مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق گۇرۇپپا باشلىقى ليۇ يەنپىڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا 1-سوت ئېچىلدى

2022.11.18 15:48 مەنبە: خەلق تورى

  2022-يىل 11-ئاينىڭ 17-كۈنى، جىلىن ئۆلكىسى چاڭچۈن شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى 1-سوتتا ئوچۇق سوت ئېچىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ سابىق ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى-دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش-رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ سابىق گۇرۇپپا باشلىقى ليۇ يەنپىڭنىڭ پارا ئېلىش دېلوسىغا قاراپ چىقتى.


  چاڭچۈن شەھەرلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ ئەيىبنامىسىدە مۇنداق دېيىلدى: 2001-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، جاۋاپكار ليۇ يەنپىڭ ج خ مىنىستىرلىقى مۇھاپىزەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، سىياسىي كومىسسارى، ئىدارە باشلىقى، ج خ مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، مىنىستىر ياردەمچىسى، مۇئاۋىن مىنىستىرى، دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى پارتكومىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى بىلەن دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتىنىڭ دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدا تۇرۇشلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش- رېۋىزىيە گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى، ج ك پ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 5-كۆزىتىش 14-گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقلار، خىزمەت ھوقۇقى ۋە ئورنى قاتارلىقلاردىن شەكىللەنگەن قولايلىق شارائىتلاردىن پايدىلىنىپ، ئالاقىدار ئورۇن ۋە شەخسلەرگە كارخانا تىجارىتى، دېلو بىر تەرەپ قىلىش، خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش، ئاپتوموبىل نومۇر تاختىسى بېجىرىش قاتارلىق ئىشلاردا ياردەم بېرىپ، باشقىلار بەرگەن پۇل-مالنى قانۇنسىز قوبۇل قىلغان، بۇنى خەلق پۇلىغا سۇندۇرغاندا 234 مىليون يۈەندىن ئاشقان. تەپتىش ئورگىنى پارا ئېلىش جىنايىتى بىلەن ليۇ يەنپىڭنىڭ جىنايى جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.


  سوتتا قاراپ چىقىش جەريانىدا، تەپتىش ئورگىنى ئالاقىدار دەلىل-ئىسپاتلارنى كۆرسەتتى، جاۋابكار ليۇ يەنپىڭ ۋە ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى دەلىل-ئىسپاتلارنى يۈزلەشتۈردى، ئەيىبلىگۈچى بىلەن ئاقلىغۇچى ئىككى تەرەپ سوتنىڭ رىياسەتچىلىكىدە تولۇق پىكىر بايان قىلدى، ليۇ يەنپىڭ ئەڭ ئاخىرقى پىكرىنى بايان قىلدى ھەمدە سوتتا جىنايىتىنى تونۇپ، جىنايىتىگە پۇشايمان قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.


  سوت ئاخىرىدا، سوت مەھكىمىسى سوتنى توختىتىپ مۇۋاپىق پەيتتە ھۆكۈم ئېلان قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.


  جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە ئاممىسىدىن 20 دىن ئارتۇق ئادەم سوتقا سىرتتىن قاتناشتى.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ