مۇھىم خەۋەرلەر

«خەۋەر قىلمايلا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش» كۆپرەك بولسۇن

2023.04.18 23:26 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى «پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كۆپرەك قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقاتتى، بۇنىڭ ئىچىدە «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاسىتە» ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئېنىق تەلەپ قىلىندى.

  «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاستە» __ ئۇقتۇرۇش ئەۋەتمەسلىك، خەۋەر قىلماسلىق، دوكلات ئاڭلىماسلىق، ھەمراھ قىلماسلىق، بىۋاستە ئاساسىي قاتلامغا بېرىش، بىۋاستە نەقمەيدانغا بېرىشتىن ئىبارەت بىر خىل يوشۇرۇن تەكشۈرۈش، يوشۇرۇن زىيارەت قىلىش تۈزۈمىنى كۆرسىتىدۇ، بۇنىڭغا ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەر ئەزەلدىن يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ كەلدى. ئەلۋەتتە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئۇسۇلى كۆپ خىل بولىدۇ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەقسىتى ۋە ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن ئەڭ مۇۋاپىق ئۇسۇلنى قوللىنىش كېرەك. لېكىن شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «تۆتنى قىلماسلىق، ئىككى بىۋاستە» ئۇسۇلى ھەقىقەتەنمۇ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش، ھەقىقىي خەلق رايىنى ئىگىلەشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ رولى ئاساسىي قاتلامغا بىۋاسىتە كىرىش، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈش بولۇپ، ھەقىقىي قىممەتكە ئىگە بىرىنچى قول ماتېرىيالغا ئېرىشىشكە پايدىلىق. ئەكسىچە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا ئالدىن «خەۋەر قىلىپ قويۇپ»، «تەشتەكتىكى مەنزىرە»نىلا كۆرگەندە، ھەقىقىي مەسىلىلەر ئاسانلا يوشۇرۇن قالىدۇ.

  «خەۋەر قىلماي بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش»نى كۆپرەك قانات يايدۇرغاندىلا ئاندىن مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنى ئادەتتىمۇ ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىشقا مەجبۇرلىغىلى بولىدۇ. «خەۋەر قىلىپ قويماسلىق» بىر خىل «تۇيۇقسىز ھۇجۇم»، بىر مەيدان «تۇيۇقسىز ئىمتىھان»دىن دېرەك بېرىدىغان بولۇپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ تەكشۈرۈش يېتىپ كېلىش ئالدىدا ئەپلەپ-سەپلەپ تەييارلىق قىلىشى ئەمەس، بەلكى ئادەتتە ياخشى تەييارلىق قىلغان-قىلمىغانلىقى، كۈچ سەرپ قىلىشىنىڭ چوڭقۇر بولغان-بولمىغانلىقىنى سىنايدۇ، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆلچىمى تېخىمۇ يۇقىرى، تەلىپى تېخىمۇ قاتتىق. يولداش ماۋ زېدۇڭ «مەن تەييارلىقسىز دوكلاتنى ئاڭلاشقا ئامراق» دېگەن، ھەتتا «كىم قەغەزدىكىنى ئوقۇيدىكەن، مەن ئۈگدەش ئارقىلىق قارشىلىقىمنى بىلدۈرىمەن» دەپ ئېنىق ئىپادە بىلدۈرگەن. «تەييارلىقسىز دوكلات»نى كۆپرەڭ ئاڭلاش، «خەۋەر قىلماي بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش»نى كۆپرەك قانات يايدۇرۇش __ رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلىگەن-ئىشلىمىگەنلىكىنى سىنايدىغان سىنتاش، تېخىمۇ مۇھىمى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئوبيېكتىنىڭ سەۋىيەسىنىڭ يۇقىرى-تۆۋەنلىكى، خىزمىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقى، سىياسىي نەتىجىسىنىڭ ياخشى-يامانلىقىنى ئۆلچەيدىغان «يالغانچىلىق ئۆلچىگۈچى»دۇر.

  تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنىڭ ھەقىقىي مەقسىتى راست گەپنى ئاڭلاش، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگىلەش، ھەقىقىي پىكىر ئېلىش، ھەقىقىي بىلىم ئىگىلەش. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئەۋج ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، پۇقرالار «ئالدىن خەۋەر قىلماي تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش»نى ئەۋج ئالدۇرۇپ ئادەتكە ئايلاندۇرۇشنى، «سۆلەتۋازلىق قىلماي» كۆپرەك ھەقىقىي كۈچ سەرپ قىلىشنى ئۈمىد قىلماقتا.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ