شى جىنپىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشتى

2023.04.10 08:58 مەنبە: خەلق تورى

  4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ رەئىسى ۋوندېرلېيىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ باشتىن - ئاخىر ياۋروپا ئىتتىپاقىنى خەلقئارا ئەندىزىدىكى بىر ئىستراتېگىيەلىك كۈچ دەپ قاراپ كەلدى، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىزچىل جۇڭگو دىپلوماتىيەسىنىڭ ئالدىنقى يۆنىلىشى دەپ قاراپ كەلدى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ بىلەن ياخشى ئەنئەنىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قويۇق ئالاقىنى ساقلاپ، ئىستراتېگىيەلىك ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دىققەتنى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىش ھەمكارلىقىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، كاشىلا ۋە خىرىسنى ئورتاق يېڭىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەدە يۈرۈشۈشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ ئالاقىنى كۈچەيتىپ، توغرا بولغان ئۆزئارا تونۇش تىكلەپ، خاتا چۈشىنىش، خاتا ھۆكۈم قىلىشتىن ساقلىنىشى كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك تارىخىغا ئىگە، ئەزەلدىن ئۇرۇشخۇمارلىققا، كۈچلۈكلەر ئاجىزلارنى بوزەك قىلىشقا، دۆلەت قۇدرەت تاپسا زومىگەرلىك قىلىشقا قارشى تۇرۇپ كەلدى. جۇڭگونىڭ تەرەققىياتى جۇڭگو خەلقىنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش ئۈچۈندۇر. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جۇڭگو تەرەپ ئۆزىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغدايدۇ، ھەرقانداق كۈچنىڭ جۇڭگو خەلقىنى بەختكە ئىنتىلىش ھوقۇق - مەنپەئىتىدىن مەھرۇم قىلىشىغا قەتئىي قوشۇلمايدۇ. جۇڭگو بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى دىققەتنى ھەمكارلىققا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق نەپ ئېلىپ، ئىقتىسادنى يەرشارىۋىلاشتۇرۇش، سودىنى ئەركىنلەشتۈرۈشنى قوللاپ، ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىدىكى مەسىلىلەر ئۈستىدە سۆھبەتلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، كېڭىشىش ئارقىلىق ئىككى تەرەپ بىردەك قوبۇل قىلالايدىغان ئورۇنلاشتۇرۇش ھاسىل قىلىشى كېرەك. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپانىڭ ئېنېرگىيە، پۇل پاخاللىقى قاتارلىق جەھەتلەردىكى خىرىسلارنى ھەل قىلىدىغان، رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشتىكى مۇھىم ھەمراھى، ياۋروپا تەرەپنىڭ جۇڭگونىڭ تەرەققىيات پايدىسىدىن داۋاملىق تەڭ بەھرىمەن بولۇشىنى قارشى ئالىمىز.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ياخشى تەرەققىياتى مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ئاساسىدىكى تىنچلىق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى قەتئىي تەۋرەنمەي يولغا قويىدۇ، ھەرقايسى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ تەرەققىيات يولىنى ئۆز ئالدىغا تاللاش ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ھۆرمەت قىلىدۇ. جۇڭگونىڭ ھەرقانداق دۆلەت بىلەن بولغان ئىككى تەرەپلىك مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشى 3 - تەرەپكە قارىتىلمىغان، 3 - تەرەپكە بېقىنمايدۇ، شۇنداقلا 3 - تەرەپنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى ئىككى تەرەپ پەرققە توغرا قاراپ، ئىختىلاپلارنى تىزگىنلەپ، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ تۈپ ۋە يىراق كەلگۈسى مەنپەئىتىنى كۆزدە تۇتۇپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتى ئومۇمىي ۋەزىيىتىنى چىقىش قىلىپ، جۇڭگو - ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىدا ئاكتىپ رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋوندېرلېيىن مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو ئۇزاق تارىخقا ۋە چوڭقۇر مەدەنىيەتكە ئىگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگونىڭ مەدەنىيلىك ئالماشتۇرۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشى ئىككى تەرەپ ۋە دۇنياغا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ. ياۋروپا ئىتتىپاقى - جۇڭگو كىلىمات ئۆزگىرىشى قاتارلىق يەرشارىۋى خىرىسلارغا تاقابىل تۇرۇش ۋە رايون تالاش - تارتىشىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مەسىلىسىدە نۇرغۇن ئورتاق تونۇشقا ئىگە، ئىككى تەرەپ ئورتاق تىرىشىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشى كېرەك. ياۋروپا ئىتتىپاقى تەرەپ «ئىلمەكتىن ئاجرىتىپ زەنجىرنى ئۈزۈش» بىلەن شۇغۇللىنىشنى قەتئىي قوللىمايدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن بولغان ئالاقە ۋە سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، ئۈچ سۆھبەتلىشىش مېخانىزمىنى بالدۇرراق قايتا قوزغىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  تەيۋەن مەسىلىسى توغرىسىدا، شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: تەيۋەن مەسىلىسى جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنىڭ يادروسى. كىمكى بىر جۇڭگو مەسىلىسىدە قۇسۇر ئىزدىسە، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقى بۇنىڭغا قەتئىي قوشۇلمايدۇ؛ كىمكى جۇڭگو تەيۋەن مەسىلىسىدە مۇرەسسە قىلىدۇ، يول قويىدۇ دەپ ئۈمىد قىلسا، ئۇ بىر خام خىيال، ئۆز پۇتىغا ئۆزى پالتا چاپىدۇ.

  ۋوندېرلېيىن مۇنداق تەكىتلىدى: ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان بىر جۇڭگو سىياسىتىنى ئۆزگەرتىش ئويى يوق، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھۆكۈمىتىنىڭ پۈتۈن جۇڭگوغا ۋەكىللىك قىلىدىغان بىردىنبىر قانۇنلۇق ھۆكۈمەت ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، تەيۋەن بوغۇزى رايونىنىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  ۋاڭ يى، چىن گاڭ قاتارلىقلار ئۇچرىشىشقا قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ