كونىلاردا «دورىنىڭ ئۈچ ئۈلۈشى زەھەر» دېگەن گەپ بار، بۇنىڭ مەنىسى خالىغانچە دورا يېمەسلىك كېرەك، نۇرغۇن دورىلارنىڭ داۋالاش رولىدىن باشقا يەنە ئەكس تەسىرى بار، دېگەنلىك.
دورىنى خاتا يېسە بۆرەكنى زەخمىلەندۈرەمدۇ؟
دوختۇرنىڭ دېيىشىچە، بىر قىسىم دورىلار بۆرەكنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشىگە تەسىر كۆرسىتىدىكەن، يەنە بىر قىسىم دورىلار ئاسانلا بۆرەكتە يىغىلىپ قېلىپ، بۆرەكنىڭ زەخمىلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
قايسى دورىلار بۆرەككە زىيان يەتكۈزىدۇ؟
قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلار: قىزىتما قايتۇرۇپ ئاغرىق پەسەيتكۈچى دورىلارنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا مەزى بېزىگە كاشىلا قىلىپ، بۆرەككە قان يېتىشمەسلىكتىن زەخمىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئاغرىق توختىتىش دورىسىنى ئۇزاق مۇددەت كۆپ ئىستېمال قىلىشتىن كېلىپ چىققان ئاستا خاراكتېرلىك ۋاسىتىلىك بۆرەك ياللۇغى ئاغرىق توختىتىش دورىلىق بۆرەك كېسىلى دېيىلىدۇ، شۇڭا ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىش مىقدارىنى ئىگىلەش ئىنتايىن مۇھىم.
ئانتىبىئوتىكلار: بەزى ئانتىبىئوتىكلار بۆرەكنى زەخمىلەندۈرىدۇ. ئانتىبىئوتىك تۈرىدىكى ياللۇغ قايتۇرۇش دورىلىرىنى دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئىشلىتىش كېرەك، زىيادە كۆپ بولۇپ كەتسە بولمايدۇ.
زۇكامنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە دورىنى كۆپ ئىشلەتسە تېز ساقىيامدۇ؟
زۇكام دورىسىنى نورمىدىن ئارتۇق ئىچكەندە، دورىنىڭ ئۈنۈمى ئېشىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەكس تەسىرىمۇ كۈچىيىدۇ. بولۇپمۇ بۆرەك ئىقتىدارى تولۇق بولمىغان بىمارلارنىڭ قان سىغىمچانلىقى يېتەرلىك بولماسلىق، جىددىي ھەرىكەت قىلىش قاتارلىق ئەھۋاللاردا كېسەللىك پەيدا قىلىش خەۋپى ئېشىپ كېتىدۇ.
زۇكامغا دورا ئىشلىتىش مەزگىلىدە ھاراق ئىچىشكە بولامدۇ؟
زۇكام بولغاندا، دورا ئىشلىتىپ ئىككى ھەپتە ئىچىدە ھاراق ئىچىشكە بولمايدۇ. دوختۇر شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، نۇرغۇن دورىلار ئىسپىرت بىلەن ئۇچراشسا بىماردا كۆڭلى ئېلىشىش، دېمى سىقىلىش، نەپەس قىيىنلىشىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى