دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 11-ئاينىڭ 29-كۈنى دۆلەت تەشكىللىگەن تاجسىمان تومۇر تىرىكىنى توپ سېتىۋېلىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، داۋاملىق سېتىۋېلىشقا جياڭسۇ ئۆلكىسىنىڭ چاڭجوۋ شەھىرىدە خېرىدار چاقىرىپ، تاللىماقچى بولغان نەتىجە بارلىققا كەلتۈرۈلدى. جەمئىي 10 كارخانىنىڭ 14 مەھسۇلاتى تاللىنىش سالاھىيىتىگە ئېرىشتى، كارخانىلارنىڭ تاللىنىش نىسبىتى %91 كە يەتتى. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تاللانغان تىرەكنىڭ باھاسى 770 يۈەن ئەتراپىدا بولۇپ، ئۇنىڭغا مۇلازىمەت ھەققىنى قوشقاندا، ئاخىرقى باھا پەرقى 730 يۈەندىن 848 يۈەنگىچە بولىدۇ.
ئىگىلىنىشىچە، دۆلەت تەشكىللىگەن تاجسىمان تومۇر تىرەكنى مەركەزلىك توپ سېتىۋېلىش (قىسقارتىلىپ «توپ سېتىۋېلىش» دېيىلىدۇ) 2021-يىل 1-ئايدا يولغا قويۇلغاندىن بۇيان، ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، 2022-يىل 10-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، جەمئىي 3 مىليون 200 مىڭ تىرەك تاللاپ سېتىۋېلىنغان بولۇپ، پۈتۈشكەن سېتىۋېلىش مىقدارىنىڭ 1.3 ھەسسىسىگە يەتكەن.
بۇ قېتىمقى داۋاملىق سېتىۋېلىشتا تۇنجى قېتىم مەملىكەت مىقياسىدا داۋاملىق سېتىۋېلىش خىزمىتىنى بىر تۇتاش قانات يايدۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىلدى، بۇنىڭغا جەمئىي 3696 داۋالاش ئاپپاراتى قاتناشتى، سېتىۋېلىش مىقدارى تەخمىنەن 1 مىليون 780 مىڭغا يەتتى. بۇ قېتىمقى سېتىۋېلىشتا «مىقدار بەلگىلەپ سېتىۋېلىش» پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلۇپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش، تەمىنلەشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش كۆزدە تۇتۇلدى، توپ سېتىۋېلىش كېلىشىمىنىڭ مۇددىتى توشقاندىن كېيىن داۋاملىق سېتىۋېلىشقا ماس كېلىدىغان سېتىۋېلىش قائىدىسى ئۈستىدە ئىزدىنىلدى، بۇ توپ سېتىۋېلىش ئىسلاھاتىنىڭ پايدىسىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىپ، بىمارلارنى داۋاملىق نەپكە ئېرىشتۈرىدۇ.
ئالدىنقى نۆۋەتلىك توپ سېتىۋېلىشقا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىمقى داۋاملىق سېتىۋېلىشتا تاللىنىدىغان باھا ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولدى، قاتناشقان داۋالاش ئاپپاراتلىرى %40، تىرەك سېتىۋېلىش مىقدارى %30 ئاشتى، تاللانغان كارخانىدىن ئىككىسى، تاللانغان مەھسۇلاتتىن تۆتى كۆپەيدى، تۈرى تېخىمۇ موللاشتى، تەمىنلەش تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە بولدى، تاجسىمان تومۇر تىرىكى مەركەزلىك توپ سېتىۋېلىش نەتىجىسى مۇستەھكەملەندى.
كېيىنكى قەدەمدە، دۆلەت داۋالىنىش كاپالىتى ئىدارىسى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە دۆلەتنىڭ يۇقىرى باھالىق داۋالاش خورىما ماتېرىياللىرىنى توپ سېتىۋېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىش قائىدىسىگە ئاساسەن، بىرلەشمە سېتىۋېلىش ئىشخانىسى ۋە جايلارنىڭ سېتىۋېلىش كېلىشىمى ئىمزالاش، تاللانغان مەھسۇلاتلارنى تورغا چىقىرىش، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى فوندىنى ئالدىن تۆلەش قاتارلىق تاللاش نەتىجىسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ يولغا قويۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، مەملىكەت بويىچە بىمارلارنىڭ 2023-يىل 1-ئايدا داۋاملىق سېتىۋالغان تاللانغان مەھسۇلاتلارنى ئىشلىتىشىگە كاپالەتلىك قىلىدۇ، ئالدىنقى سېتىۋېلىش دەۋرى بىلەن مۇقىم جىپسىلاشتۇرۇلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى