ۋاڭ خۇنىڭ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى يىغىنى ۋە ئۆگىنىش - مۇھاكىمە كۇرسىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك

2023.03.31 12:36 مەنبە: خەلق تورى

  14-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش مەخسۇس كومىتېتلىرىنىڭ مۇدىرلىرى يىغىنى ۋە ئۆگىنىش-مۇھاكىمە كۇرسى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى ۋاڭ خۇنىڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20-قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى تۇرغۇزۇش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مەخسۇس كومىتېتلارنىڭ خىزمەت سەۋىيەسىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ مەخسۇس كېڭىشىش ئاپپاراتىلىق رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يۈكسەك سىياسىي مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن يېڭى دەۋردىكى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ بۇرچ-ۋەزىپىسىنى زىممىگە ئېلىش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىش، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى خەلق سىياسىي كېڭىشىنىڭ بىرىنچى سىياسىي ۋەزىپىسى قىلىپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەدىكى دۇنيا قاراش، مېتودولوگىيە ۋە ئۇنىڭغا سىڭدۈرۈلگەن مەيدان، نۇقتىئىنەزەر ھەم ئۇسۇللارنى پىششىق ئىگىلەپ، خەلق سىياسىي كېڭىشى خىزمىتىنىڭ پۈتكۈل جەريانى ۋە ھەرقايسى تەرەپلىرىگە ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش كېرەك. جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىشنى چۆرىدەپ، ئۆز ئارتۇقچىلىقى ۋە ئومۇمىيلىق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈپ، كېڭىشىش ۋە ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، كېڭىشىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئىستىلىنى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىپ، دائىم تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا ماھىر بولۇپ، چوڭقۇر تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش داۋامىدا فۇنكسىيە ئادا قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. بۈيۈك ئىتتىپاقلىق، چوڭ بىرلىشىشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىدىيەۋى، سىياسىي جەھەتتە يېتەكچىلىك قىلىشنى كۈچەيتىش، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشتىن ئىبارەت ئورتاق ئىدىيەۋى، سىياسىي ئاساسنى مۇستەھكەملەش كېرەك.

  ۋاڭ خۇنىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە قەتئىي تەۋرەنمەي چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي قۇرۇلۇشنى يېتەكچى قىلىپ، مەخسۇس كومىتېتلاردا پارتىيەنىڭ تۈرلۈك قۇرۇلۇشلىرىنى كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇمىي تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سۇبيېكتلىق مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىستىلنى ئىزچىل چىڭ تۇتۇپ ئىنتىزامنى چىڭىتىش كېرەك. پارتىيەلىك ئەزالارنىڭ ئاۋانگارتلىق، نەمۇنىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ ھەمكارلىشىپ بىرگە ئىشلەشتىكى نەمۇنىچى، دېموكراتىيەنى جارى قىلدۇرۇشتىكى نەمۇنىچى، راستچىل، ئەمەلىيەتچىل بولۇشتىكى نەمۇنىچى، ئامما بىلەن ئالاقە باغلاشتىكى نەمۇنىچى، پاك بولۇشتىكى نەمۇنىچى بولۇش كېرەك.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيوروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى شى تەيفېڭ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خۇ چۈنخۇا چۈشتىن بۇرۇن ۋە چۈشتىن كېيىنكى ئومۇمىي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. شى تەيفېڭ خۇلاسە سۆزى قىلدى.

  مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن شېن يۆيۆ، ۋاڭ يۇڭ، جوۋ چياڭ، باتىر، سۇ خۇي، شاۋ خۇڭ، گاۋ يۈنلۇڭ، چېن ۋۇ، مۇ خۇڭ، شيەنخۇي، ۋاڭ دۇڭفېڭ، جياڭ زوجۈن، خې باۋشياڭ، ۋاڭ گۇاڭچيەن، چىن بويۇڭ، جۇ يۇڭشىن، ياڭ جېن يىغىنغا قاتناشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ