مۇھىم خەۋەرلەر

«مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق پېشۋاسى» قولغا چۈشتى، گۇپپاڭچىلار ئويغىنىڭلار

2023.04.24 00:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «بىر پارچە ئاق قەغەزنى 40 مىڭ يۈەنگە ساتقىلى بولىدۇ؛ بىر قونچاق 46 مىڭ يۈەنگە سېتىلىدۇ؛ بىر تال چاچ ئويلىمىغان يەردىن 60000 يۈەنگە سېتىلدى...» خەۋەرلەرگە قارىغاندا، «مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق پېشۋاسى» ياڭ تاۋمىڭ ۋە ئۇنىڭ كوللېكتىپى نىڭبو شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى خەيشۇ شۆبە ئىدارىسى تەرىپىدىن ئالدامچىلىق جىنايىتى بىلەن دېلو تۇرغۇزۇپ تەكشۈرۈلگەن، 30 نەچچە ئادەم ساقچىلار تەرىپىدىن جىنايى ئىشلار بويىچە توختىتىپ قويۇلغان. خەيشۇ ج خ شۆبە ئىدارىسى ئىقتىسادىي رازۋېدكا چوڭ ئەترىتىنىڭ دېلو بېجىرگۈچى ساقچىسىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ياڭ تاۋمىڭ ئۇنىڭ يالغان ئىسمى بولۇپ، ئۇ ئاران تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئىكەن.

  كىشىلەرگە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئۆگىتىدىغان «پېشۋا»نىڭ جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىگە كىرىپ قېلىشى كىشىلەرنى كۈلكىگە قىستايدۇ. بۇ ئىككى يىلدا، ئاتالمىش مۇۋاپپەقىيەتشۇناسلىق پېشۋالىرى ياكى مۇۋاپپەقىيەتشۇناسلىق دەرسلىرى توردا كەڭ تارقالدى، ئۇلار قايناق ھېسسىياتقا تولغان، ماركېتىڭغا پىششىق، ئالدامچىلىق ھىيلىلىرىگە باي، گۇپپاڭچىلىرى كۆپ. ئىلگىرى «بىر كۈندە 2000 كۇپلىت شېئىر يازالايدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىنغان «تالانتلىق قىز» سېن يىنو بولغان، كېيىن كاللىنى يۇيىدىغان «چۈشەنگەنلەر ئالقىش ياڭرىتىڭلار» دېگەن ئادەت سۆزىگە تايىنىپ قىسقا سىن تەقلىد قىلىش دولقۇنىنى قوزغىغان نيې شياۋ پەيدا بولدى. شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق پېشۋاسى»نىڭ قانچىلىك بازىرى بولسا، كىشىلەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتكە بولغان ئىنتىلىشىنىڭ شۇنچە كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

  مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى ئويلاش ھەقىقەتەن خاتا ئەمەس، خاتا بولغىنى ئۈمىدنى خىيالىي تەسەۋۋۇرغا باغلاش. «مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق پېشۋاسى»نىڭ نىقابىنى ئېچىپ تاشلايدىغان بولساق، ئۇلارنىڭ ماھىيىتى پەقەتلا سېپى ئۆزىدىن ئالدامچىلىقتىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئۇلارنى مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنىڭ يولىنى پىششىق بىلىدۇ دېگەندىن كۆرە ئۇلارنى ئۆزىنى بازارغا سېلىشنى پىششىق بىلىدۇ، دېگەن تۈزۈك. ئۇلار «نامرات يىگىتتىن مىليونېر بايغا ئايلىنىش»، «كىشىلەرنىڭ سوغۇق مۇئامىلىسىگە ئۇچراشتىن مەرتىۋىسى يۇقىرى كىشىگە ئايلىنىش» قاتارلىق ئوبرازلارنى توقۇپ چىقىپ، ئادەتتىكى كىشىلەر بىلەن بولغان ئارىلىقنى يېقىنلاشتۇرىدۇ؛ ئېنىقلا پۇل يىغىپ دەرس ساتىدىغان بولسىمۇ، لېكىن «كىشىلەرنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتىش» بايرىقىنى كۆتۈرۈۋېلىپ، بىر قىسىم كىشىلەرنى ئالداپ قاقسەنەم قىلىپ قويىدۇ، ئالدانغانلار يەنە تېخى بۇ «پېشۋا»لارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىدۇ؛ ئۇلار «ئازغىنە بەدەل بىلەن زور نەتىجىگە ئېرىشىدىغان» تېز مۇۋەپپەقىيەت ھېكايىلىرىنى قانچە ماختىغانسېرى، «باشقىلارنىڭ پۇلىنى ئالداش» غەرىزى شۇنچە ئېنىق گەۋدىلىنىدۇ.

  ئاتالمىش «مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق»نىڭ ھىيلىلىرى ئەمەلىيەتتە ئۇنچە ئاقىلانە ئەمەس، ھەتتا يوچۇقلار كۆپ، شۇنداقتىمۇ ئالدانغانلار يەنىلا بىر-بىرىگە ئۇلىشىپ كېلىدۇ، چۈنكى ئاتالمىش «مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق» بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ غايە بىلەن رېئاللىق ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى قوبۇل قىلالماسلىقىدىن پايدىلىنىدۇ. شۇنى بىلىش كېرەككى، رېئاللىقتا «بىر كېچىدىلا تەقدىرنى ئۆزگەرتىدىغان» ئەپسانە-رىۋايەتلەر يوق، شۇنداقلا تېز مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدىغان ھېچقانداق مەخپىي ئۇسۇلمۇ يوق، بار دېگەندىمۇ پەقەتلا مىڭلىغان-تۈمەنلىگەن كىشىلەرنىڭ كەسكىن رىقابىتى ۋە «مۇۋەپپەقىيەت مەڭگۈ ئاز سانلىقلارغا مەنسۇپ» دەيدىغان رەھىمسىز قانۇنىيەت بار. مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەردىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، «پېشۋا»لارنىڭ نۇرغۇن شاگىرتلىرى مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا «مەغلۇبىيەتچىلەر» بولۇپ، بەزىلەر سودىدا مەغلۇپ بولغان، بەزىلەر خىزمىتىدىن قوغلانغان ... بەلكىم ئۇلار ئۈچۈن ئېيتقاندا، «تىرىشىڭ» دەيدىغان بىر ئېغىز نەسىھەت ئۇلارنىڭ ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۈمىدسىزلىكىنى پەسەيتەلمەسلىكى مۇمكىن، لېكىن بىر سائەتلىك دەرس، بىر قېتىملىق لېكسىيە، بىر مەخپىي ئۇسۇلغا ئۈمىد باغلاش ھازىرقى ھالەتنى ياخشىلاشقا تېخىمۇ پايدىسىز. قانداقلا بولمىسۇن، ئەگەر شوئار توۋلاپ، ئازراق پۇل تاپشۇرۇپلا كۆپ پايدا ئالغىلى بولىدىغان ئىش بولسا، ئۇ ھالدا دۇنيادا مەغلۇبىيەتچىلەر قالمىغان بولاتتى.

  يېقىنقى يىللاردا، ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا ھەر خىل «مۇۋەپپەقىيەتشۇناسلىق» دەرسلىرىنىڭ گۇپپاڭچىلىرى ئەۋج ئالدى، ئىبادەتخانا قاتارلىق تىلەك تىلەيدىغان جايلارمۇ قىزىپ كەتتى، نۇرغۇن كىشىلەر ھازىرقى ھالەتنى ئۆزگەرتىشنىڭ «چىقىش ئېغىزى»نى ئىزدەۋاتىدۇ. «بەكلا ئالدىراۋاتقانلىقىڭىزنى بىلىمەن، لېكىن ئالدىرىماڭ» دەيدىغان بىر چاقچاق بار، بۇ ئەسلىدە كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا چاخچاق قىلغاندا ئىشلىتىدىغان سۆزى بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇشقا تەدبىقلاشقا بولىدۇ. دائىم بەزىلەر توسالغۇدىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ قىسقا يول تېپىپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشنى، شۇ ئارقىلىق «پاراغەتلىك تۇرمۇش»قا ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. بىراق شۇنىسى نامەلۇمكى، بۇ توسالغۇلار دەل تۇرمۇشنىڭ ئۆزىدىن كېلىدۇ، ئۇنىڭدىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكىلىمۇ بولمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ