مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

شاڭخەي ساقچىلىرى خەلققە قولايلىق يارىتىدىغان بۇ تەدبىرىنى يولغا قويدى

2023.03.28 15:29 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى پۇدۇڭ شۆبە ئىدارىسى كاڭچياۋ ساقچىخانىسىنىڭ مەھەللە ساقچىسى جاۋ لىنجۈن تەۋەلىكتىكى ۋاڭ بوۋاينىڭ ئۆيىگە كەلدى. بوۋاي كىملىكى يۈتۈپ كەتكەنلىكتىن تولۇقلاپ بېجىرمەكچى ئىدى، لېكىن ئۇ كېسەل بولۇپ قالغاچقا، سىرتقا چىقىپ كىملىك سۈرىتى چۈشۈش ئىنتايىن قولايسىز ئىدى. جاۋ لىنجۈن بوۋاينىڭ ئۆيىدە ئۈندىدار ئەپچىقى «شاڭخەي رەقەملىك كىنىشكا سۈرىتى مەركىزى» ئارقىلىق بوۋاينىڭ سۈرەتكە چۈشۈشىگە ياردەم بەردى.

  ئاھالىلەرنىڭ كىملىك بېجىرىشىگە قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، بۇ يىل 1-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن باشلاپ، شاڭخەي شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى نوپۇس باشقۇرۇش ئىشخانىسىنىڭ يانفوندا ئاپتوماتىك سۈرەتكە تارتىش ئۈندىدار ئەپچىقى رەسمىي ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى. ئاھالىلەر يانفون ئارقىلىق ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ياكى ئۈندىداردىكى «شاڭخەي رەقەملىك كىنىشكا سۈرىتى مەركىزى» نى ئىزدەپ تېپىپ، كۆرسەتمە ئارقىلىق كىملىك سۈرىتىنى ئاپتوماتىك تارتىپ يوللىسا بولىدىكەن.

  بۇ ئەپچاق «نامسىز نومۇر ئېلىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ ئىسىم –فامىلىسى، يانفون نومۇرى، سۈرەتكە تارتىش نومۇرى ۋە ئادەم سۈرىتىنى يىغىدىكەن. شەھەر ئاھالىلىرى ئۈندىدار جامائەت سۇپىسى «شاڭخەي جامائەت خەۋپسىزلىكى نوپۇس باشقۇرۇش» ئارقىلىق كىملىك نومۇرى بىلەن سۈرەتكە تارتىش نومۇرىنى ئارقا سۇپىغا باغلىۋالسا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ ئەپچاق مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى سالاھىيەت ئىسپات بېرىش سىستېمىسى بىلەن تۇتاشتۇرۇلۇپ، ئارقا سۇپىدا «بىرگە بىر» ئادەم يۈزىنى ئاپتوماتىك سېلىشتۇرۇپ تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى ئىشقا ئاشۇرۇپلا قالماي، «ۋاكالىتەن سۈرەتكە چۈشۈش» مەسىلىسىنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئالدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ