شى جىنپىڭ خەت ئەۋەتىپ يۈننەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

2023.04.21 16:16 مەنبە: خەلق تورى

  يۈننەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىغا 100 يىل بولغان مۇشۇ پەيتتە، مەن بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللايمەن!100 يىلدىن بۇيان، يۈننەن داشۆ «بارچە ئېقىملار توپلىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىش، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش روھىغا ئەمەل قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب چېگراسىدىكى مىللەتلەر رايونىدا يىلتىز تارتىپ، زور تۈركۈمدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، يۈننەن داشۆنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  شى جىنپىڭ

  2023 - يىلى 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەت ئەۋەتىپ، يۈننەن داشۆ قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقىنى تەبرىكلىدى، بارلىق ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار، ئىشچى - خىزمەتچىلەر ۋە كەڭ مەكتەپداشلارنى قىزغىن تەبرىكلىدى ۋە ئۇلارغا سەمىمىي سالام يوللىدى.

  شى جىنپىڭ تەبرىك خېتىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 100 يىلدىن بۇيان، يۈننەن داشۆ «بارچە ئېقىملار توپلىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، يۇغۇرۇلۇپ يېڭىلىق يارىتىش، دۇنيا خەلققە مەنسۇپ بولۇش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش روھىغا ئەمەل قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ غەربىي جەنۇب چېگراسىدىكى مىللەتلەر رايونىدا يىلتىز تارتىپ، زور تۈركۈمدىكى مۇنەۋۋەر ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، رايونلارنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا مۇلازىمەت قىلىش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش يېڭى مۇساپىسىدە، يۈننەن داشۆنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھى ۋە پارتىيەنىڭ مائارىپ فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەكتەپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ئۈچۈن ئادەم تەربىيەلەپ، دۆلەت ئۈچۈن ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە تۈرتكە بولۇپ، مائارىپ كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش ئۈچۈن يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  يۈننەن داشۆ 1922 - يىلى قۇرۇلغان، 1923 - يىلى رەسمىي ئوقۇش باشلىغان بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ غەربىي قىسىم چېگرا رايونىدىكى ئەڭ بالدۇر قۇرۇلغان ئۇنىۋېرسال داشۆلەرنىڭ بىرى. مەكتەپ قۇرۇلغان 100 يىلدىن بۇيان، يۈننەن داشۆ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ 300 مىڭدىن ئارتۇق تۈرلۈك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى - تەرەققىياتى ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ