مۇھىم خەۋەرلەر

يايمىچى، رېمونتچىلارنىڭ تەرتىپلىك قايتىپ كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش لازىم

2023.04.18 23:28 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى يېقىندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، سودا مىنىستىرلىقى خەلققە قولايلىق يارىتىش تۇرمۇش چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، تۇرمۇش ئاساسىي كاپالىتى تۈرىدىكى كەسىپ ھالىتى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئاياغ رېمونت قىلىش، ئاچقۇچ سەپلەش قاتارلىق يايمىچى، رېمونتچىلارنى قېلىپلاشتۇرۇپ ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا قايتۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش ئىستىمالىنى تېخىمۇ قولايلاشتۇردى. بىر مەھەل «يايمىچى، رېمونتچى»دىن ئىبارەت قويۇق تۇرمۇش پۇرىقىغا ئىگە بۇ سۆز قىزغىن مۇنازىرە تېمىسىغا ئايلاندى.

  كىشىلەرنىڭ «يايمىچى، رېمونتچى» قاتارلىقلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىدىكى سەۋەب شۇكى، ئاياغ ياماش، ئاچقۇچ ياساش قاتارلىق بۇ كىچىك ئىشلار ھەممە ئائىلىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چېتىلىدۇ، گەرچە كۆزگە چېلىقمىسىمۇ، لېكىن بولمىسا بولمايدۇ؛ بۇ كىچىك ئىشلارنىڭ قايتىپ كېلىشىنىڭ كەڭ دائىرىدە ھېسسىي ئورتاقلىق پەيدا قىلىشىدىكى سەۋەب شۇكى، نۇرغۇن كىشىلەر تۇرمۇشتا «يايمىچى، رېمونتچى»لارنى تاپالماسلىقتىن كېلىپ چىققان ئاۋارىچىلىقلارغا دۇچ كەلگەن.

  ئۆتكەن بىر مەزگىلدە، نۇرغۇن جايلار شەھەر باشقۇرۇشتا يۈزەكى تەرتىپنى زىيادە قوغلىشىپ، يايمىچىلار، رېمونتچى، ياماقچىلار قاتارلىق كەسپ ھالىتىنى ئاددىيلا «بىر تاياقتا ھەيدىدى». ناشتىلىق، مېۋە سېتىۋېلىشتا دۇكان ئىچىگە كىرىش، ئاياغ يامىتىش، ئاچقۇچ ياسىتىش، كىيىپ يامىتىشتا خالتا كوچىلاردىن ئىزدەپ سوراپ تەستە تېپىش قاتارلىقلار شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇشىغا زور قولايسىزلىق ئېلىپ كېلىپلا قالماي، يەنە شەھەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش بوشلۇقىنى مەلۇم دەرىجىدە قىسقارتتى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەھەللە تاللا بازىرى، قولاي دۇكانلاردىن پەقەت ئادەتتىكى تۇرمۇش بۇيۇملىرىنىلا سېتىۋالغىلى بولىدىغان بولغاچقا، خەلققە قولايلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ.

  «يايمىچى، رېمونتچى»لارنىڭ قايتىپ كېلىشى بىر تەرەپتىن خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت چەمبىرىكىنىڭ ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرىدۇ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بىر قىسىم تۆۋەن كىرىملىك ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولغىلى بولىدۇ. لېكىن شۇنىڭغا دىققەت قىلىش كېرەككى، «يايمىچى، رېمونتچى»لارنىڭ قايتىپ كېلىشىدە، يەنە بىر مۇھىم ئالدىنقى شەرت بار، ئۇ بولسىمۇ «قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك بولۇش»تىن ئىبارەت. شۇڭا يايمىچىلار، رېمونتچى، ياماقچىلار قاتارلىق كەسپ ھالىتىنى ئاددىي، قارىغۇلارچە «بىر تاياقتا ھەيدەش» كە بولمىسىمۇ، ئەمما ئەگەر تەرتىپسىز تىجارەت ئۈزۈل-كېسىل قويۇۋېتىلسە، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان قىستاڭچىلىق، مۇھىت، شاۋقۇن قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۆرۈشنى ھېچكىم خالىمايدۇ.

  شەھەر قۇرۇلۇشى ۋە باشقۇرۇش چوڭ بىر تېما بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا مىليونلىغان كىچىك مەسىلىلەرنى كۆزدە تۇتۇش ۋە قول سېلىشقا توغرا كېلىدۇ. خەلققە قولايلىق يارىتىشنى ماس قەدەمدە ئېلىپ بېرىش، شۇنداقلا شەھەر تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرماسلىق لازىم، تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، دەل جايىدا باشقۇرۇشقا كۈچ سەرپ قىلىشقا توغرا كېلىدۇ.

  شەھەر مەھەللىلىرىنىڭ ئەمەلىيىتىدىن قارىغاندا، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان يېڭىدىن قۇرۇلغان ئولتۇراق رايونلارنىڭ يۈرۈشلۈك ئەسلىھەلىرىنىڭ مۇكەممەللىشىشى ۋە كونا ئولتۇراق رايونلارنىڭ ئۆزگەرتىلىشىگە ئەگىشىپ، 15 مىنۇتلۇق ئىستېمال-مۇلازىمەت چەمبىرىكى ۋە خەلققە قولايلىق مۇلازىمەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى قۇرۇلۇشى نىسبەتەن كەڭ بولغان بوشلۇق باشقۇرۇش ئاساسى بىلەن تەمىنلىدى، ئۆتمۈشتىكى «ھەممىنى بۇزۇپ قايتا تىكلەش»تەك باشقۇرۇش تەپەككۇرى ئاسانلا «باشقۇرسىلا يوقاش، قويۇپ بەرسىلا قالايمىقانلىشىش»نى پەيدا قىلىدىغان بولۇپ، ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن ئەمەس، شۇنداقلا بۇنىڭ ھاجىتى يوق. «يايمىچى، رېمونتچى»لار ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت تىپىدىكى «قوشنىلار مەركىزى، مەھەللە سودا مەركىزى قاتارلىق كۆپ ئىقتىدارلىق دۇكان» قاتارلىق سورۇنلارغا كىرسە بولىدۇ، يەنە ۋاقىت بەلگىلەپ بېرىش، يول بۆلىكى بەلگىلەپ بېرىش قاتارلىق باشقۇرۇش تەدبىرلىرى ئاستىدا جانلىق تىجارەتنى قانات يايدۇرۇپ، يېقىندىكى ئاھالىلەرنى قولايلىق مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ.

  تۇرمۇش پۇرىقى بىر شەھەرنىڭ ئەڭ گۈزەل ئاساسى. ئاممىنىڭ ئېھتىياجى مۇلازىمەتنى يۈرۈشلەشتۈرۈش، باشقۇرۇشقا يېتىشىپ مېڭىشى كېرەك. شەھەر قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇشتا، سىرتقى كۆرۈنۈشى كۆركەم بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى خەلققە پايدىلىق ئەمەلىي تەدبىر قوللىنىپ، خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل قىلىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ