باش شۇجىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ھېسسىياتى (باش شۇجىنىڭ خەلق ھېسسىياتى)

2023.03.31 00:10 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 29-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئەڭ مۈشكۈل، ئەڭ ئېغىر ۋەزىپىسى يەنىلا يېزىلاردا.»

  2022-يىلى 10-ئاينىڭ 26-كۈنى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيى يېپىلغاندىن كېيىن، تۇنجى قېتىم سىرتقا چىقىپ تەكشۈرۈشتە بولغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ شەنشىنىڭ يەنئەنگە كېلىپ، يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلغاندىن كېيىنكى تۇرمۇشىنىڭ قانداقلىقىنى، يەنە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىشىنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى كۆردى. باش شۇجى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقنى بېيىتىش سىياسىتىنى بىرمۇبىر ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى تېخىمۇ ياخشىلاش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى.

  خەلق ھەممىدىن ئەلا. خەلق داھىيسىنىڭ «يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار» ھېسسىياتى يېڭى دەۋر يېڭى مۇساپىسىدە يەنە بىر قېتىم يېزىلدى.

  «باش شۇجى يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكىسىغا ناھايىتى كۆڭۈل بۆلدى. بىز ھازىر پەن-تېخنىكىنى قوللىنىپ ئاشلىق تېرىۋاتىمىز، ئاسماندا <بېيدوۋ> سىستېمىسى ياردەم قىلىدۇ، زېمىندا <تۆمۈر بۇقا> بىلەن مەشغۇلات قىلىۋاتىمىز.» خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسى فۇيۈەن شەھىرى جيۇچېڭ شال ئۆستۈرۈش كوپىراتىپىنىڭ كېڭەش باشلىقى يۈەن شېڭخەينىڭ ئېسىدىن چىقمايدۇ: «2016-يىلى باش شۇجى ھەمكارلىق كوپىراتىپىمىزغا كېلىپ، ماشىنىدا مايسا كۆچۈرۈشنى كۆردى، يەنە بىر مايسا تىكىش ماشىنىسىدا مەشغۇلات قىلىپ باقتى. باش شۇجى ماشىنىنىڭ خىزمەت پىرىنسىپى، سېتىۋېلىش باھاسى، مايسا تىكىش ئۈنۈمى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر ئېگىلىدى، تولۇق چۈشەندى، بىر قاراشتىلا كەسىپ ئەھلى بولۇپ، دېھقانلارغا مېھرى بار ئىدى.»

  «بىز بۇ ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ مېھىر-مۇھەببىتى بار، پۇقرالارنى، بولۇپمۇ دېھقانلارنى يۆلىشىمىز كېرەك.» يولبويى ئاساسىي قاتلامدىن مېڭىپ كەلگەچكە، يېزىلاردىكى ئاشۇ كىشىلەر، ئاشۇ ئىشلار باش شۇجىنىڭ قەلبىدە ئىدى.

  پارنىكتا، ئېتىز قىرلىرىدا، مېۋىلىك دەرەخلەر ئارىسىدا، دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرى ئالدىدا ھېسابات دەپتىرىنى كۆرۈپ، سەۋرچانلىق بىلەن ئاڭلاپ، تەپسىلىي سورىدى. «ئاشلىق تېرىيدىغان دېھقانلارنى ئىقتىسادىي جەھەتتىن زىيان تارتقۇزماسلىق»، «يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى ياخشىلاش»، «شەھەر-بازارلار ياخشىلىنىپلا قالماي، يېزا-كەنتلەرمۇ ياخشىلىنىشى، يېزا-بازارلار ئوخشاش ياخشى بولۇشى لازىم»... يېزا ئىگىلىكىنى سۆيۈش، يېزا ئىگىلىكىگە ئەھمىيەت بېرىش، يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش ئىشلىرىغا چوڭقۇر كۆڭۈل بۆلدى.

  بىر «تىكيار كەنتى»نى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىزچىل ياد ئېتىپ كەلدى.

  2017-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، سىچۈەن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، باش شۇجى بۇ كەنتكە مۇناسىۋەتلىك خەۋەر ھەققىدە سۆزلەپ: «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەپەرگە چىقىش ھالىتىنى كۆرۈپ ناھايىتى بىئارام بولدۇم» دېدى. ئىلگىرى «تىكيار كەنتى»دە كەنت ئاھالىلىرى پەقەت تىكياردىكى چىۋىق ۋە تاياقلاردىن ياسالغان 17 تال «چىۋىق شوتا»غا تايىناتتى.

  2022-يىلى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ يېزا ئىگىلىك ساھەسى، ئىجتىمائىي پاراۋانلىق ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، باش شۇجى سۈرەتلەرنى تەپسىلىي كۆردى. ئىلگىرىكى لىڭشىپ قالغان چىۋىق شوتىلارنىڭ مەزمۇت پولات شوتىغا ئالماشتۇرۇلغانلىقىنى كۆرۈپ، باش شۇجى كۆڭۈل بۆلۈپ: يۇرتداشلارنىڭ ھەممىسى تاغدىن چۈشتىمۇ؟ بالىلار مەكتەپتە ئوقۇسا، چوڭلار كېسەل كۆرسەتسە، ھەممەيلەن تاغدىن چۈشتىمۇ؟» دەپ سورىدى.

  يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشى ئۈچۈن قەھرىتان سوغۇققتىن، تومۇز ئىسسىقتىن قورقماي، تاغ ئېگىز، يول يىراق بولۇشتىن قورقماي، ھەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ ۋاقىت چىقاردى.

  «سەككىز يىلدىن بۇيان، مەن مەركەزنىڭ نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىغا يەتتە قېتىم رىياسەتچىلىك قىلدىم، 50 نەچچە قېتىم نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدىم، 14 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن ئالاھىدە نامرات رايونلارغا باردىم، ھەقىقىي نامراتلارنى كۆرۈشتە چىڭ تۇردۇم، نامراتلارنى ھەقىقىي يۆلەش، ھەقىقىي نامراتلارنى يۆلەش، نامراتلىقتىن ھەقىقىي قۇتۇلۇشنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئىگىلەشتە چىڭ تۇرۇپ كەلدىم...»

  ئەڭ چوڭقۇر سېغىنىش، ئەڭ قەتئىي ئىرادە. 2021-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ تەنتەنىلىك ھالدا: «مۇتلەق نامراتلىقنى تۈگىتىشتىن ئىبارەت مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئورۇنداپ، تارىخ سەھىپىسىدە يەنە بىر مۆجىزە ياراتتۇق!» دەپ جاكارلىدى.

  نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت بۇ تېخىمۇ چوڭ شاھماتقا مۇناسىۋەتلىك.

  «مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن، يېزا-كەنتلەرنى چوقۇم گۈللەندۈرۈش كېرەك»، «ھازىر پۈتۈن دۆلەت ئومۇميۈزلۈك ھاللىق سەۋىيەگە يەتتى، ئەمدى ئورتاق بېيىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىش كېرەك. بۇ يولدا، يېزىلار يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەر قايسى تەرەپلەردە نەتىجە يارىتىش لازىم.»

  يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى قانداق ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؟

  2020-يىللىق مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتناشقان ئىقتىساد ساھەسىدىكى ئەزالارنى يوقلىغاندا، باش شۇجى شى جىنپىڭ بۇ ئالاھىدە سۆزنى ئوتتۇرىغا قويدى __ ئەينى يىلى شىمالىي شەنشىدىكى خۇاڭشەن تۇپرىقىدا، يۇرتداشلار ئۇنىڭغا ئەڭ چوڭ ئارزۇسىنىڭ «كەلگۈسىدە ئىش قىلغاندا ئالتۇن ئەپكەش كۆتۈرۈش» ئىكەنلىكىنى ئېيتقان ئىدى.

  «<ئالتۇن ئەپكەش>نى مەن يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش دەپ چۈشەندىم.» دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، باش شۇجى تېخىمۇ يىراق كەلگۈسىگە نەزەر سالدى.

  ئىللىق باھار نۇرىدا، يەنئەن شەھىرى ئەنسەي رايونى گاۋچياۋ بازىرى نەنگوۋ كەنتىدىكى مېۋىلىك باغدا باغۋەنلەر شاخ چاتاش، باغ تازىلاش بىلەن ئالدىراش ئىدى.

  نەنگوۋ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى جاڭ رۈنشېڭ ئەسلەپ «بۇلتۇر 10 - ئايدا، باش شۇجى مېۋىلىك باغقا كېلىپ بىز بىلەن سىردىشىپ، تىكىش تېخنىكىسى، ئۈزۈش ئۇسۇلى، سورت سۈپىتى، سېتىش باھاسى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىمى ۋە ئالما تېرىش بىلەن باشقا كەسىپلەرنى قانداق تەرەققىي قىلدۇرۇش قاتارلىقلارنى سورىدى ھەمدە سۇغىرىش ۋە سۇ ئىشلىتىش مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈپ، <مانا بۇ دەل يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش، سىلەر كەسىپلەرنى راۋاجلاندۇرۇشنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى تېپىپسىلەر> دەپ ماختىدى» دېدى.يېزا ئىگىلىك پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىنىڭ تۆھپە نىسبىتى ٪62.4 كە يېتىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى 10 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان كەسىپ توپى 118 گە يەتتى، كەڭ يېزا-كەنتلەرگە نەزەر سالساق، بۇ ئون يىلدا باش شۇجى كۆزدىن كەچۈرگەن ئالما، چاي، مور، جۈخارگۈلى ... دېگەندەك «يەرلىك ئالاھىدە مەھسۇلات» لار يۇرتداشلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىش كەسپىگە ئايلاندى، يۇرتداشلار «ئالتۇن ئەپكەش»نى تېخىمۇ مۇقىم كۆتۈرىدىغان بولدى.يېزا-كەنتلەرنىڭ كەلگۈسى قانداق بولىدۇ؟

  باش شۇجى ئولتۇراقلىشىشقا، كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشقا ماس كېلىدىغان ئىناق-گۈزەل يېزا-كەنت قۇرۇشنى قەلبىگە پۈكۈپ كەلدى.بۇلۇت-تۇمانلار بىلەن قاپلانغان ياپ-يېشىل ھەيۋەتلىك تاغلار، زۇمرەتتەك ئېقىنلار ئارىسىدىكى سىچۈەن ئۆلكىسى ميەنياڭ شەھىرى بېيچۈەن چياڭزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى شىيى كەنتىنىڭ مەنزىرىسى ماھىر رەسسام سىزغان گۈزەل مەنزىرە رەسىمىدەك كۆرۈنەتتى.

  بۇ يىل باھار بايرىمى ھارپىسىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىن ئارقىلىق يۇرتداشلار، ساياھەتچىلەرگە باھار بايرىمىلىق سالام يوللىغاندا خۇشال ھالدا «يېڭى دەۋردىكى يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە خاس يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى ياخشى ئىشلەش كېرەك، سىلەر ناھايىتى ياخشى ھالەتنى شەكىللەندۈردۈڭلار» دېدى.

  شىيى كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى چېن ئەيجۈننىڭ چىرايىدا بەخت كۈلكسى جىلۋىلىنىپ تۇراتتى، «يۇقۇم مۇداپىئە-تىزگىن تەدبىرلىرى ئەلالاشتۇرۇلغاندىن كېيىن، دېھقانلار ئارامگاھى يەنە جانلاندى، ساياھەتچىلەر بارغانسېرى كۆپەيدى، تۇرمۇش بارغانسېرى ياخشىلاندى» دېدى ئۇ.

  سۇنىڭ سۈزۈكلىشىشى، يوللارنىڭ راۋانلىشىشى، تورنىڭ تېزلىشىشى، ئاممىۋى ئەسلىھەلەر دەرىجىسىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى، مۇھىتنىڭ گۈزەللىشىشىگە ئەگىشىپ تۇرمۇشمۇ گۈزەللەشتى. يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا جاۋاب يېزىۋاتقان كەنتلەردە گۈللەپ ياشنىغان مەنزىرە بارلىققا كەلدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ