مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپىگە بىنائەن» يولغا چىقىڭلار!

2023.02.08 14:51 مەنبە: خەلق تورى

  دۆلىتىمىزنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى تۈركىيەگە بېرىپ خەلقئارالىق قۇتقۇزۇشقا كىرىشتىتۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تەلىپى بويىچە دۆلىتىمىز ھۆكۈمىتى قۇتقۇزۇش ئەترىتىنى تۈركىيەگە خەلقئارا قۇتقۇزۇشقا ئەۋەتتى. بېيجىڭ ۋاقتى 7-چېسلا سائەت 16 دە، دۆلىتىمىزنىڭ قۇتقۇزۇش ئەترىتى جۇڭگو خەلقئارا ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ ھۆددە ئايروپىلانىغا ئولتۇرۇپ پايتەخت ئايرودۇرۇمىدىن ئاپەت رايونىغا قاراپ يولغا چىقتى.

  6-چېسلادىن باشلاپ تۈركىيەدە قايتا-قايتا كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، ئېغىر ئۆلۈم-يېتىم كۆرۈلدى ۋە مال-مۈلۈك زىيانغا ئۇچرىدى. بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇش بويىچە، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقى دۆلىتىمىز قۇتقۇزۇش ئەترىتىنىڭ 82 ئەزاسىنى قۇتقۇزۇش جابدۇقلىرى ۋە ماددىي ئەشيالار بىلەن بىرگە ئاپەت يۈز بەرگەن رايونغا ئەۋەتتى، قۇتقۇزۇش ئەترىتى ئاساسلىقى بېيجىڭ شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش-قۇتقۇزۇش باش ئەترىتى، جۇڭگو يەر تەۋرەشتىن جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزى، جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇش باش دوختۇرخانىسىدىكى خادىملاردىن تەركىب تاپقان.

  تۈركىيە بىلەن سۇرىيەدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە 5000 دەك ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى

  6-چېسلا، تۈركىيەدىكى كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە تۈركىيە بىلەن سۇرىيەدە 5000 دەك ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلاندى.

  تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مەھكىمىسى 7-چېسلا ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى ئىستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، كۈچلۈك يەر تەۋرەشتە مەزكۇر دۆلەتتە 3381 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان، 20 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم يارىلانغان، 5575 ئىمارەت ۋەيران بولغان. سۇرىيە ئاگېنتلىقىنىڭ 7-چېسلا سۇرىيە سەھىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ھۆكۈمەت تىزگىنلەۋاتقانھەلەپ، لاتاكىيە، ھەمەھ، تارتۇس ۋە ئىدلىب قاتارلىق ئۆلكىلەردە يەر تەۋرەشتە ھاياتىدىن ئايرىلغانلار 812 گە، يارىلانغانلار 1449 غا يەتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ كۈنى قۇتقۇزۇش خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر تىزگىنلەپ تۇرغان رايوندا يەر تەۋرەشتە 790 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

  تۈركىيە پۇل مۇئامىلە بازىرىدا يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە داۋالغۇش كۆرۈلدى

  تۈركىيەنىڭ جەنۇبىدا 6-چېسلا كۈچلۈك يەر تەۋرەپ، بۇ دۆلەتنىڭ پۇل مۇئامىلە بازىرىدا داۋالغۇش پەيدا قىلدى. تۈركىيە لىراسىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى بىر مەھەل تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشتى، پاي بازىرىدىكى ئاساسلىق پاي كۆرسەتكۈچلىرىمۇ بىر مەھەل چۈشۈپ كەتتى.

  6-چېسلا، تۈركىيە لىراسىنىڭ دوللارغا ئايرىۋاشلىنىش نىسبىتى ئالدىنقى سودا كۈنىدىكى بىلەن ئاساسەن تەڭلەشكەن بولسىمۇ، لېكىن بازار باھاسىدا بىر مەھەل 18.85:1 لىك تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە چۈشۈپ قالغان. تۈركىيە پاي بازىرىدىكى ئاساسلىق پاي كۆرسەتكۈچى شۇ كۈنى بىر مەھەل %5 تۆۋەنلىدى، بىراق بازار يېپىلغاندا تۆۋەنلەش نىسبىتى كۆرۈنەرلىك كىچىكلىدى.شۇ كۈنى تۈركىيەنىڭ 10 يىللىق زايومىنىڭ پايدا نىسبىتى %10.2 كە يېتىپ، يېقىنقى ئىككى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيەگە يەتتى.

  بازار تەھلىلچىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈركىيە پۇل مۇئامىلە بازىرى ئىلگىرى يۇقىرى پۇل پاخاللىقى، جۇغراپىيەلىك سىياسى ۋەزىيەت قاتارلىقلارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشمۇ بازارنىڭ ئېنىقسىز ھالەتكە كېلىپ قېلىشىنى كۈچەيتكەن.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، يەر تەۋرەشنىڭ تەسىرىدە، تۈركىيەنىڭ جەنۇبىغا جايلاشقان ئاساسلىق نېفىت ترانسپورت پورتى جەيھان 6-چېسلادىن باشلاپ ۋاقتىنچە قاتناشنى توختاتقان. ئەزەربەيجاندىن نېفىت ئېكىسپورت قىلىشقا ئىشلىتىلىدىغان باكۇ-تىبلىس-جەيھان نېفىت تۇرۇبىسى 6-چېسلادىن 8-چېسلاغىچە تاقىلىپ، تىجارەت قىلغۇچى تەرەپنىڭ يەر تەۋرەش ئېلىپ كەلگەن زىياننى باھالىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىلگەن.

  تۈركىيە ئاپەت ۋە جىددىي ئەھۋالغا تاقابىل تۇرۇشنى باشقۇرۇش مەھكىمىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كاھرامان ماراش ئۆلكىسىدە شۇ يەر ۋاقتى 6-چېسلا سەھەر سائەت 4 تىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 9 دىن 17 مىنۇت ئۆتكەندە) 7.7 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 7 كىلومېتىر بولۇپ، ئەتراپتىكى غازىئانتەب، خاتاي، مالاتيا قاتارلىق نۇرغۇن ئۆلكىلەردە تەۋرەش سېزىمى كۈچلۈك بولغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ