لى چياڭ خەينەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش داۋامىدا خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇش لازىم

2023.03.31 00:12 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 29-كۈنى، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ خەينەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، خەينەن ئەركىن سودا پورتىنى يۇقىرى سۈپەت، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ، خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، كۈتۈنۈش، داۋالىنىش قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى خىزمىتىنى كۆڭۈل قويۇپ مېھىر بىلەن كۈچەپ ياخشى ئىشلەپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش لازىم.

  لى چياڭ ئالدى بىلەن خەيكوۋ شىنخەي پورتى يولۇچى توشۇش تۈگۈنى تۈرى نەق مەيدانىغا كېلىپ، تاموژنىنى پېچەتلەپ يۈرۈشتۈرۈش تۈرىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى قاتارلىق دوكلاتلارنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇش باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆزى پىلانلىغان، ئۆزى ئورۇنلاشتۇرغان، ئۆزى ئىلگىرى سۈرگەن ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتىكى زور تەدبىر. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، تۈزۈم مەركەزلەشكەن يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى پۇختا قەدەم بىلەن كېڭەيتىپ، دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە جۇڭگوچە ئەركىن سودا پورتى قۇرۇشنى تېزلىتىش كېرەك. لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: پەقەت باشقۇرالىغاندىلا ئېچىۋەتكىلى بولىدۇ، «بىرىنچى سەپنى قويۇۋېتىش، ئىككىنچى سەپنى باشقۇرۇش» بويىچە بېسىم سىنىقىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، چوڭ سانلىق مەلۇمات، نەرسە تورى قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى ۋە ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ئەقلىي، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، ماس نازارەت قىلىش ئىقتىدارىنى زور كۈچ بىلەن ئۆستۈرۈپ، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىدا پۈتۈن ئارالدا تاموژنىنى پېچەتلەپ يۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.

  لى چياڭ ئارقىدىنلا خۇاباڭ گۈزەل ماكان (خەيكوۋ) شياۋسىيۈەنگە كېلىپ، خەينەن ئۆلكىسىنىڭ كۈتۈنۈش ئىشلىرى تەرەققىياتى ۋە كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ تىجارەت ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرىدىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى كاپالىتىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئائىلىدە كۈتۈنۈش ئېلىمىزنىڭ ئەڭ ئاساسلىق كۈتۈنۈش شەكلى، ياشانغانلارنىڭ ئارزۇسىنى چۆرىدەپ، مەھەللىلەردە يانداشما شەكىللىك كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىپ، مۇلازىمەت ئەسلىھەلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ياشانغانلارنىڭ تاماق، داۋالىنىش قاتارلىق ئېھتىياجىنى ياخشى ھەل قىلىش كېرەك. ئاكتىپ ياشانغانلار قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، قاتلاملار بويىچە كۈتۈنۈش مۇلازىمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، يېشى چوڭ، ئىقتىدارىدىن قالغان ياشانغانلارنى كۈتۈنەلەيدىغان قىلىش، تۆۋەن ياشلىق ساغلام ياشانغانلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. لى چياڭ ياشانغانلار پائالىيەت ئۆيىگە كىرىپ، ياشانغانلار بىلەن قىزغىن پاراڭلىشىپ، ئۇلارنىڭ ساغلام، ئۈمىدۋار بولۇشى، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈشىگە، تۇرمۇشىنىڭ بارغانسېرى ياخشىلىنىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. كۈتۈنۈش ئاپپاراتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پەرۋىش خادىملىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا، ئۇ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: كۈتۈنۈش بىر تۈركۈم كەسىپلەشكەن ئىختىساسلىقلارغا موھتاج، خەلقئارا ئىلغار تەجرىبىلەرنى ئۆگىنىش ۋە ئۆرنەك قىلىش، ماھارەت تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئۆلچەملەشكەن مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  لى چياڭ خەينەن ئۆلكىلىك جۇڭيى دوختۇرخانىسى جياڭدۇڭ دوختۇرخانىسىدا خەينەن ئۆلكىسىنىڭ داۋالاش، سەھىيە تەرەققىياتى، باشقا جايدا داۋالىنىش خىراجىتىنى ئاتچوت قىلىش ۋە جۇڭيى دوختۇرخانىسىنىڭ ئەھۋالى قاتارلىق دوكلاتلارنى ئاڭلىدى. ئۇ داۋالاش، سەھىيە مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنىڭ تۆۋەنگە چۆكۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، باشقا جايدا داۋالىنىشنى بىۋاسىتە راسچوت قىلىش مېخانىزىمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىنى تېخىمۇ قولايلىق، تېخىمۇ ئەمەلىي داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمەن قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. لى چياڭ لىزۇ تېبابىتى ۋە دورىگەرلىك ئامبۇلاتورىيەسىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، شۇ جايدىكى جۇڭگو تېبابىتى مۇتەخەسسىسلىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. ئۇ مۇنداق دېدى: لىزۇ تېبابىتى ۋە دورىگەرلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگو تېبابىتى دورىلىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ گۆھىرى. ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا، جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تىبابىتىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭيى تىبابىتى دورىلىرىنىڭ كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، داۋالاشتىكى ئۆزگىچە ئەۋزەللىكى ۋە رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. لى چياڭ ئۈچ يىلدىن بۇيان كەڭ تېببىي خادىملارنىڭ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن غايەت زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئالاھىدە تۆھپە قوشقانلىقىنى، كۆپچىلىككە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  لى چياڭ خەينەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتتا قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈردى. خەينەننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ خەينەننىڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتىشىنى ئۈمىد قىلدى.

  ۋۇ جېڭلۇڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشتا بىللە بولدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ