«شى جىنپىڭنىڭ <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى» نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.04.18 09:04 مەنبە: خەلق تورى

  مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەشكىللەپ تۈزگەن «شى جىنپىڭنىڭ <يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار> خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش ئوقۇشلۇقى» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئوقۇشلۇق» دېيىلدى) ناملىق كىتاب يېقىندا خەلق نەشرىياتى، جۇڭگو يېزا ئىگىلىكى نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» مەسىلىسىنى ياخشى ھەل قىلىشنى پۈتۈن پارتىيە خىزمىتىدە ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىشتە سىجىل قاتتىق سىگنال ياڭرىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى ۋە تۈپ قوللانما. «ئوقۇشلۇق» جەمئىي 16 مەخسۇس تېمىغا بۆلۈنگەن بولۇپ، «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتىنىڭ تارىخىي ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورنى، تەرەققىيات نىشانى ۋە نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر، تۈزۈم رامكىسى ۋە سىياسەت سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپى بايان قىلىندى ۋە چۈشەندۈرۈلدى.

  «ئوقۇشلۇق»نىڭ نەشر قىلىنىشى كەڭ كادىرلار، ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر، سىستېمىلىق ئۆگىنىپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىكى كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىشىغا پايدىلىق.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ