جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 -، 2 - تومىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2023.04.11 13:26 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 -، 2 - تومىنى ئۆگىنىش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش چىقاردى. تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى تۈزۈپ نەشر قىلىش پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى چىقارغان مۇھىم، زور قارار. ھازىر، «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نىڭ 1 -، 2 - تومى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى، بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ سىياسىي تۇرمۇشىدىكى بىر چوڭ ئىش.

  «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»قا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ 2012 - يىلى 11 - ئايدىن 2022 - يىلى 10 - ئايغىچە بولغان بۇ مەزگىلدىكى مۇھىم ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ مۇھىم ئەسەرلەردە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئۇلۇغ كۈرەش ئېلىپ بېرىش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش قىلىش، ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئۇلۇغ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈش، تارىخىي ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ يېڭى دەۋرىنى ئاچقانلىقىدىن ئىبارەت تارىخىي مۇساپە جانلىق خاتىرىلەنگەن، پارتىيەمىزنىڭ خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش يېڭى مۇساپىسىگە ئاتلىنىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئىلمىي يەكۈنلەنگەن، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشتا قولغا كەلتۈرگەن نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇھىم، زور نەتىجىلەر مەركەزلىك ئەكس ئەتتۈرۈلگەن، بۇ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشىدىكى نوپۇزلۇق دەرسلىك. «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى ئەستايىدىل ئۆگىنىش پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاڭلىق ھالدا ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىجاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشتا ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسلىق ياراتقۇچىسى. پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭ ماركسىزمچى سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، ئىستراتېگىيەچىگە خاس تارىخىي تەشەببۇسكارلىق روھى، قالتىس نەزەرىيەۋى جاسارىتى، ئاجايىپ سىياسىي ئەقىل - پاراسىتى، كۈچلۈك بۇرچ - مەسئۇلىيەتچانلىقى بىلەن يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك بىر قاتار مۇھىم، زور نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەت مەسىلىلىرى ئۈستىدە چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈپ ۋە ئىلمىي ھۆكۈم چىقىرىپ، بىر قاتار ئىجادىي يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ بەرپا قىلىنىشى ۋە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى، ھەل قىلغۇچ تۆھپە قوشتى.

  «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى ئۆگىنىشتە خەلقئارا، دۆلەت ئىچى ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتى، ئۆزگىرىشىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيەنىڭ بۇرچى، ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى كۆزدە تۇتۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتىكى ئاڭلىقلىق ۋە قەتئىيلىكنى كۈچەيتىپ، كۈچەپ كاللىنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشقا كۈچ سەرپ قىلىش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 - ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋرىمىزدىكى جەۋھىرى بولۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشتىكى يېڭى ھالقىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، بۇ ئىدىيەنىڭ ماركسىزم، لېنىنىزم، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسى، دېڭ شياۋپىڭ نەزەرىيەسى، «ئۈچكە ۋەكىللىك قىلىش» مۇھىم ئىدىيەسى، ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، پۈتۈنلەي يېڭىچە نەزەر بىلەن كوممۇنىستىك پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش قانۇنىيىتى، سوتسىيالىستىك قۇرۇلۇش قانۇنىيىتى، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىيات قانۇنىيىتىگە بولغان تونۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچقانلىقىنى تولۇق تونۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ماركسىزمنى بېيىتىش، راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىجادىي تۆھپە قوشقانلىقىنى، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن تارىخىي تۆھپە قوشقانلىقىنى، ئىنسانىيەتنىڭ مەدەنىيلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن دۇنياۋى تۆھپە قوشقانلىقىنى تولۇق تونۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، بۇ ئىدىيەنىڭ ماركسىزملىق پەلسەپە، ماركسىزملىق سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىق، ئىلمىي سوتسىيالىزمغا تۇتاشقان، تارىخ، ھازىر، كەلگۈسىگە تۇتاشقان، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىق، ئىچكى ئىشلار، دىپلوماتىيە، دۆلەت مۇداپىئەسى، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئىدارە قىلىش قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەرگە تۇتاشقان لوگىكىسى پۇختا، ئىچكى خاس مەزمۇنى مول، سىستېمىسى مۇكەممەل، مول ۋە چوڭقۇر مەزمۇنلۇق ئىلمىي سىستېما ئىكەنلىكىنى تولۇق تونۇش كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ھەقىقەت كۈچى ۋە ئەمەلىيەت ئۇلۇغ كۈچىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، بۇ ئىدىيەنىڭ يېڭى دەۋر ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىگە تۈرتكە بولۇش، يېڭى دەۋر ئۇلۇغ ئۆزگىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشتىكى قۇدرەتلىك ئىدىيەۋى قورال ئىكەنلىكىنى، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنى ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تولۇق تونۇش كېرەك.

  «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى ئۆگىنىشتە، جەزمەن نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈشتىن ئىبارەت ماركسىزملىق ئۆگىنىش ئىستىلىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. مەسىلە يۆنىلىشى، ئەمەلىيەت يۆنىلىشى، ئېھتىياج يۆنىلىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، خىزمەت ئەمەلىيىتى ۋە ئىدىيە ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش ئۈنۈمىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشتىكى يۈكسەك ئاڭلىقلىققا ئايلاندۇرۇش، ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى جانلىق ئەمەلىيەتكە ئايلاندۇرۇش كېرەك.

  «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى ئۆگىنىش شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەش، روھنى تاۋلاشتا چىڭ تۇرۇشتىكى مۇھىم، زور سىياسىي ۋەزىپە. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت(پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى ئۆگىنىشنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا زىچ بىرلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشقا بىرلەشتۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى ئەينەن ئۆگىنىش، ئەستايىدىل ئۆزلەشتۈرۈشكە تەشكىللەپ، سۆزنى چۈشىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى مەنىسىنى چۈشىنىش، ئىشنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشىنى چۈشىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى ماھىيىتىنى چۈشىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىلىرى «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى ئۆگىنىش پىلانىغا كىرگۈزۈپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا يولغا قويۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارى، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە مەكتەپ(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)لىرى، كادىرلار شۆيۈەنلىرى «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى تەربىيەلەش، ئوقۇتۇشنىڭ مۇھىم مەزمۇنىغا كىرگۈزۈپ، تۈرلۈك مۇھاكىمە كۇرسى، تەربىيەلەش كۇرسى، ئۆگىنىش كۇرسلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى، قاتلامغا ئايرىلغان، تولۇق قاپلىغان ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر «شى جىنپىڭ ئەسەرلىرىدىن تاللانما ئوقۇشلۇق»نى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەزەرىيە ئۆگىنىش دەرسلىكى قىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى دەرسلىككە كىرگۈزۈش، دەرسخانىغا كىرگۈزۈش، كاللىغا كىرگۈزۈشكە تېخىمۇ ياخشى تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى تەشۋىقات تارماقلىرى، تەشكىلات تارماقلىرى ئۆگىنىشكە بولغان يېتەكچىلىك ۋە ھەيدەكچىلىك − تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، تەشۋىق قىلىپ ۋە خەۋەر قىلىشنى ياخشى ئىشلەپ، لېكسىيە سۆزلەش ۋە تەشۋىق قىلىپ، تونۇشتۇرۇشنى ياخشى تەشكىللەپ، ئۆگىنىشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئۆزىگە ئىشىنىپ، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇپ، توغرا يولدا مېڭىپ يېڭىلىق يارىتىپ، غەيرەت - شىجائەتكە تولۇپ، باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلەپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلايلى!
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ