قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، گۈللىنىشكە قاراپ ئاتلىنىش

− شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسى باشلىنىش پەيتىدە

2023.04.04 08:52 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆگىنىشكە تايىنىپ بۈگۈنكى كۈنگە كەلدى، شۇنداقلا مۇقەررەر ھالدا ئۆگىنىشكە تايىنىپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىدۇ.

  3 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل 4 ـ ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش توغرىسىدا 4 ـ قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، بۇ ئارقىلىق ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ باش تېما تەربىيەسىدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەۋى نەزەرىيە ئاساسىنى پۇختىلىشىغا تۈرتكە بولدى.

  شان ـ شەرەپ ۋە ئارزۇغا تولغان ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلاندۇق، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۇلۇغۋار نىشانىغا قاراپ باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىدى.

  غەلىبىگە ئېرىشىشتىكى ئىدىيە شىفىرى −

  «ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىدىكى تۈپ مەنبە»

  يەنئەن ياڭجيالىڭدا، ھەيۋەت بىلەن قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مەركىزىي چوڭ زال يىللارنىڭ سىناقلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ تېخىمۇ ھەيۋەتلىك تۈسكە كىردى.

  زال ئىچىدە ئۇزۇن ئۈستەل، ياغاچ ئورۇندۇق يەنىلا ئەينى يىلىدىكى ھالەتتە ئىدى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئۈستى تەرىپىگە «ماۋ زېدۇڭ بايرىقى ئاستىدا غەلىبىلىك ئالغا ئىلگىرىلەيلى» دېگەن خەتلەر يېزىلغان قىزىل پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە تاشلىنىپ تۇراتتى.

  70 نەچچە يىل ئىلگىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تۇنجى قېتىم بۇ «ئۆزى سالغان ئۆيدە» مەملىكەتلىك قۇرۇلتىيىنى ئېچىپ، ماۋ زېدۇڭ ئىدىيەسىنى پارتىيە بايرىقىغا پۈتتى، جۇڭگو ئىنقىلابى شۇنىڭدىن ئېتىبارەن غەلىبە يولىغا قەدەم قويدى.

  2022 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى يېپىلىشى بىلەنلا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يېڭىدىن سايلانغان 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتى ئەزالىرىنى باشلاپ بۇ جايغا كېلىپ، تارىخنىڭ ساداسىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلاپ، پېشقەدەم بىر ئەۋلاد كوممۇنىستلارنىڭ كۈرەش قىلىش ئەسلىي مەقسىتى، شەرەپلىك ئەنئەنىسىنى ھېس قىلدى.

  ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىغا يۈرۈش قىلىشنىڭ ئاچقۇچلۇق پەيتىدە، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېڭى تەرەققىياتىنى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزدى، شانلىق بايراق تېخىمۇ پارلاق ھەقىقەت نۇرىنى جۇلالاندۇرۇپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىنى قۇدرەتلىك يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلىدى.

  ئىنقىلابىي نەزەرىيە بولمىسا، ئىنقىلابىي ھەرىكەتمۇ بولمايدۇ. «ماركسىزملىق ئىلمىي نەزەرىيە يېتەكچىلىكىگە ئىگە بولۇش پارتىيەمىزنىڭ ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىشىدىكى تۈپ مەنبە».

  بوران ـ چاپقۇن داۋالغۇپ تۇرغان 100 يىللىق سەھىپىنى ئېچىپ كۆرسەك، ھەربىر مۇھىم، زور تارىخىي پەيتكە ھەمىشە ئىدىيەۋى ھالقىش ھەمراھ بولۇپ، ئىشلىرىمىزنىڭ ئۈزلۈكسىز تۈردە غەلىبىدىن يېڭى غەلىبىگە قاراپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ ئاساسلىق ۋەكىللىكىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈش، جۇڭخۇا ئېسىل ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، غايەت زور سىياسىي ئەقىل ـ پاراسەت ۋە نەزەرىيەۋى جاسارەت ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى بەرپا قىلدى، ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى.

  پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى، 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش» «14تە چىڭ تۇرۇش» «13 جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت» ئارقىلىق بۇ شانلىق ئىدىيەنىڭ مۇھىم مەزمۇنىنى يىغىنچاقلاشتىن پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش» «ئالتىدە جەزمەن چىڭ تۇرۇش» ئارقىلىق شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇللارنى چوڭقۇر بايان قىلىشقىچە... شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئۈزلۈكسىز بېيىپ راۋاجلىنىپ، ئەسلىي ئىجادىي نەزەرىيە تۆھپىسى ئارقىلىق ماركسىزمنى راۋاجلاندۇرۇشتىكى يېڭى يۈكسەكلىكنى ئىزاھلىدى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنىڭ توسۇۋالغۇسىز تارىخىي مۇساپىگە كىرىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.

  «جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى نېمە ئۈچۈن قابىل، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم نېمە ئۈچۈن ياخشى، تېگى ـ تەكتىدىن ئېيتقاندا، ماركسىزم يارايدۇ، جۇڭگوچىلاشقان، دەۋرلەشكەن ماركسىزم يارايدۇ».

  پاكىت شۇنى قايىل قىلارلىق ئىسپاتلىدىكى، يېڭى دەۋردىكى 10 يىللىق ئۇلۇغ ئۆزگىرىش نېگىزىدىن ئېيتقاندا يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسى، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسى بولۇش سۈپىتى بىلەن رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقىدىن بولدى، نېگىزىدىن ئېيتقاندا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ ئىلمىي يېتەكچىلىكىدىن بولدى.

  2019 ـ يىلى 3 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى)نىڭ ئوتتۇرا ياش، ياش كادىرلارنى تەربىيەلەش كۇرسىدا «تۇنجى دەرس»نى ئۆزى ئۆتتى، دەرس پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلدى:

  «يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىشتە، ئۇنىڭ دەۋر ئەھمىيىتى، نەزەرىيە ئەھمىيىتى، ئەمەلىيەت ئەھمىيىتى، دۇنياۋى ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تونۇپ ۋە ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى، روھىي ماھىيىتى، مول ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىش كېرەك».

  ئىلمىي پوزىتسىيە ئارقىلىق ئىلىمگە مۇئامىلە قىلىش، ھەقىقەت روھى ئارقىلىق ھەقىقەتكە ئىنتىلىش. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر دەۋرنىڭ ئالدىدا مېڭىشىدىكى ئىدىيە شىفىرى −

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيە نىزامنامىسىگە كىرگۈزۈلۈپ، ئاساسىي قانۇنغا كىرگۈزۈلۈپ، پارتىيە ۋە دۆلەت جەزمەن ئۇزاققىچە چىڭ تۇرىدىغان يېتەكچى ئىدىيە قىلىنىپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى؛

  پارتىيەنىڭ تارىخىي قارارى شەكلىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ «زامانىمىزدىكى جۇڭگو ماركسىزمى، 21 ـ ئەسىر ماركسىزمى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ۋە جۇڭگو روھىنىڭ دەۋرىمىزدىكى جەۋھىرى» ئىكەنلىكى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئالغا سىلجىتىش تارىخىي مۇساپىسىدە ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى تەكىتلەندى؛

  پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مەخسۇس باب تەسىس قىلىنىپ، «ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئېچىش» مەركەزلىك بايان قىلىنىپ ۋە چۈشەندۈرۈلۈپ، پۈتۈن پارتىيەدىن شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى دۇنيا قاراش ۋە مېتودولوگىيەنى ياخشى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر، ئۇسۇلدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى ياخشى تەتبىقلاش تەلەپ قىلىندى.

  نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش ھەربىر قەدەم ئىلگىرىلىسە، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشمۇ شۇنىڭغا ئەگىشىپ بىر قەدەم ئىلگىرىلەيدۇ. بۇ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۆگىنىشكە تايىنىپ كەلگۈسىگە ئاتلىنىشىدىكى نەزەرىيە ئاڭلىقلىقى −

  پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاش ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش ئېنىق تەلەپ قىلىندى؛

  پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 1 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەكىتلىنىپ، بۇ ئىدىيەنى پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەلەپ قىلىندى؛

  پارتىيە 20 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 ـ ئومۇمىي يىغىنىدا مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ئىلمىي پىلانلاپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش ۋە ئۇنى قوللىنىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.

  پۈتۈن ۋەزىيەت نەزەردە تۇتۇلۇپ، چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈزۈلدى.

  يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يېتەكچىلىكى تۈرتكىسىدە، بىر تۈرلۈك پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش مەقسىتىدە چىقىرىلغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرما داغدۇغىلىق باشلاندى.

  ئىزچىل داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئىدىيە جەھەتتىكى چېنىقىش −

  «ھەر قېتىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىز پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىشكە چاقىرىق قىلدۇق»

  باھارنىڭ مەيىن شامىلى راھەت بېغىشلايتتى، دەل ـ دەرەخ، گۈل ـ گىياھلار بىخ سۈرگەنىدى. مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى ئاساسىي بىناسىنىڭ شىمالىي مەيدانىدا، ماركسنىڭ ئولتۇرغان ھەيكىلى بىلەن ئېنگېلسنىڭ تۇرغان ھەيكىلىدىن تەركىب تاپقان غايەت زور ھەيكەل ئىللىق قۇياش نۇرىغا چۆمۈلگەنىدى.

  مەكتەپ ھويلىسىنى ئايلانغاندا، قىزىل تام، يېشىل كاھىشلىق ئۆيلەر، ئۆگزىسى ئەگمە شەكىللىك، تېمىغا سېرىق خىش چاپلانغان پارتىيە مەكتىپى زالى ھەم ئۇنىڭ شىمالىي شەنشى گەمىسى شەكلىدىكى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبى پارتىيەمىزنىڭ نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىدىن ئىبارەت روشەن گېنىنى ئىزاھلاپ تۇراتتى.

  بۇ يىل 2 ـ ئايدا، دەل مۇشۇ زالدا «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش مۇھاكىمە كۇرسى» ئۆتكۈزۈلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئىلمىي سوتسىيالىزمنىڭ ئەڭ يېڭى مۇھىم، زور نەتىجىسىنى چوڭقۇر بايان قىلدى.

  ئىدىيە قۇرۇلۇشى پارتىيەنىڭ ئۇل قۇرۇلۇشى، ئىدىيە ئارقىلىق پارتىيە قۇرۇش، نەزەرىيە ئارقىلىق پارتىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش 100 يىلنى بېسىپ ئۆتكەن چوڭ پارتىيەنىڭ ھاياتىي كۈچىنى مەڭگۈ ساقلىشىدىكى ئاچقۇچ.

  «ماركسىزمنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش، دەۋرلەشتۈرۈشنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىلىرى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ تارىخ يارىتىش، شانلىق مۇۋەپپەقىيەت يارىتىشتىكى بىر مۇھىم تەجرىبىسى».

  مەيلى يەنئەن مەزگىلىدە ئىستىل تۈزىتىش ھەرىكىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك تەرتىپكە سېلىش قانات يايدۇرۇلغاندا بولسۇن، ياكى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 ـ يىللىرىدىكى «ئۈچكە ئەھمىيەت بېرىش» تەربىيەسى ۋە ياكى يېڭى ئەسىردىن بۇيانقى ئىلمىي تەرەققىيات قارىشىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش پائالىيىتى بولسۇن، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ئۆگىنىش تەربىيەسى داۋامىدا نەزەرىيە سەۋىيەسى ۋە ئەمەلىيەت ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى.

  ھەقىقەت نۇرى ئالغا ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى، ئىدىيە جەھەتتىكى چېنىقىش ئىزچىل داۋاملىشىپ كەلدى.

  2022 ـ يىلى 11 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭشا شەھىرى مۇيۈن كوچا باشقارمىسى ليەنخۇا كەنتىدىكى پارتىيە ئەزالىرى ئۆگىنىش ئۆيىدىن قىزغىن ئالقىش ساداسى تارالدى. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە مەركەز لېكسىيە ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار، ئاساسىي قاتلام ئاممىسى بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ نەزەرىيە لېكسىيەسى سۆزلىدى. ئاممىغا يېقىن شەكىل، جانلىق ئاممىباب تىل كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.

  ھەربىر مەيدان ئالماشتۇرۇش، ھەمتۈرتكە بولۇش جەريانىدا، مەركەز لېكسىيە ئۆمىكى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چۈشىنىشلىك سۆزلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئەتراپلىق سۆزلەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى پۇقرالارنىڭ ئائىلىسىگىچە يەتكۈزۈشكە تۈرتكە بولدى.

  نەزەرىيە ئۆگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئىدىيە جەھەتتىن چېنىقىشنى قوبۇل قىلىش كوممۇنىستلارنىڭ زۆرۈر دەرسلىكى، شۇنداقلا پارتىيە ئىچىدە مەركەزلىك تەربىيەنى قانات يايدۇرۇش تېمىسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «پارتىيەنىڭ ھەر قېتىملىق مەركەزلىك تەربىيە پائالىيىتىنىڭ ھەممىسىدە ئىدىيەۋى تەربىيە باشلامچى قىلىنىپ، ئۆگىنىش چوڭقۇر بولماسلىق، ئىدىيەدە بىرلىككە كەلمەسلىك، ھەرىكەتتە يېتىشەلمەسلىك مەسىلىسى كۈچەپ ھەل قىلىندى».

  پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى يېڭى ۋەزىيەت، يېڭى ۋەزىپە، يېڭى خىرىسلارغا بىۋاسىتە يۈزلىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ، روھنى تاۋلاشنى پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشىدىكى تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيەنىڭ بىر ـ بىرىگە زىچ باغلىنىشى، ئارقا ـ ئارقىدىن قانات يايدۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى −

  2013 ـ يىلى، خەلقچىل، ئەمەلىيەتچىل، پاك بولۇش ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيەسى ئەمەلىيەت پائالىيىتى ئۆگىنىش تەربىيەسىنى باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىشنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشتى؛

  2015 ـ يىلى، «ئۈچتە تەلەپچان، ئۈچتە راستچىل بولۇش» مەخسۇس تېمىلىق تەربىيە ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلار ئارىسىدا قانات يايدۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا، «تەلەپچان» «راستچىل» بولۇش ئۆمۈرلۈك ئادەت ۋە ئاڭلىق ئىنتىلىشكە ئايلاندۇرۇلدى؛

  2016 ـ يىلى، «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش» ئۆگىنىش تەربىيەسىدە پارتىيەنىڭ ئىدىيەۋى قۇرۇلۇشى باش ئورۇنغا قويۇلۇپ، پارتىيە ئىچىدىكى تەربىيە «ئاچقۇچلۇق ئاز سانلىقلار»دىن كەڭ پارتىيە ئەزالىرىغىچە كېڭەيتىلدى، مەركەزلىك تەربىيەلەشتىن دائىملىق تەربىيەلەشكە ئۇزارتىلدى؛

  2019 ـ يىلى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىدە «نەزەرىيە ئۆگىنىشتە ئۈنۈم ھاسىل قىلىش» باش نىشان قىلىنىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ پارتىيە ئەزالىرى قەلبىنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىدا يىلتىز تارتىشىغا تۈرتكە بولدى؛

  2021 ـ يىلى، پارتىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى پەيتىدە، «پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش، ئىدىيەنى ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىش قىلىش، يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش» ئېنىق تەلەپ قىلىنغان پارتىيە تارىخىنى ئۆگىنىش تەربىيەسى پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى بېسىپ ئۆتكەن تارىخىي مۇساپىگە نەزەر سېلىش، تارىخ ئىشەنچىنى چىڭىتىش، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلەش، ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشقا يېتەكلىدى.

  يېڭى دەۋردىن بۇيان، ئۇدا قانات يايدۇرۇلغان بەش قېتىملىق پارتىيە ئىچىدىكى مەركەزلىك تەربىيە قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىلىپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باشتىن ـ ئاخىر سىڭدۈرۈلۈپ، نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش بۇرغىسى چېلىندى.

  قانچىكى مۇھىم، زور تارىخىي پەيتتە ئۆگىنىشكە شۇنچە ئەھمىيەت بېرىشكە ۋە ئۇنى چىڭ تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ.

  بەش يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيى ئەمدىلا يېپىلىشىغا، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىشقا پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىش توغرىسىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق چاقىرىق قىلدى: «يېڭى دەۋردە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش پۈتۈن پارتىيەدىن كەڭ كۆلەملىك ئۆگىنىشنى تەلەپ قىلىدۇ».

  بەش يىلدىن كېيىن، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى يېپىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي، يېڭى مۇساپە باشلانغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە، باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «ھەر قېتىم پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مۇھىم، زور تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، بىز پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى ئۆگىنىشنى كۈچەيتىپ، پۈتۈن پارتىيەدە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئارقىلىق، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش، ئىتتىپاقلىشىپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش قۇدرەتلىك كۈچىنى مۇجەسسەملەشكە چاقىرىق قىلدۇق. بۇ، پارتىيەنىڭ بىر تۈرلۈك مۇۋەپپەقىيەتلىك تەجرىبىسى».

  ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىمنى بېيىتىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  3 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى ئېچىلغان مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلەندى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى − «ئىدىيە ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»، تۈپ ۋەزىپىسى − ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇش.

  كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى پۇرسەت بىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىش مەنبەسىدىن ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوبۇل قىلىپ، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، ئەمەلدە كۆرسىتىش، ئۆزلەشتۈرۈشتىكى سىياسىي ئەقىل ـ پاراسىتىنى كۈچەيتىپ، چىرىكلىشىشنى توسۇش، ئۆزگىرىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملەپ، بۇ ئارقىلىق تېخىمۇ ئىرادىگە كېلىپ، تېخىمۇ ئىشەنچكە تولۇپ، تېخىمۇ ئەقىل ـ پاراسەت يېتىلدۈرۈپ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي ماڭىدۇ.

  گۈللىنىش ئارزۇسىغا ئاتلىنىشتىكى قۇدرەتلىك كۈچ −

  «يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشنى تېخىمۇ كۈچلۈك سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش»

  «بىز بۈگۈن باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن ياخشى يولنى بويلاپ، كەنتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىپ، كۈنلىرىمىزنى قانداق قىلىپ بارغانسېرى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈستىدە بىرلىكتە ئويلىنىپ باقايلى.» تۇتاش كەتكەن ۋۇلىڭشەن تېغى ئېتىكىدە، كۆك رەڭلىك چىنە خىش ياتقۇزۇلغان ھويلىدا، خۇنەن ئۆلكىسى خۇايۈەن ناھىيەسى شىبادۇڭ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى شى جىنتۇڭ يۇرتداشلار بىلەن چۆرىدىشىپ ئولتۇرۇپ ئىدىيە ئۆگەندى، كەنت ئەھۋالىنى مۇھاكىمە قىلدى، تەرەققىيات ئۈستىدە ئىزدەندى.

  توققۇز يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئىلگىرى، دەل مۇشۇ يەردە، باش شۇجى شى جىنپىڭ «نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش» مۇھىم ئىدىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى بۇ مياۋزۇلار كەنتىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشنى باشلىغانىدى. بۈگۈنكى كۈندە، باش شۇجىنىڭ يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى كۆپچىلىكنىڭ بېيىش يولىدىكى «ئالتۇن ئاچقۇچ»قا ئايلاندى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: «كادىرلىرىمىز ئالغا ئىلگىرىلەشتە، پارتىيەمىز ئالغا ئىلگىرىلەشتە، دۆلىتىمىز ئالغا ئىلگىرىلەشتە، مىللىتىمىز ئالغا ئىلگىرىلەشتە، جەزمەن ئۆگىنىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، ئۆگىنىش، ئۆگىنىش، يەنە ئۆگىنىشتە چىڭ تۇرۇشى، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈش، يەنە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك».

  ھازىر، دۆلىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى يېڭى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك باسقۇچ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك تەلەپ، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك مۇھىتقا يۈزلەندى.

  مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرۇپ، تېز تەرەققىي قىلىۋاتقان 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتىگە يۈزلىنىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن ئۇلۇغ ئىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ئىلمىي نەزەرىيە ئارقىلىق كاللىنى قوراللاندۇرغاندىلا، ئېتىقاد، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، تارىخىي تەشەببۇسكارلىقنى ئىگىلىگىلى بولىدۇ؛ ھەقىقەت بايرىقى ئاستىغا ئۇيۇشقاندىلا، دەھشەتلىك بوران ـ چاپقۇندىن قورقماي، قەتئىيلىك بىلەن باتۇرانە ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشنىڭ تۈپ تەلىپى.

  ئۆگىنىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا، جەزمەن يۆنىلىشنى ئايدىڭلاشتۇرۇش كېرەك.

  ھەيۋەتلىك چىنلىڭ تېغىدا، تاغ ۋە ئورمان تىمتاسلىققا چۆمگەنىدى. چىنلىڭ تېغى ئېتىكىدىكى شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرى خۇيى رايونى چىنلىڭ قوغداش باش پونكىتىنىڭ زالىدا «سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق» دېگەن پىلاكات كۆزگە ئالاھىدە چېلىقىپ تۇراتتى.

  «رەقەملىك چىنلىڭ» ئاقىل باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش سۇپىسى ئالدىدا تۇرۇپ، مەسئۇل خادىم ۋاڭ شىچىن قالايمىقان قۇرۇلۇش قىلىش، قالايمىقان كېسىش، قالايمىقان تۇتۇش، قالايمىقان ئوۋ ئوۋلاش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ۋاقتىدا بايقاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشقا قولاي بولۇش ئۈچۈن رايون ئىچىدىكى 15 تاغ بويى جىلغا ئېغىزى، جىلغا يولىنىڭ ئەمەلىي كۆرۈنۈشىنى نازارەت قىلىۋاتاتتى.

  «ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەڭگۈلۈك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك تۈپ ئۇلۇغۋار پىلان. چىنلىڭ تېغى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئەجداد تومۇرى، چىنلىڭ تېغىنى ياخشى قوغداش بىزنىڭ سىياسىي ۋەزىپىمىز.» ۋاڭ شىچىن مۇنداق دېدى: خىزمەتداشلىرىم بىلەن بىرلىكتە شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى داۋاملىق چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، تېخىمۇ ئاڭلىق ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق «چىنلىڭ تېغى ئېكولوگىيە مۇھاپىزەتچىلىكى»نى ياخشى قىلىمىز.

  سىياسىي جەھەتتىكى قەتئىيلىك نەزەرىيە جەھەتتىكى سەگەكلىكتىن ئايرىلالمايدۇ.

  1938 ـ يىلى، يولداش ماۋ زېدۇڭ يەنئەندىكى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي سىياسىي داشۆسىدە «ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ھەربىي سىياسىي داشۆسىدە نېمىلەرنى ئۆگىنىش كېرەك» دېگەن سوئالغا جاۋاب بەرگەندە، «ئالدى بىلەن بىر سىياسىي يۆنىلىشنى ئۆگىنىش كېرەك» دەپ كۆرسەتكەن. باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنئەندىكى ئىنقىلابىي خاتىرە ئورۇنلىرىغا كېلىپ ئېھتىرام بىلدۈرگەندە بۇ سۆزنى نەقىل كەلتۈرۈپ، يەنئەن روھىنى ئۆگىنىش ۋە ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ جەۋھىرىنى چوڭقۇر بايان قىلدى.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، پۈتۈن پارتىيەنىڭ «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك.

  ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتا.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن مەزگىلىدە قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، يەتكۈزۈپ، «گالنى بوغىدىغان» قىيىن مەسىلىلەر ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشقا ئاتلىنىش... بېيجىڭدىن خىزمەت ئورنىغا قايتىپ كەلگەن مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شۈگۇڭ گۇرۇھى قۇرۇلۇش ماشىنىلىرى پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش ئىنژېنېرى شەن زېڭخەينىڭ ھەر كۈندىكى ئىش تەرتىپى زىچ ئورۇنلاشتۇرۇلغانىدى.

  «باش شۇجى جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن ـ تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى تېزلىتىش يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى مۇقەررەر يول. ھەرقانداق ۋاقىتتا جۇڭگودا ياسىمىچىلىق كەم بولسا بولمايدۇ.» شەن زېڭخەي مۇنداق بىلدۈردى: بىز باش شۇجى كۆرسىتىپ بەرگەن تەرەققىيات يولى بويىچە، ئاچقۇچلۇق تېخنىكا ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەپ تېزلىتىپ، جۇڭگو كىرانىنىڭ دۇنيادىكى ئورنىنى بارغانسېرى «مۇھىم» ئورۇنغا كۆتۈرىمىز.

  نەزەرىيەنىڭ قىممىتى ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىشتا، ئۆگىنىشنىڭ مەقسىتى تولۇق تەتبىقلاشتا.

  «پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇشنى پۈتۈن پارتىيەدە قانات يايدۇرۇلىدىغان باش تېما تەربىيەسىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى قىلىشنى قارار قىلدى.» يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى بېسىپ تارقاتقان «پۈتۈن پارتىيەدە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى» كىشىلەرنىڭ كەڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

  لايىھەدە، مەسىلە يۆنىلىشى ۋە نىشان يۆنىلىشى گەۋدىلەندۈرۈلۈپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشنى زىچ چۆرىدەپ، 12 جەھەتتىكى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مەزمۇنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  مەسىلە − دەۋرنىڭ ساداسى، مەسىلىگە جاۋاب بېرىش ۋە ئۇنى ھەل قىلىشقا يېتەكچىلىك قىلىش − نەزەرىيەنىڭ تۈپ ۋەزىپىسى.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئىگىلەش ۋە تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، ئۇنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تەتبىقلاش، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ماھىرلىق بىلەن تەتبىقلاپ دەۋرنى كۆزىتىش، دەۋرنى ئىگىلەش، دەۋرگە يېتەكچىلىك قىلىش، بۇ ئىدىيەنى ماھىرلىق بىلەن تەتبىقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشتا يېڭى ئىلگىرىلەش، يېڭى بۆسۈشنى قولغا كەلتۈرۈش، بۇ ئىدىيەنى ماھىرلىق بىلەن تەتبىقلاپ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى تۈرلۈك زىددىيەت ۋە مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، بۇ ئىدىيەنى ماھىرلىق بىلەن تەتبىقلاپ ئېغىر، زور خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىش، بۇ ئىدىيەنى ماھىرلىق بىلەن تەتبىقلاپ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  ئۆگەنگەن بىلىمنى ئەمەلىيەتتە ئىشلەتكەندىلا ئۈنۈمىنى كۆرگىلى بولىدۇ، مۇھىمى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك.

  پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتا، جەزمەن مەنىۋى «كالتسىي» تولۇقلاپ، ئىدىيەۋى «روھ»نى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى پارتىيەنىڭ دۆلەتنى ئىدارە قىلىش مۇھىم، زور نەزەرىيەسى ۋە تەدبىرىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپلا قالماي، يەنە ئۇنىڭغا جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ سىياسىي پەزىلىتى، قىممەت ئىنتىلىشى، مەنىۋى مەنزىلى، ئىستىل ـ پەزىلىتىگە قويۇلىدىغان تەلەپ سىڭدۈرۈلگەن، چوڭقۇر ھەقىقەت كۈچى، ئەمەلىيەت كۈچى، كىشىلىك پەزىلەت كۈچى مۇجەسسەملەنگەن.

  شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش ۋە ئىزچىللاشتۇرۇشنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، كەڭ پارتىيە ئەزالىرى ۋە كادىرلارنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز ئىدىيەسىنى تەتبىقلاپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىش، ئىدىيە مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار تەلەپلىرىنى ئۆگىنىپ، ئىگىلەپ، كوممۇنىستلارنىڭ سىياسىي خىسلىتىنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاپ، بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، مۇستەھكەم ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقى ئارقىلىق يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىپ، يېڭى ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا يېتەكلەش كېرەك.

  ئىلگىرى نۇرغۇن ياخشى نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، بۇنىڭدىن كېيىن يۇقىرى پەللىگە يەتكەندىمۇ داۋاملىق ئىلگىرىلەش كېرەك.

  ھەقىقەت نۇرى چاقنىماقتا، يۈكسەكلىككە ئىنتىلىش ۋە ئالغا ئىلگىرىلەش كۈچى ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان ھەربىر سۇڭ تۇپراققا كۈچ بېغىشلاپ، كەلگۈسىگە قاراپ چەكسىز كېڭەيمەكتە.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ