق پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ