مۇھىم خەۋەرلەر

يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ نوپۇسىغا «ساۋاتسىز» دەپ يېزىش كىمدىكى مەسىلە؟

2023.04.24 00:25 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 23-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، شەندۇڭ دېجوۋدىكى بىر ئاتا-ئانا ئەمدىلا تۇغۇلغان بوۋاقنى نوپۇسقا ئالدۇرغاندا، نوپۇس دەپتىرىنىڭ كاتەكچىسىگە بالىنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيەسى «ساۋاتسىز ياكى چالا ساۋات» دەپ ئىزاھلانغان. بۇ ھەقتە شۇ جايدىكى ساقچىخانا «سىستېمىدا ئاپتوماتىك ھاسىل بولغان، ئەگەر بۇ ئاتا-ئانىنىڭ كۆڭلىگە كەلسە، چىقىرىۋەتكىلى بولىدۇ» دەپ ئىنكاس قايتۇرغان.

  بالا ئەمدى تۇغۇلۇشىغىلا «ساۋاتسىز» دەپ يېزىلسا، پەرزەنتىنىڭ ياراملىق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغان ئاتا-ئانىلار چوقۇم بىئارام بولىدۇ. سىستېما سوغۇق بولسىمۇ، ئادەمنىڭ قەلبى ئىللىق بولۇشى كېرەك. سىستېما نېمىشقا چوقۇم مۇشۇنداق تەسىس قىلىنىدۇ؟ «ئوقۇش يېشىغا توشمىغان» دەپ يېزىلسا ياكى بوش قالدۇرۇلسا تېخىمۇ مۇۋاپىق ئەمەسمۇ؟ «سىستېما»دا نېمە گۇناھ؟ ئامما ئۈچۈن ئىش قىلغاندا، ئۆزىنى كۆپرەك ئاممىنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئاممىنىڭ ھالىغا يېتىش كېرەك، ماشىنىلارچە ئۆلۈك پوزىتسىيە بىلەن ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، بولمىسا، ئامما بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتكە زىيان يېتىدۇ، ئاخىرىدا ئوڭايسىزلىنىدىغىنى ئۆزى بولۇپ قالىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ