شى جىنپىڭ گابون زۇڭتۇڭى بانگو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2023.04.20 08:59 مەنبە: خەلق تورى

  4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن گابون زۇڭتۇڭى بانگو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن بۇرۇن، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن بانگو ۋە رەپىقىسى سىلۋىيە بىلەن بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشتى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شۆرېن فوتوسى

  4 ـ ئاينىڭ 19 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىگە كەلگەن گابون زۇڭتۇڭى بانگو بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو ـ گابون ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى قارار قىلدى.

  شى جىنپىڭ بانگونىڭ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قارشى ئالدى. شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: كېلەر يىلى بىز جۇڭگو ـ گابون دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. يېرىم ئەسىردىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ نەچچە ئەۋلاد رەھبەرلىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتەكلىشىدە، جۇڭگو ـ گابون دوستلۇقى باشتىن ـ ئاخىر ئۇيۇل تاشتەك مۇستەھكەم بولدى. ئىككى تەرەپ ئۆزئارا قەتئىي قوللاپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق مەنپەئىتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىدى. جۇڭگو گابوننىڭ سەمىمىي دوستى. سىزنىڭ بۇ قېتىم جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقىڭىز جۇڭگو ـ گابون مۇناسىۋىتىنىڭ مۇھىملىقى ۋە يۇقىرى سەۋىيەسىنى يەنە بىر قېتىم تولۇق نامايان قىلدى. جۇڭگو ـ گابون مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇر، سىجىل ئالغا سىلجىتىش ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق ۋە ئۇزاق مەزگىللىك مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن بولۇپلا قالماي، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشتىمۇ مۇھىم ئۈلگىلىك رول ئوينايدۇ. جۇڭگو تەرەپ گابون تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو ـ گابون ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتماقتا، گابونمۇ «يېڭىدىن گۈللەنگەن گابون» قۇرۇپ چىقىش ئىستراتېگىيەلىك نىشانىنى بالدۇرراق ئىشقا ئاشۇرۇشقا پائال كۈچ چىقارماقتا. جۇڭگو تەرەپ گابون تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىر ـ بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە چېتىلىدىغان ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەردە بىر ـ بىرىنى قەتئىي قوللاشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ گابون تەرەپنىڭ ئۆز دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، گابون تەرەپ بىلەن بولغان ئىستراتېگىيەلىك ئۇدۇللىشىشنى كۈچەيتىپ، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، ئورمانچىلىق، بېلىقچىلىق، رەقەملىك ئىقتىساد ۋە كەسىپلەر باغچىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئالغا سىلجىتىپ، گابوننىڭ ئىقتىسادنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتى ۋە كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى قوللاپ، يېشىل «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش جەھەتتە جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقى ئۈلگىسىنى بەرپا قىلىشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ساياھەت، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش، نامراتلىقنى ئازايتىش، دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ يەنە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردا ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتى ۋە خەلقئارا ئادىللىق، ھەققانىيلىقنى قوغدىشى، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ گابون تەرەپ بىلەن ئورتاق تىرىشىپ، پات ئارىدا ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىش پەيتىدە، ئىككى تەرەپنىڭ دوستانە ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ يېڭى يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۈگۈنكى دۇنيادا، كۆپ خىل خىرىس ۋە تۈرلۈك كىرىزىس گىرەلىشىپ ئۈستىلەندى. جۇڭگو ۋە ئافرىقا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئىلگىرىكى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەكرەك ئېھتىياجلىق. ئىككى تەرەپ «جۇڭگو ـ ئافرىقا دوستانە ھەمكارلىق روھى»نى داۋاملىق ئەۋج ئالدۇرۇپ، تىنچلىقتا بىللە تۇرۇش بەش پىرىنسىپى قاتارلىق خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىدا چىڭ تۇرۇپ، ھەرقانداق شەكىلدىكى زومىگەرلىك ۋە زوراۋانلىق سىياسىيسىغا قەتئىي قارشى تۇرۇپ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ئافرىقىنىڭ خاسلىققا ئىگە، مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تەرەققىيات يولىدا مېڭىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئافرىقىنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، سانائەتلىشىش مۇساپىسى، يېشىل تەرەققىياتنى ئالغا سىلجىتىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئافرىقىنىڭ دۇنيانىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيلىك تەرەققىياتىدىكى مۇھىم بىر قۇتۇپقا ئايلىنىشىنى قەتئىي قوللايدۇ، ئۆزىنىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئارقىلىق ئافرىقا تەرەپنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلەپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى جەنۇب ـ جەنۇب ھەمكارلىقى ۋە خەلقئارادا ئافرىقا بىلەن بولغان ھەمكارلىقنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.

  بانگو مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇدا سايلانغاندىن كېيىن ئۇزاق ئۆتمەي تەكلىپ بىلەن جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ناھايىتى شەرەپ ھېس قىلىمەن، مەن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى ۋە جۇڭگونىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەبرىكلەيمەن، بۇ ئىككى قېتىملىق كاتتا يىغىن جۇڭگو خەلقىنىڭ رەئىس شى جىنپىڭغا يۈكسەك ئىشىنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى، شۇنداقلا بىزنىڭ جۇڭگونىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىش يولىدا تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى داۋاملىق قولغا كەلتۈرىدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىمىزنى تېخىمۇ چىڭىتتى. گابون تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى ھەمدە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش قاتارلىق مۇھىم ئىدىيەلەرنى قوللايدۇ. گابون ـ جۇڭگو ئىككى تەرەپ سىياسىي جەھەتتە بىر ـ بىرىگە يۈكسەك ئىشىنىدۇ، باشتىن ـ ئاخىر بىر ـ بىرىنى ھۆرمەت قىلىدۇ، بىر ـ بىرىنى قوللايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان گابوننى قىممەتلىك ياردەم بىلەن تەمىنلەپ، گابون ئىقتىسادىنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتى ۋە سانائەتلىشىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغانلىقىغا رەھمەت ئېيتىمىز، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇل ئەسلىھە، يېزا ئىگىلىكى ۋە ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز، جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرىنىڭ گابونغا كېلىپ سانائەت باغچىسى قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىمىز، جۇڭگو تەرەپ كارخانىلىرىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشنى خالايمىز. گابون تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كېلەر يىلىدىكى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقىنى بىرلىكتە داغدۇغىلىق تەبرىكلەپ، دوستانە ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. گابون بىلەن جۇڭگونىڭ نۇرغۇن خەلقئارا ئىشلاردا ئوخشاش ياكى ئوخشىشىپ كېتىدىغان مەيدانى بار، ھەر ئىككىلىسى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشىغا ئارىلىشىشقا قارشى تۇرىدۇ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ۋە قوش ئۆلچەم قوللىنىشقا قارشى تۇرىدۇ. گابون تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشنى داۋاملىق قويۇقلاشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئافرىقا ھەمكارلىق مۇنبىرى ۋە ئافرىقا ـ جۇڭگو مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ ياخشى تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا، تېخىمۇ كۆپ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى مەبلەغ سېلىش، يېزا ئىگىلىكى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر قۇرۇلۇشى، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپلىك ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن گابون جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا بانگو ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  بانگو يېتىپ كەلگەندە، تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىقتى، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو، گابون ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. بانگو شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرىنىڭ مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  شى جىنپىڭنىڭ رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن ۋە بانگونىڭ رەپىقىسى سىلۋىيە ھەمراھ بولۇپ قارشى ئېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ ۋە رەپىقىسى پېڭ لىيۈەن خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا بانگو ۋە رەپىقىسى سىلۋىيە ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ