مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى: تەزىيە بىلدۈرىمىز!

2023.04.04 14:18 مەنبە: خەلق تورى

  4-ئاينىڭ 3-كۈنى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  بىر مۇخبىر خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيەلىك كومپوزىتور بەنبېن لوڭيى بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئالەمدىن ئۆتكەن. بەنبېن ئەپەندى جۇڭگونىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى قىزغىن سۆيىدۇ ۋە ئۇنىڭغا ھۆرمەت قىلىدۇ، ئۇ ئىلگىرى ئوسكار ئالتۇن ھەيكەل مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن جۇڭگو ھېكايە فىلىمىگە مۇزىكا ئىشلىگەن بولۇپ، جۇڭگونىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن ۋە ئۇنى قوللىغان، كېسەل تۇرۇپمۇ جۇڭگو - ياپونىيە مەدەنىيەت - سەنئەت ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى ئۆز ئەمەلىيىتىدە كۆرسەتكەن، شۇڭا جۇڭگودىكى ھەرقايسى ياش باسقۇچىدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ تونۇشى ۋە قىزغىن سۆيىشىگە ئېرىشكەن. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدىكىن؟ دەپ سورىغان.

  ماۋ نىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىز بەنبېن لۇڭيى ئەپەندىنىڭ ۋاپاتىغا تەزىيە بىلدۈرىمىز، ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن ھال سورايمىز. بەنبېن ئەپەندى خەلقئارادا شۆھرەت قازانغان كومپوزىتور، ئۇنىڭ مۇزىكا ئەسەرلىرىنىڭ مەدەنىيەت مەزمۇنى مول بولۇپ، ئىنسانىي غەمخورلۇقنى يەتكۈزۈپ، كىشىلەرنىڭ قەلبىنى تەسىرلەندۈرىدۇ. بەنبېن ئەپەندى جۇڭگو بىلەن ياپونىيەنىڭ ئادىمىيەت ئالاقىسىدا قىزغىن پوزىتسىيەدە بولۇپ، جۇڭگو ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن مۇنەۋۋەر مۇزىكا ئەسەرلىرىنى ئىجاد قىلغان، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىككى دۆلەتنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشىغا تۆھپە قوشقان.

  ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: «دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، تېخىمۇ كۆپلىگەن جۇڭگو - ياپونىيە ئوقۇمۇشلۇق زاتلىرىنىڭ ئالدىنقىلارغا ۋارىسلىق قىلىپ، كېيىنكىلەرگە يول ئېچىپ، جۇڭگو-ياپونىيە دوستلۇق ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پائال ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز».

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ