ۋاڭ خۇنىڭ بىرلىك سەپ مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بىلەن ئىدىيەنى، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتا قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ توپلاش كېرەك

2023.04.18 09:07 مەنبە: خەلق تورى

  بىرلىك سەپنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسىدا 4-ئاينىڭ 17-كۈنى بېيجىڭدا ئوقۇش باشلاندى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۇرسنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، پۇختا ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، بىرلىك سەپنىڭ كۈچلۈك ئەڭگۈشتەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «ئىككىنى تىكلەش» جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېڭى دەۋردە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور سىياسىي نەتىجىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ نەتىجىلەرنى يارىتىش، مىللەتنىڭ گۈللىنىشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىكى ھەل قىلغۇچ ئامىل، شۇنداقلا يېڭى دەۋردىكى ۋەتەنپەرۋەرلىك بىرلىك سېپىنى مۇستەھكەملەش ۋە زورايتىشنىڭ كۈچلۈك سىياسىي كاپالىتى. سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، سىياسىي مەيدان، سىياسىي يۆنىلىش، سىياسىي پىرىنسىپ، سىياسىي يولدا يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بىلەن باشتىن-ئاخىر يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ باش تېما تەربىيەسى خىزمىتى يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، بىرلىك سەپ سىستېمىسىنىڭ باش تېما تەربىيەسىنى ياخشى تەشكىللەپ، ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بىرلىك سەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلىرىدىكى تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، ياخشى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىرلىك سەپنىڭ ئورتاق ئىدىيەۋى سىياسىي ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك. ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان دەۋر تەلىپىنى ئىگىلەپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى ۋەزىپە-مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچنى زىممىگە ئېلىپ، بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، بۈيۈك بىرلىشىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى مۇساپىدە تېخىمۇ زىچ ئىتتىپاقلىق، تېخىمۇ قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ئارقىلىق يېڭى مەسئۇلىيەت ۋە خىزمەتلەرنى نامايان قىلىش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ بىرلىك سەپ توغرىسىدىكى ۋەزىپە-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى بىرلىك سەپ خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شى تەيفېڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى ۋە مەملىكەتلىك سودا-سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى، پارتىيەسىز-گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەز دۆلەت ئورگانلىرى ۋە ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، شەھەرلىك ھۆكۈمەتلەردە ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان پارتىيە سىرتىدىكى كادىرلار كۇرسىنىڭ ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى مەركەز 20-يېتەكچىلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مۇئاۋىن باشلىقى، مەركەز بىرلىك سەپ خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ۋە ھەرقايسى مەخسۇس مېخانىزم ئەزالىرى، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلار ئۆلكە دەرىجىلىك تەشكىلاتلىرىنىڭ مۇدىر ھەيئەتلىرى كۆپ پارتىيە ھەمكارلىقى مەخسۇس تەتقىقات كۇرسىنىڭ كۇرسانتلىرى ئوقۇش باشلاش مۇراسىمىغا سىرتتىن قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ