ۋاڭ خۇنىڭ ئىككى قىرغاق كارخانىچىلىرى يىغىنىغا قاتناشقان تەيۋەن تەرەپنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى ليۇ جاۋشۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى

2023.04.12 00:02 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ 4-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا ئىككى قىرغاق كارخانىچىلار يىغىنىغا قاتناشقان تەيۋەن تەرەپنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى ليۇ جاۋشۈەن ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەيۋەن مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئومۇمىي تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەيۋەن خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاق مۇناسىۋىتىنىڭ توغرا يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىمىز. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، ئىككى قىرغاقنىڭ ئالاقە، ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇشقا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئىقتىسادىنى زورايتىشقا تېخىمۇ پايدىلىق. بىز تەيۋەنلىك قېرىنداشلارغا باشتىن-ئاخىر ھۆرمەت قىلىپ، غەمخورلۇق قىلىپ، بەخت يارىتىپ، تەيۋەنلىك قېرىنداشلار، تەيۋەن كارخانىلىرىنى كېلىشنى خالايدىغان، تۇرۇپ قالالايدىغان، يۇغۇرۇلالايدىغان، تەرەققىي قىلالايدىغان قىلىپ، ۋەتەن چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە مىللەتنىڭ گۈللىنىش شان-شەرىپىدىن تېخىمۇ ياخشى ئورتاق بەھرىلەندۈرىمىز.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداشقا تىرىشىمىز، لېكىن «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بىلەن تەيۋەن بوغۇزىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئوت بىلەن سۇدەك سىغىشالمايدۇ. ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلار قول تۇتىشىپ بىر نىيەتتە بولۇپ، تاشقى كۈچلەرنىڭ ئارىلىشىشىغا ۋە «تەيۋەن مۇستەقىللىقى» بۆلگۈنچىلىك ھەرىكەتلىرىگە قەتئىي قارشى تۇرۇپ، ۋەتەننى بىرلىككە كەلتۈرۈش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار ئىشنى بىرلىكتە ۋۇجۇدقا چىقىرىشى كېرەك.

  ليۇ جاۋشۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئىككى قىرغاق كارخانىچىلىرى باشلىقلار يىغىنىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى قىرغاق كەسىپ ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى قىرغاقنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى قىرغاقتىكى قېرىنداشلارنىڭ بەخت-سائادىتىنى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۈللىنىشىنى كۆزلەشنى خالايمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ