جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئاچتى

2023.04.03 10:07 مەنبە: خەلق تورى

  پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى

  «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسكە ئالاقىدار ئىشلارنى دوكلات قىلىش بەلگىلىمىسى» قاراپ چىقىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 3 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل 4 ـ ئايدىن باشلاپ، پۈتۈن پارتىيەدە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىككى تۈركۈمگە بۆلۈپ شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلدى. يىغىندا «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسكە ئالاقىدار ئىشلارنى دوكلات قىلىش بەلگىلىمىسى» قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ئاساسەن، ناھىيە، باشقارما دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلارنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «ئۈچ جەزمەن»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن پارتىيەدە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش باش تېما تەربىيەسىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش − پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇش، پۈتۈن پارتىيەدىكى يولداشلارنى پارتىيەنىڭ مەركىزىي ۋەزىپىسىنى ئورۇنداش ئۈچۈن ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا سەپەرۋەر قىلىش مەقسىتىدە چىقارغان مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم، زور ئورۇنلاشتۇرمىسى بولۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، پۈتۈن پارتىيەنىڭ تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىدىيەدە، سىياسىيدا، ھەرىكەتتە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا تۈرتكە بولۇش؛ پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆگىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش؛ پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، چوڭ پارتىيەگىلا خاس قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىشتىكى سەگەكلىك ۋە قەتئىيلىكنى ھەر ۋاقىت ساقلاپ، باشتىن ـ ئاخىر خەلق بىلەن بىر نىيەتتە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ۋە ساپلىقىنى ساقلاپ، پۈتۈن پارتىيەنى يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشتۇرۇپ، يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش، يېڭى دەۋردە تۆھپە قوشۇشنى تېخى كۈچلۈك سىياسىي يېتەكچىلىك ۋە سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش مەقسەت قىلىنغان.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بۇ قېتىمقى باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى − «ئىدىيە ئۆگىنىش، پارتىيەۋىلىكنى كۈچەيتىش، ئەمەلىيەتكە ئەھمىيەت بېرىش، يېڭى تۆھپە يارىتىش»، تۈپ ۋەزىپىسى − ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش ۋە قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى غايىنى چىڭىتىش، پارتىيەۋىلىكنى تاۋلاش ۋە ئەمەلىيەتكە يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، پۈتۈن پارتىيەنى باشتىن ـ ئاخىر بىرلىككە كەلگەن ئىدىيە، مۇستەھكەم ئىرادە، ماسلاشقان ھەرىكەت، قۇدرەتلىك جەڭگىۋارلىقنى ساقلاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۆگىنىش ئارقىلىق روھنى تاۋلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق بىلىمنى بېيىتىش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىستىلنى توغرىلاش، ئۆگىنىش ئارقىلىق ئىش قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە تىرىشىپ ئەمەلىي نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك. كونكرېت قىلىپ ئېيتقاندا، قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، ئۇلنى مۇستەھكەملەش، پەزىلەتنى تاۋلاپ، ساداقەتمەنلىكنى يەنىمۇ كۈچەيتىش، ئەمەلىي ئىشلەپ مەسئۇلىيەتنى زېممىگە ئېلىپ تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئاساسىي مەقسەتنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ خەلق ئۈچۈن بەخت يارىتىش، پاك ـ دۇرۇس بولۇپ يېڭى ئىستىل تىكلەش نىشانىغا يېتىپ، نەزەرىيە ئۆگىنىش، سىياسىي ساپا، ئىقتىدار ـ قابىلىيەت، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىش، خىزمەت ئىستىلى، پاك ـ تەلەپچان بولۇش قاتارلىق ئالتە جەھەتتىكى مەسىلىنى كۈچەپ ھەل قىلىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى باسقۇچلارغا بۆلمەي، ھالقىلارغا ئايرىۋەتمەي، نەزەرىيە ئۆگىنىش، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى تۇتاشتۇرۇپ، ئورگانىك يۇغۇرۇپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىش كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، كۆڭۈل قويۇپ تەشكىللەپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئىگىلەش، تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى ياخشى تۇتۇپ، ئامما ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى مەخسۇس تۈزەپ، ئەڭ ئاخىرىدا ئاممىنىڭ رازى بولۇش ـ بولماسلىقىنى تۈپ باھالاش ئۆلچىمى قىلىشى كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مەركىزىي خىزمەتكە تۈرتكە بولۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، «ئىككى ياقلىمىلىق»نىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك. تەشۋىقات يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، ياخشى ئاممىۋى پىكىر كەيپىياتى يارىتىشى كېرەك. راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇش، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، شەكىلۋازلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەيدىغان، چوڭقۇرلاشتۇرىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم تۈزۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنىڭ تۈزۈم مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسكە ئالاقىدار ئىشلارنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىشنى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى پارتىيەنىڭ ئىنتىزام، قائىدىلىرىنى چىڭىتىش، كادىرلارنى قاتتىق باشقۇرۇش، نازارەت قىلىشتىكى مۇھىم تەدبىر قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، ئەمەلدارلارنى ئىدارە قىلىشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا بولۇشى، ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىنى كۈچلۈك ئالغا سىلجىتتى. «رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسكە ئالاقىدار ئىشلارنى دوكلات قىلىش بەلگىلىمىسى»گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسكە ئالاقىدار ئىشلارنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، پارتىيەنىڭ ئۆزى ئۈستىدە ئىنقىلاب قىلىش تۈزۈمىنى قېلىپلاشتۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رەھبىرىي كادىرلارنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: رەھبىرىي كادىرلارنىڭ شەخسكە ئالاقىدار ئىشلارنى دوكلات قىلىش تۈزۈمى يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، شەخسكە ئالاقىدار ئىشلىرىنى تەشكىلگە ئەينەن دوكلات قىلىش رەھبىرىي كادىرلار جەزمەن رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك سىياسىي ئىنتىزام ۋە تەشكىلىي ئىنتىزام. رەھبىرىي كادىرلار «ئىككىنى تىكلەش»ڭىن ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، پارتىيەگە سادىق، سەمىمىي، ئوچۇق ـ يورۇق بولۇپ، سەمىمىي سۆزلەپ ئەمەلىي ئىش قىلىپ، سەمىمىي ئادەم بولۇپ، شەخسكە ئالاقىدار ئىشلارنى ئەينەن دوكلات قىلىپ، تەشكىلنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىشى كېرەك. يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلار باشلامچىلىق بىلەن ئىجرا قىلىشى، نەمۇنىلىك بىلەن رىئايە قىلىشى، يۇقىرىدىكىلەر تۆۋەندىكىلەرگە باشلامچى بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىپ، قاتتىق بولۇش ئاساسىي رىتىمى، قاتتىق بولۇش تەدبىرى، قاتتىق بولۇش مۇھىتى بىلەن ئىزچىللاشتۇرۇش، ئىجرا قىلىشنى ياخشى تۇتۇپ، دوكلات قىلىش ئىنتىزامىنى چىڭىتىپ، ئارىلاپ تەكشۈرۈش، تەكشۈرۈپ ئېنىقلاشنى كۈچەيتىپ، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنىڭ كەسكىنلىكى ۋە نوپۇزىنى قەتئىي قوغداپ، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى تېخىمۇ زور رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

  يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ