شى جىنپىڭ فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن جۇڭگو - فىرانسىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى

2023.04.10 08:55 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا فىرانسىيە زۇڭتۇڭى ماكرون، ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن جۇڭگو - فىرانسىيە - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۈچ تەرەپ ئۇچرىشىشى ئۆتكۈزدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە بولۇپ، ھەمكارلىقى رىقابەتتىن زور، ئورتاق تونۇشى ئىختىلاپتىن كۆپ. ھازىر، خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ، كۆپ ئۆزگىرىشچان بولۇۋاتىدۇ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۆھبەتلىشىش، ھەمكارلىشىشنى كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى - مۇقىملىقىنى ئورتاق قوغداپ، ئورتاق تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ يەرشارىۋى خىرىسقا تاقابىل تۇرۇشى كېرەك. بۇ يىل جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۆنىلىشى ۋە ئاساسىي رىتىمىنى ياخشى ئىگىلەپ، ھەرقايسى قاتلام - دەرىجىلىكلەر ئالاقىسىنى ئومۇميۈزلۈك قايتا باشلاپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قوزغىتىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشى ئۈچۈن يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى 3 - تەرەپكە قارىتىلمايدۇ، 3 - تەرەپكە بېقىنمايدۇ، 3 - تەرەپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىك ۋە يىراق كەلگۈسى نۇقتىدىن جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىگە مۇئامىلە قىلىپ، ياۋروپاغا قاراتقان سىياسىتىدە مۇقىملىقنى ۋە ئىزچىللىقنى ساقلاپ كەلدى. ياۋروپا تەرەپنىڭ جۇڭگوغا قارىتا تېخىمۇ مۇستەقىل، ئوبيېكتىپ تونۇش شەكىللەندۈرۈپ، جۇڭگوغا قارىتا ئەمەلىي، ئاكتىپ سىياسەت يۈرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتى ۋە كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم، زور مەسىلىلەرگە ھۆرمەت قىلىپ، سۆھبەتلىشىش ۋە كېڭىشىش ئارقىلىق ئوخشاشلىقلارنى مۇجەسسەملەپ پەرقلەرنى تۈگىتىشى كېرەك. بىر - بىرىنىڭ تەرەققىيات يولىغا ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ۋە ياۋروپانى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئىككى تەرەپنىڭ ھەرقايسىسىنىڭ كەلگۈسىنى كۆزلەپ چىقارغان ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى بولۇپ، ئىككى تەرەپ بىر - بىرىنىڭ تەرەققىيات يولىدىكى ئىشەنچلىك، سەمىمىي ھەمكارلىق ھەمراھى بولۇشى كېرەك. جۇڭگو خەلقى ئۆزى ئىزدەپ تاپقان ئۆز دۆلىتىنىڭ ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان توغرا تەرەققىيات يولىدىن پەخىرلىنىدۇ. ئىككى تەرەپ ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىپ، ئۆزئارا كەڭ قورساق بولۇشى، ئۆزئارا زوقلىنىشى، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. ئاتالمىش «دېموكراتىيە بىلەن ھەيۋىنىڭ قارشىلىشىشى»نى مۇبالىغە قىلىپ كۆرسىتىش، «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى»غا قۇتراتقۇلۇق قىلىش دۇنياغا پەقەت بۆلگۈنچىلىك ۋە قارشىلىشىش ئېلىپ كېلىدۇ. ئوچۇق، ئۆزئارا ئىشىنىدىغان ھەمكارلىق مۇھىتىنى قوغداش كېرەك. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى قوش يۆنىلىشلىك ئېچىۋېتىشنى ساقلاپ، قارشى تەرەپنىڭ كارخانىلىرىنى ئادىل، كەمسىتىش بولمىغان تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىقتىساد - سودا مەسىلىسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش، خەۋپسىزلەشتۈرۈشتىن ساقلىنىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ مۇقىم، ئۆزئارا ئىشەنچلىك بولغان تەمىنلەش زەنجىرى بەرپا قىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ «يەرشارىۋى دەرۋازا» ئىستراتېگىيەسىنى پائال ئۇدۇللاشتۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم ئېشىشىغا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ھەقىقىي كۆپ تەرەپچىللىكتە چىڭ تۇرۇپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت يەرشارىۋى ئىدارە قىلىش قارىشىدا چىڭ تۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئىشلاردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى يادرو قىلغان خەلقئارا سىستېما، خەلقئارا قانۇننى ئاساس قىلغان خەلقئارا تەرتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى ئاساس قىلغان خەلقئارا مۇناسىۋەت ئاساسىي مىزانىنى ئورتاق قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دۇنيانىڭ مۇقىملىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئورتاق قوغداپ، زومىگەرلىككە، يەككە تەرەپچىللىككە قارشى تۇرۇشى، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»كە قارشى تۇرۇشى كېرەك. ئىككى تەرەپ ماكرولۇق ئىقتىساد ۋە پۇل مۇئامىلە سىياسىتى جەھەتتىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېشىل ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېشىل پۇل مۇئامىلە، مۇھىت تېخنىكىسى، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى سۆھبەتلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك. ئىككى تەرەپ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشىغا ياردەم بېرىپ، كۆپ تەرەپلىك ئاپپاراتلار ۋە پۇل مۇئامىلە كاپىتالىنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ قەرزنى كېچىكتۈرۈش تەشەببۇسىغا تېخىمۇ كۆپ قاتنىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئافرىقا قاتارلىق رايونلاردا ئۈچ تەرەپلىك، كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بېرىشى كېرەك.

  ۋوندېرلېيىن مۇنداق بىلدۈردى: ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگونىڭ تارىخى ۋە مەدەنىيىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگونىڭ سەمىمىي ۋە ئىجابىي سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى ساقلىشى ياۋروپانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم. ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن جۇڭگو بىر - بىرىنىڭ مۇھىم سودا ھەمراھى بولۇپ، بىر - بىرىنىڭ ئىقتىسادى يۈكسەك دەرىجىدە باغلىنىشلىق، جۇڭگو بىلەن «مۇناسىۋەتنى ئۈزۈش» ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ مەنپەئىتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، بۇ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تاللىشى ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقى جۇڭگوغا قاراتقان سىياسىتىنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا قارار قىلىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو ئىقتىساد - سودا يۇقىرى قاتلاملىقلار سۆھبىتىنى قايتا باشلاپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو ئىقتىساد - سودا مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم، تەڭپۇڭ تەرەققىي قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ «جانلىقلارنىڭ كۆپ خىللىقى ئەھدىنامىسى» 15 - قېتىملىق ئەھدىنامە تۈزۈشكەن تەرەپلەر يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ كاربون قويۇپ بېرىشنى ئازايتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يەرشارىۋى خىرىسقا ھەمكارلىشىپ تاقابىل تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېگىشلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ماكرون مۇنداق بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيا ئېنىقسىزلىققا تولغان بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو ئىككى تەرەپنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە سەمىمىي، كەمتەر بولۇش پوزىتسىيەسى ئارقىلىق سۆھبەتلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىشىگە توغرا كېلىدۇ. ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش»نىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ كەتمەي، باراۋەر بولغان ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق تەخىرسىز يەرشارىۋى خىرىسلارغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.

  ئۈچ رەھبەر ئۇكرائىنا كىرىزىسى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردى. ۋوندېرلېيىن بىلەن ماكرون ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ قارىشىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى پەيدا قىلغۇچى ئەمەس، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ تېخىمۇ مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن ھەمكارلىشىپ، ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشنىڭ چارىسىنى ئىزدەپ تېپىشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو باشتىن - ئاخىر ئىشنىڭ ھەق - ناھەق، توغرا - خاتالىقىغا ئاساسەن ئۆزىنىڭ مەيدانىنى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولغان ھالدا قارار قىلىپ كەلدى. جۇڭگو تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا مەسىلىسىدىكى فاڭجېنىنى بىر جۈملىگە يىغىنچاقلاشقا بولىدۇ، ئۇ بولسىمۇ ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش. جۇڭگو تەرەپ ھەرقايسى تەرەپلەرنى سوغۇققانلىق ۋە ئاقىلانىلىكنى ساقلاپ، ئورتاق ھالدا تىنچلىق سۆھبىتى ئۈچۈن شارائىت يارىتىشقا ئۈندەيدۇ. نۆۋەتتىكى جىددىي ئىش − ئۇرۇشنى توختىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئوت ئۈستىگە ياغ چېچىشقا، مەسىلىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈۋېتىشكە قارشى تۇرۇش. ئۇكرائىنا كىرىزىسى جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلە ئەمەس. جۇڭگو تەرەپ داۋاملىق تۈردە ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپنىڭ ئۆزىنىڭ تۈپ ۋە يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىنى چىقىش قىلىپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشنىڭ پىكىر يولى ۋە لايىھەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، تەڭپۇڭ، ئۈنۈملۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان ياۋروپا خەۋپسىزلىك رامكىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشىنى قوللايدۇ.

  ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ