خەن جېڭ جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن بىر قىسىم دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنىڭ مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2023.03.31 00:11 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 30-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 27-، 29-كۈنلىرى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا، جۇڭگو تەرەققىيات يۇقىرى قاتلام مۇنبىرىنىڭ 2023-يىللىق يىغىنىغا قاتناشقىلى جۇڭگوغا كەلگەن خۇيفېڭ گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىي لىدىرى چى ياۋنيەن، سۋاير گۇرۇھىنىڭ مەمۇرىي لىدىرى شى مىڭلۈن، ئاببوت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى روبېرت فورد، ئاللاينز سۇغۇرتا گۇرۇھىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى بېيت، شنەيدېر ئېلېكتىرون شىركىتىنىڭ مۇدىرىيەت رەئىسى جاۋ گوخۇا بىلەن كۆرۈشتى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەر كۆپ يىللاردىن بۇيان جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىغا پائال تۆھپە قوشقان بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىنىڭ گۇۋاھچىسى، قاتناشقۇچىسى بولدى، ئۆزىمۇ غايەت زور تەرەققىياتقا ئېرىشتى. رەئىس شى جىنپىڭ جۇڭگو سىرتقا ئېچىۋېتىشتىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئالىدىغان ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى قەتئىي يولغا قويىدۇ، دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى. بۇ يىل جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش سىياسىتى يولغا قويۇلغانلىقىنىڭ 45 يىللىقى. ئەمەلىيەت شۇنى تولۇق ئىسپاتلىدىكى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈردى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭىيىدۇ.

  جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 20-قۇرۇلتىيىدا جۇڭگونىڭ كەلگۈسى بىر مەزگىللىك تەرەققىياتى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش قىلىندى، جۇڭگو جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ چىقاردى. بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان ئالدىنقى قاتاردىكى سودا مۇھىتىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىپ، ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات جۇڭگونىڭ ئومۇميۈزلۈك سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇشىدىكى مۇھىم ۋەزىپىسى، جۇڭگونىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى خەلقئارا ھەمكارلىقتىن، دۆلەت ھالقىغان شىركەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قاتنىشىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. نۆۋەتتە خەلقئارا ۋەزىيەت مۇرەككەپ ۋە ئۆزگىرىشچان، جۇڭگو-چەت ئەل كارخانىلىرىنىڭ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى ئىنتايىن مۇھىم. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو ئىقتىسادى مۇقىم ئاشتى، 1-ئايدىن 2-ئايغىچە ئەمەلىي پايدىلانغان تاشقى مەبلەغ 40 مىليارد دوللارغا يېتىپ، داۋاملىق ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئۇزاققىچە ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ئاساسىي ئەھۋالى ئۆزگەرمىدى، بىزنىڭ بۇ يىل ئىقتىسادنىڭ %5 ئەتراپىدا كۆزلىمە ئېشىش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئىشەنچىمىز كامىل. ھەرقايسى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىغا بولغان ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، جۇڭگو بازىرىدا يىلتىز تارتىپ، جۇڭگونىڭ يېڭى تەرەققىياتى ئېلىپ كەلگەن يېڭى پۇرسەتتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  چى ياۋنيەن قاتارلىقلار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىشلىرىدا مول نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگونىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى باشتىن-ئاخىر دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇقىملاشتۇرغۇچىسى بولۇپ كەلدى، دۆلەت ھالقىغان نۇرغۇن شىركەتلەر جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشىدىن نەپكە ئېرىشتى ھەمدە مۇۋەپپەقىيەتلىك تەرەققىي قىلدى. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان تۈزۈلمە-مېخانىزم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىكى ۋە چەت ئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدىغىنىغا رەھمەت ئېيتىمىز. جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچى، يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچى ۋە مەبلەغ سېلىش پۇرسىتىگە ئىشەنچىمىز كامىل، جۇڭگوغا مەبلەغ سېلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرىمىز.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ