باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدا» قاتارلىق باش تېما تەربىيەسى ئۆگىنىش ماتېرىياللىرى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2023.04.10 13:53

  پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇشقا ماسلىشىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات يۇرتى مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى بىلەن بىرلىشىپ، ئايرىم - ئايرىم ھالدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشى توغرىسىدا» «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەدىن مەخسۇس تېمىلىق ئۈزۈندە» «شى جىنپىڭنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» قاتارلىق ئۈچ خىل ئۆگىنىش ماتېرىيالىنى تەھرىرلەپ رەسمىي نەشر قىلدى، بۈگۈندىن باشلاپ پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلىدۇ.

  ئۈچ خىل ئۆگىنىش ماتېرىيالىغا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى ئالاقىدار دوكلاتى، سۆزى، ماقالىسى، يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقى قاتارلىق مۇھىم ھۆججەت - ئەسەرلىرى كىرگۈزۈلگەن، ئۈزۈندە ئېلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى قىسمەن مەزمۇنلار تۇنجى قېتىم ئاشكارا ئېلان قىلىندى.

  ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئەينەن ئۆگىنىپ، كۆپ پىكىر يۈرگۈزۈپ كۆپ ئويلىنىپ، چوڭقۇر ئۆگىنىپ تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇشقا تەشكىللىشى كېرەك.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ