شى جىنپىڭ جۇڭگو - فىرانسىيە كارخانىچىلار كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.04.10 08:53 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە كارخانىچىلار كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى

  4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو - فىرانسىيە كارخانىچىلار كومىتېتى 5 - يىغىنىنىڭ يېپىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: دۇنيادا چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتىدۇ. قىيىنچىلىق ۋە خىرىس ئالدىدا، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىككى دۆلەت ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئەركىن سودا ۋە ئىقتىسادنىڭ يەرشارىۋىلىشىش توغرا يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ ئېلاستىكلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىنى ئىنتايىن زور دەرىجىدە كۈچەيتتى. ئىككى تەرەپ سودا سوممىسى ۋە ئۆزئارا بىۋاسىتە سېلىنمىسى مۇقىم ئاشتى، چوڭ تۈرلەردىكى ھەمكارلىق چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلدى، يېشىل ئىستېمال، يېشىل ئېنېرگىيە، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى.

  جۇڭگو - فىرانسىيە ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، بەلكى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ جانلىنىشىغا بولغان ئىشەنچنى ئاشۇرۇپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇردى. ھازىر جۇڭگو ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ھاياتىي كۈچى تولۇق قويۇپ بېرىلدى، جۇڭگو - فىرانسىيە، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى سۆھبەتلىشىشى ۋە ھەمكارلىقى ئومۇميۈزلۈك قوزغىتىلدى، بىز پۇرسەتنى تۇتۇپ، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، گۈزەل كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىشىمىز كېرەك.

  بىز ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىككى تەرەپلىك ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو دۆلەت ئىچى بازىرىنى كېڭەيتىشنى تېزلىتىش بىلەن بىللە، يۇقىرى سەۋىيەدە سىرتقا ئېچىۋېتىشنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، قائىدە، تۈزۈم، باشقۇرۇش، ئۆلچەم قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا كېڭەيتىپ، فىرانسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتتىن تەڭ بەھرىلىنىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسى، جۇڭگو خەلقئارا مۇلازىمەت سودا يەرمەنكىسى، جۇڭگو خەلقئارا ئىستېمال بۇيۇملىرى كۆرگەزمىسى قاتارلىق مۇھىم، زور سىرتقا ئېچىۋېتىش سۇپىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ، جۇڭگو بازىرىدا تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى نامايان قىلىشنى قوللايدۇ. يېشىللاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش، يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ.

  بىز مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئورتاق مەنپەئىتىنى قوغدىشىمىز كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشىغا تۈرتكە بولىدىغان ئىككى چوڭ كۈچ، كەڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورتاق تونۇشقا، ئورتاق مەنپەئەتكە ھەمدە چوڭقۇر ھەمكارلىق ئاساسىغا ئىگە، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ھەمكارلىقى ئاسىيا - ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىنىڭ گۈللىنىشى ۋە يەرشارىۋى ۋەزىيەتنىڭ مۇقىملىقىغا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە داۋاملىق ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن مۇئامىلە قىلىدۇ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرىدۇ، ياۋروپانىڭ بىر گەۋدىلىشىش قۇرۇلۇشىنى قوللايدۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىتتىپاقلىقى، گۈللىنىشىنى قوللايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ جۇڭگوغا بولغان ئوبيېكتىپ، توغرا تونۇشقا ئەمەل قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىدا چىڭ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشتا يەڭگۈچى يوق. «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» جۇڭگونىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى توسۇپ قالالمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى سىياسىيلاشتۇرۇش، قوراللاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، ھەمكارلىق ئۈچۈن پايدىلىق مۇھىت يارىتىشنى خالايدۇ.

  بىز ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەرشارىۋى ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك. ھازىر، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى مىسلى كۆرۈلمىگەن ئورتاق خىرىسقا دۇچ كەلدى، ئىتتىپاقلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىش بىردىنبىر چىقىش يولى. مېنىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش تەشەببۇسى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق قۇرۇش تەشەببۇسى، يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشۇم دەل ئىتتىپاقلىقنى بۆلگۈنچىلىكنىڭ ئورنىغا، ھەمكارلىقنى قارشىلىشىشنىڭ ئورنىغا، سىغدۇرۇشچان بولۇشنى باشقىلارنى چەتكە قېقىشنىڭ ئورنىغا قويۇپ، ئۇزاققىچە تىنچ بولغان، ئومۇميۈزلۈك بىخەتەر بولغان، ئورتاق گۈللىنىدىغان، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان، پاكىز، گۈزەل دۇنيانى ئورتاق قۇرۇشنى ئۈمىد قىلغانلىقىم ئۈچۈندۇر. بۇ يىل، جۇڭگو 3 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى ئۆتكۈزىدۇ. جۇڭگو تەرەپ فىرانسىيە تەرەپنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەرقايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» رامكىسى ئىچىدە ئىككى تەرەپلىك ۋە 3 - تەرەپ بازار ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەرشارىۋى ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: 2014 - يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى پەيتىدە، مەن جۇڭگو - فىرانسىيەنىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىنى «مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش»قا يىغىنچاقلىغانىدىم. بۇ روھ جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنى باشتىن - ئاخىر جۇڭگونىڭ غەربتىكى چوڭ دۆلەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئالدىنقى قاتاردا مېڭىشقا يېتەكلەيدۇ. كېلەر يىلى بىز جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 60 يىللىقىنى كۈتۈۋالىمىز. ئەنسىزلىككە تولغان خەلقئارا ۋەزىيەتتە، يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋردىكى خەۋپ - خەتەر، خىرىس ئالدىدا، بىز جۇڭگو - فىرانسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىش روھىدا تېخىمۇ چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، جۇڭگو - فىرانسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلەپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭگو - فىرانسىيە سودا - سانائەت ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ قول تۇتۇشۇپ تەڭ ئىلگىرىلەپ، جۇڭگو - فىرانسىيە ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى ئورتاق پۈتۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: ھېلىلا مەن بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپنىڭ بىر قاتار مۇھىم كېلىشىملەرنى ئىمزالىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدۇق، بۇ، فىرانسىيە - جۇڭگونىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش جەھەتتىكى ئورتاق بولغان يۈكسەك ئىرادىسىنى ھەمدە يەرشارىۋى خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى نامايان قىلدى. ھەمكارلىق تاق يۆنىلىشلىك يول ئەمەس، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق نەپ ئېلىش كېرەك. سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان دوستلۇق ھەقىقىي دوستلۇق بولىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە قارشى تۇرىدۇ، تېخىمۇ مۇقىم، ساغلام، ئېچىۋېتىلگەن تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ. فىرانسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىپ، سەمىمىي سۆھبەتلىشىپ، پەرقلەرنى سىغدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھام بېرىپ، قول تۇتۇشۇپ فىرانسىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقىدا سىجىل مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا ماكرون ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ