شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى

​ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قىسىمنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك

2023.04.13 15:18 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلماقتا.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشمەكتە.

  شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى گاڭ فوتوسى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4 - ئاينىڭ 11 - كۈنى جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىگە بېرىپ كۆزدىن كەچۈردى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ھەربىي مەشىق ۋە ئۇرۇش تەييارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، تىپ ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، قىسىمنىڭ زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈپ، پارتىيە ۋە خەلق يۈكلىگەن تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنى قەتئىي تاماملاش كېرەك.

  4 - ئايدىكى جەنجياڭ دەرياسىدا زۇمرەتتەك سۇ مەۋج ئۇرۇپ، ئەتراپ باھار تۈسىگە چۆمگەنىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10لاردا، شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى ئورگىنىغا كەلدى. قىزغىن ئالقىش سادالىرى ئىچىدە، شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىدىكى ئوفىتسېر - ئەسكەرلەر ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي كۆرۈشتى، كۆپچىلىك بىلەن سۈرەتكە چۈشۈپ خاتىرە قالدۇردى.

  ئارقىدىن، شى جىنپىڭ جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قۇرۇلۇش ئەھۋالى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆپ ۋاسىتىلىك فىلىمنى كۆردى، ئالاقىدار خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ قىسىم قۇرۇلۇشى ۋە ۋەزىپىنى تاماملاش ئەھۋالىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەربىي ئىشلار مەسىلىسىنى سىياسىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئويلىنىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كۈرەشنى قەتئىي، جانلىق قانات يايدۇرۇپ، مۇرەككەپ ئەھۋاللارغا ۋاقتىدا، مۇۋاپىق تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ زېمىن ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە دېڭىز - ئوكيان ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش، ئەتراپ ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى تىرىشىپ قوغداش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇرۇش تەييارلىقى ئارقىلىق مەشىققە يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇرۇش ۋە ئۇرۇش قىلىش مەسىلىسى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۇرۇش قىلىش ئۇقۇمى ۋە ئۇرۇش قىلىش ئۇسۇلى، مەشىق ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئەمەلىي ئۆرنەك بويىچە قارشىلىشىش مەشىقىنى كۈچەيتىپ، نۇقتىلىق تېمىلاردا مەخسۇس ھۇجۇم مەشىقىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، مەشىق سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭىچە ئۇرۇش قىلىش كۈچى ۋە ۋاسىتىسىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، يېڭى خۇسۇسىيەتكە ئىگە جەڭگىۋار كۈچ قۇرۇلۇشىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قانۇنىيىتىنى ئىگىلەپ، يېڭى جابدۇق، يېڭى كۈچ ئارقىلىق ئەمەلىي ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارىنىڭ تېز شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. سىستېما قۇرۇلۇشىدا، سىستېمىنى تەتبىقلاشتا چىڭ تۇرۇپ، كەمتۈكلۈكلەر، ئاجىز تۈرلەرنى چوڭقۇر ھەل قىلىپ، ئۇرۇش قىلىش سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: قىسىمدا پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى ۋە پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇر، ياخشى تۇتۇپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ ۋە يولغا قويۇپ، «ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىشلىرىغا تۆھپە قوشۇش» تەربىيە - ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، پارتىيەگە قەتئىي سادىق بولۇش ئىدىيەۋى ئۇلىنى پۇختىلاپ، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئىختىساسلىقلار خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش، ئىختىساسلىقلار قوشۇنىنى زورايتىش كېرەك. سىياسىي جەھەتتىن رەتكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىش، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. قىسىملاردا تەربىيەلەش، باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، قەتئىي بوشاشماي ئاساسىي قاتلامنى تۇتۇپ، ئاساس سېلىپ، قىسىمنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك، بولۇپمۇ رەھبىرىي كادىرلار تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، قىسىم قۇرۇلۇشىدىكى گەۋدىلىك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ئەستايىدىل ھەل قىلىپ، پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىينچىلىقىنى ھەل قىلىپ، كەڭ ئوفىتسېر - ئەسكەرلەرنى يېتەكلەپ، جەنۇبىي قىسىم ئۇرۇش رايونى دېڭىز ئارمىيەسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى ئۈزلۈكسىز يارىتىشى كېرەك.

  جاڭ يوۋشيا قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ