لى چياڭ بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى

2023.04.10 13:52 مەنبە: خەلق تورى

  3-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ خەينەن بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق قوشايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى.

  (شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى)

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 3-ئاينىڭ 30-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، خەينەن بوئاۋدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەمدە «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق قوشايلى» دېگەن تېمىدا ئاساسىي مەقسەت نۇتقى سۆزلىدى. سىنگاپور زۇڭلىسى لى شيەنلوڭ، ئىسپانىيە باش ۋەزىرى سانچىز، مالايسىيا زۇڭلىسى ئەنۋەر، كوتىدىۋا زۇڭلىسى ئاشى، قازاقىستاننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى كويىشېبايېف، موڭغۇلىيەنىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى قوشۇمچە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرى خۇرۇل باتېر، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ لىدېرى گېئورگىيېۋا ۋە بەش قىتئەدىكى 50 نەچچە دۆلەت ۋە رايوندىن كەلگەن 1500دىن ئارتۇق سىياسىي ساھە، سودا-سانائەت ساھەسى ۋە ئاقىللار ئامبىرى ئالىملىرى ۋەكىللىرى قاتناشتى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر دۇنيادا مۇقىمسىزلىق، ئېنىقسىزلىق، مۆلچەرلەش تەس بولۇش نورمال ھالەتكە ئايلاندى. كىشىلەر تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ قۇدرەتلىك ئېنىق كۈچكە ئىگە بولۇپ، دۇنيانىڭ گۈزەل كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى جىددىي ئۈمىد قىلىدۇ. 10 يىل ئىلگىرى رەئىس شى جىنپىڭ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنىڭ مۇھىم ئىدىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى، شۇنىڭدىن كېيىن تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يەرشارى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارى بىخەتەرلىك تەشەببۇسى ۋە يەرشارى مەدەنىيەت تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. 10 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر قاتار زور ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. پاكىت شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى دەۋر ئېقىمى ۋە ئىنسانىيەت تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىدىغان بايراققا، دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشى، ئورتاق گۈللىنىشىنىڭ ئېنىقلىق كۈچ مەنبەسىگە ئايلاندى.

  لى چياڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى بايرىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئاسىيا تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقىنىڭ مۇقىملاشتۇرغۇچىسى، تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچىسىنىڭ كۈچ مەنبەسى، ھەمكارلىق يېڭى ئېگىز پەللىسى بەرپا قىلىپ، دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق قوشۇش كېرەك. بىرىنچى، تىنچ، مۇقىم تەرەققىيات مۇھىتىنى ئورتاق قوغداپ، قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن خەلقئارا ۋەزىيەتكە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق قوشۇش كېرەك. ئىككىنچى، تېخىمۇ ھاياتىي كۈچكە ئىگە ئېشىش مەركىزىنى ئورتاق بەرپا قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىگە تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق قوشۇش كېرەك. ئۈچىنچى، ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنىڭ ئۈنۈملۈك يوللىرىنى ئورتاق كېڭەيتىپ، چوڭقۇر ئۆزگىرىۋاتقان دۇنياۋى ئىدارە قىلىشقا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ئاتا قىلىش كېرەك. تۆتىنچى، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە كۈچەيتىشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇپ، ئوخشاشمىغان مەدەنىيلىكنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق قوشۇش كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېنىقسىز دۇنيادا، جۇڭگونىڭ ئېنىقلىقلىقى دۇنيا تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىنى قوغداشتىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈك. جۇڭگونىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە ئىستىقبالى ئېنىق. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. دۇنيادا قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر بىز ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرىمىز. ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن تەرەققىي قىلغان جۇڭگو، پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان جۇڭگو، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، ئېچىۋېتىلگەن، ئورتاق بەھرىلىنىشنى خۇشاللىق دەپ بىلىدىغان جۇڭگو چوقۇم دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقىدىكى غايەت زور كۈچ بولىدۇ. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش قۇۋۋىتى ۋە ۋەزىيىتى كۈچلۈك. بىزنىڭ جۇڭگو ئىقتىسادىدىن ئىبارەت بۇ غايەت زور پاراخوتنىڭ دولقۇن يېرىپ داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىشەنچىمىز ۋە ئىقتىدارىمىز بار.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: بىز قول تۇتىشىپ، ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىپ خىرىسقا تاقابىل تۇرۇپ، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرسەكلا ئاسىياغا، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ ئېنىقلىق ئاتا قىلىپ، ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتالايمىز.

  ئېچىلىش مۇراسىمىدا بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرىنىڭ مۇدىرىيەت باشلىقى بانكىمون قارشى ئېلىش سۆزى قىلدى. لى شيەنلوڭ، سانچىز، ئەنۋەر، ئاشى، گېئورگىيېۋا ۋە سودا-سانائەت ساھەسىدىكى ۋەكىللەر سۆز قىلدى. ئۇلار بىردەك مۇنۇلارنى بىلدۈرۈشتى: بۇ نۆۋەتلىك بوئاۋ ئاسىيا مۇنبىرى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئېنىقسىزلىقلارغا تاقابىل تۇرۇشنى مۇھىم كۆرسەتمە بىلەن تەمىنلىدى، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىش ئىدىيەسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ خىرىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشىغا توغرا يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى. ھەرقايسى تەرەپلەر لاگېرلار قارشىلىشىشى، قورۇقچىلىق، تەرتىپسىز رىقابەتلىشىش، ئىقتىسادنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، دۇنياۋى خىرىسلارغا قول تۇتىشىپ تاقابىل تۇرۇشىنى تەشەببۇس قىلدى. ھەرقايسى تەرەپلەر جۇڭگونىڭ كۆپ تەرەپچىللىك ۋە رايون ھەمكارلىقىنى قوللىغانلىقىغا ئاپىرىن ئوقۇيدۇ، جۇڭگونىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، كېيىنكى يۇقۇم دەۋرىدە جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى ئېلىپ كەلگەن پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، خەلقئارا سېلىنما ۋە سودىنىڭ ئەسلىگە كېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايون ۋە دۇنيا تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  تيېنىڭ، ۋۇ جېڭلۇڭ، چىن گاڭ، خې خوۋخۇا قاتارلىقلار ئېچىلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ