مۇھىم خەۋەرلەر

ئىككى تارماق ھۆججەت تارقىتىپ ئورۇنلاشتۇردى

2023-يىلى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاشكارا قوبۇل قىلىشقا مۇناسىۋەتلىك

2023.04.03 21:58 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 4-ئاينىڭ 3-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىلەن مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا «2023-يىللىق ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدا ئۇقتۇرۇش» تارقىتىپ، ئوقۇتقۇچى قۇبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئورۇنلاشتۇردى.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى: ئوقۇتقۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش ۋە ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، ھەر قايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنىڭ ئىلمىي ئۇنۋان ئېھتىياجى، شەھەر-يېزا رايونلىرىنىڭ پەرقى، ئوقۇش يېشىدىكى نوپۇسنىڭ ئۆزگىرىشى قاتارلىق ئەھۋاللارغا تولۇق بىرلەشتۈرۈپ، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى مۇۋاپىق سەپلەش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنى تەكلىپ قىلىش كۆلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەنلەرنى ئاساسىي قاتلامدىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرگە بېرىپ ئوقۇتقۇچىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش ۋە يېتەكلەش كېرەك. يەسلى ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلاپ سەپلەپ، يەسلى مائارىپىنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش كېرەك. كەسپىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنى سەپلەشنى كۈچەيتىپ، كەسپىي مائارىپنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: جايلار ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقىنى تەكشۈرۈش ۋە تەكلىپ قىلىش شەرتىنى چىڭىتىشى، تەكلىپ قىلىش رەسمىيىتىنى بېجىرىشتىن بۇرۇن ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلى ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى ئالغان بولۇشى كېرەك. ئاساسىي قاتلامنىڭ تەكلىپ قىلىش چارىسىدە يېڭىلىق يارىتىپ، دۆلەتنىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتىكى نۇقتىلىق ياردەم بېرىدىغان ناھىيە، يېزا، كەنتلەردىكى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ، يەسلىلەرنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش شەرتىنى مۇۋاپىق قويۇۋېتىپ، يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ئىختىساسلىقلىرىنىڭ مەنبەسىنى كېڭەيتىش كېرەك. «ئالاھىدە ئىش ئورنى پىلانى»نى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈپ، قوبۇل قىلىشنى يولغا قويۇش خىزمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش كېرەك.

  «ئۇقتۇرۇش» تا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: جايلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تەكلىپ قىلىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈپ، قىس پەن ئوقۇتقۇچىلىرى ئېھتىياجىغا نۇقتىلىق كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ئوقۇتقۇچىلارنى ئاشكارا تەكلىپ قىلىش خىزمىتىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، كۆپ خىل يوللار ئارقىلىق تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرلىرىنى كەڭ دائىرىدە تونۇشتۇرۇش كېرەك. خىزمەتكە يېتەكچىلىك قىلىش ۋە باشقۇرۇشنى نازارەت قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئىمتىھان ئېلىش، ئىمتىھان خىزمىتىنى تەشكىللەشنى چىڭىتىپ، قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ پۇختا، قېلىپلاشقان، بىخەتەر، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئاساسىدا، ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىش ۋەزىپىسىنى تاماملاش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ