مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئىشلىتىش دەرھال توختىتىلدى! بەلكىم ئەما بولۇپ قېلىشى ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن! بۇ كۆز دورىسى پۈتۈن ئامېرىكىدا يىغىۋېلىندى

2023.02.08 14:57 مەنبە: خەلق تورى

  ئامېرىكا يېمەكلىك ۋە دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى 2-چېسلا ھىندىستان دورا كارخانىسى ئىشلەپچىقارغان كۆز دورىسىنىڭ باكتېرىيە بىلەن يۇقۇملاندۇرۇپ ئەما بولۇپ قېلىش ھەتتا ئۆلۈپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىنلىكىنى ئاگاھلاندۇردى، بۇ ئورگان ئىستېمالچىلارنىڭ سېتىۋالماسلىقىنى ھەمدە ئىشلىتىشنى دەرھال توختىتىشىنى مۇراجىئەت قىلدى. ئىشلەپچىقارغان كارخانا قايتۇرۇپ كېلىش تەدبىرى قوللاندى.

  1-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزى 12 ئىشتاتتىكى 55 بىمارنىڭ يېشىل يىرىڭ تاياقچە باكتېرىيەسىنىڭ ئاز ئۇچرايدىغان دورىغا چىداملىق بىر خىل باكتېرىيە تۈپى بىلەن يۇقۇملانغانلىقىنى، بىمارنىڭ قېنى ۋە ئۆپكىسى قاتارلىقلاردا يۇقۇملىنىش ئەھۋالى كۆرۈلگەنلىكىنى ئېنىقلىدى. قىسمەن بىمارلار دوختۇرخانىدا يېتىپ داۋالىنىشى كېرەك ئىكەن، ئاز دېگەندە بەش بىمار مەڭگۈلۈك ئەما بولۇپ قالغان، ۋاشىنگتون ئىشتاتىدا يەنە بىر بىمار قان يۇقۇملىنىش سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان. ئامېرىكا كېسەللىكلەرنى تىزگىنلەش مەركىزىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇقىرىقى باكتېرىيە تۈپى ئادەتتىكى ئانتىبىئوتىكلارغا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتىگە ئىگە بولۇپ، پەقەت بىر خىل يېڭى ئانتىبىئوتىكلا بۇ باكتېرىيە تۈپىگە تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن ئىكەن. تارقىلىشچان كېسەللىكلەر ئىلمى ۋە تەجرىبىخانا تەتقىقاتىدىن مەلۇم بولۇشىچە، يۇقۇملانغان بىمارلارنىڭ ھەممىسى بىر خىل كۆز دورىسى ئىشلىتىش بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.

  بۇ كۆز دورىسى سۈنئىي ياش سۇيۇقلۇقى بولۇپ، كۆز ئالمىسىنى سىلىقلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، كۆز ياش نەيچىسى ئارقىلىق بۇرۇن بوشلۇقى بىلەن تۇتىشىدىكەن، باكتېرىيە كۆز ئارقىلىق بۇرۇن بوشلۇقىغا كىرىپ، ئاندىن قان ئارقىلىق بەدەننىڭ باشقا توقۇلمىلىرى ياكى ئورۇنلىرىغا كىرەلەيدىكەن.

  ئامېرىكا دورا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۆز دورىسى ئىشلەپچىقىرىدىغان ھىندىستان يەر شارى دورا ياساش داۋالاش-ساقلىق ساقلاش چەكلىك شىركىتىدە ئىشلەپچىقىرىش قېلىپلاشماسلىق مەسىلىسى مەۋجۇت بولۇپ، مىكرو ئورگانىزملارنى تەكشۈرۈش تەدبىرى يېتەرلىك بولماسلىق، ئوراپ قاچىلىنىشى تازىلىق تەلىپىگە ئۇيغۇن بولماسلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن. دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ كارخانىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، بۇ كۆز دورىسىنىڭ ئامېرىكا بازارلىرىغا كىرىشىنى چەكلىدى. دورا باشقۇرۇش ئىدارىسى بۇ شىركەت ئىشلەپچىقارغان باشقا بىر كۆز دورىسىغىمۇ ئوخشاش ئاگاھلاندۇرۇش بەردى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ