مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى كېلەر ئايدىن باشلاپ ئالتە دەرىجىگە ئايرىش سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ

2022.11.21 15:06 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى، دۆلەت تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى سىناش دەرىجە ئۆلچىمى ۋە سىناش پىروگراممىسى» (سىناق نۇسخىسى) ۋە «خەنزۇچە خەت باش بۆلەك جەدۋىلى»نى ئېلان قىلدى. بۇ ئىككى تۈرلۈك تىل-يېزىق ئۆلچىمىنى مائارىپ مىنىستىرلىقى تىل-يېزىق قوللىنىش تەتقىقات ئورنى (دۆلەت تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى ئورتاق تىل ۋە يېزىق قوللىنىش بويىچە تەربىيەلەش-سىناش مەركىزى) تەتقىق قىلىپ تۈزۈشكە تەشكىللىدى، دۆلەت تىل-يېزىق خىزمىتى كومىتېتى تىل-يېزىقنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۆلچىمىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش كومىتېتى تەكشۈرۈپ بېكىتتى.


  «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى سىناش دەرىجە ئۆلچىمى ۋە سىناش پىروگراممىسى» كەڭ تۈردە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كەڭ كۆلەمدە سىناش ئاساسىدا تەتقىق قىلىپ تۈزۈلگەن بولۇپ، قوللىنىشچان، ئالاقىگە ئۇيغۇنلىشىش، سىستېمىلىق بولۇش پىرىنسىپى ئاساس قىلىنىپ، ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانىدا ئۇزاقتىن بۇيان توپلانغان ئىلمىي نەتىجە ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلەردىن تولۇق ئۆرنەك ئېلىپ، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەقلىي ئالاھىدىلىكى ۋە ئوقۇش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى تىل-ئەدەبىيات دەرسى ئۆلچىمى ۋە ئوقۇتۇش ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈش، ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى سىناش ئىمتىھانى بىلەن ئۈنۈملۈك جىپسىلاشتۇرۇش نىشان قىلىنغان. بۇ قائىدىدە ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق تىل سەۋىيەسى ئالتە دەرىجىگە ئايرىلىپ، ئىمتىھان مەزمۇنى، دائىرىسى، قۇرۇلمىسى ۋە نومۇر قويۇش ئۆلچىمى قاتارلىقلار بەلگىلەنگەن بولۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ 5-يىللىق ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يىللىقتىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى سىناش ياكى باھالاپ تەكشۈرۈشكە ماس كېلىدۇ. بۇ ئۆلچەم 2022-يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ.


  «خەنزۇچە خەت باش بۆلەك جەدۋىلى»نىڭ 2009-يىلى ئېلان قىلىنغان تۇنجى نەشرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلدى. تۈزىتىلگەن نۇسخىسى مۇقىم، سىستېمىلىق، ئەمەلىي بولۇش پىرىنسىپىغا ئاساسەن، دىققەتنى باش بۆلەكلەرنىڭ قوللىنىلىشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈلۈپ، ئەسلىدىكى 201 ئاساسىي باش بۆلەكنى ساقلاپ قېلىش ئاساسىدا، ئايرىم قوشۇمچە باش بۆلەكلەر تولۇقلاندى ۋە ئازراق تەڭشەلدى ھەمدە بىر قىسىم دائىم ئىشلىتىلىدىغان باش بۆلەكلەرنىڭ نامى ۋە باش بۆلەكلەرنىڭ ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش خەلقئارا كودى بېرىلدى. بۇ ئۆلچەم ئاساسلىقى لۇغەت تۈزۈش، ئۇچۇر بىر تەرەپ قىلىش قاتارلىق ساھەلەردە خەنزۇچە خەتلەرنى تۈرگە ئايرىش ۋە ئىزدەش، شۇنداقلا خەنزۇچە خەت ئوقۇتۇشى ۋە تەتقىقاتىدا ئىشلىتىلىدۇ. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «خەنزۇچە خەت باش بۆلەك جەدۋىلى» 2022-يىل 12-ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.


  «ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئورتاق تىل سەۋىيەسىنى سىناش دەرىجە ئۆلچىمى ۋە سىناش پىروگراممىسى» (سىناق نۇسخىسى) ۋە «خەنزۇچە خەت باش بۆلەك جەدۋىلى»نىڭ ئېلان قىلىنىشى دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى قېلىپلاشتۇرۇش ئۆلچىمى سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەت ئورتاق تىل-يېزىقىنى كېڭەيتىش ۋە ئومۇملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ