مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

يولداش شى جىنپىڭ: خەلقنىڭ بەخت-سائادىتىنى ئاشۇرۇپ، خەلقنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2022.10.17 15:45 مەنبە: خەلق تورى

  جۇڭگو كوممۇنستىك پارتىيەسى 20- قۇرۇلتىيى 16- ئۆكتەبىر چۈشتىن بۇرۇن خەلق سارىيىدا ئېچىلدى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومتېتقا ۋاكالىتەن پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىغا دوكلات بەردى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت دېمەك خەلق دېمەكتۇر، خەلق دېمەك دۆلەت دېمەكتۇر. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكى ھاكىمىيەتنى قولغا ئېلىپ، دۆلەتنى قوغداشتا، قوغدايدىغىنى خەلقنىڭ قەلبىدۇر. دۆلەتنى ئىدارە قىلىشتا، خەلققە پايدىلىق بولۇش ئاساس. خەلققە بەخت يارىتىش ئومۇم ئۈچۈن پارتىيە قۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشنىڭ ماھىيەتلىك تەلىپى. تەرەققىياتتا خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنى ياخشىلاشتا چىڭ تۇرۇش، خەلقنى ئورتاق كۆرۈش قىلىپ گۈزەل تۇرمۇش بەرپا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئىنتىلىشىنى ئۈزۈكسىز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

  بىز كەڭ خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ياخشى ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، ياخشى قوغدىشىمىز، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. خەلق ئەڭ كۆڭۈل بۆلۈدىغان، ئەڭ بىۋاسىتە، ئەڭ رېئال مەنپەئەت مەسىلىسىنى چىڭ تۇتۇپ، بار كۈچىمىز بىلەن ئىشلەپ، مادارىمىزغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئامما ئارىسىغا، ئاساسىي قاتلامغا چوڭقۇر چۆكۈپ، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزىدىغان، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىللىتىدىغان تېخىمۇ كۆپ تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، خەلق ئاممىسىنىڭ جىددىي، قىيىن، غەم قىلىۋاتقان، تەقەززا بولۇۋاتقان مەسىلىلىرىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋىي مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاممىۋىي مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، تەڭپۇڭلۇق ۋە قوللىنىشچانلىقنى كۈچەيتىپ، ئورتاق بېيىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  بىز تەقسىمات تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەمگىكىگە قاراپ تەقسىم قىلىشنى ئاساسىي گەۋدە قىلىش، كۆپ خىل تەقسىمات ئۇسۇلى تەڭ مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ ئىشلىگەنلەر كۆپ ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تىرىشىپ ئىشلەپ بېيىشقا ئىلھام بىرىپ، پۇرسەت ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۆۋەن كىرىملىكلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، ئوتتۇراھال كىرىملىكلەر توپىنى زورايتىپ، تەقسىمات تەرتىپىنى ۋە بايلىق توپلاش مېخانىزمىنى قېلىپلاشتۇرۇشىمىز كېرەك.

  ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئاممىۋىي مۇلازىمىتى سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قىيىنچىلىقى بار ئاممىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تولۇق ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، باراۋەر ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر يەتكۈزىدىغان نامۇۋاپىق چەكلىمە ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش جەھەتتىكى كەمسىتىشنى تۈگىتىپ، ھەممە ئادەمنى تىرىشىپ ئەمگەك قىلىش ئارقىلىق ئۆز تەرەققىياتىنى ئىشقا ئاشۇرۇش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىشىمىز كېرەك.

  ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنى قاپلىغان، شەھەر-يېزىلارنى بىر تۇتاش پىلانلايدىغان، ئادىل، بىرلىككە كەلگەن، بىخەتەر، قېلىپلاشقان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل بولغان كۆپ قاتلاملىق ئىجتىمائىي كاپالەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجتىمائىي سۇغۇرتىنىڭ قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىشىمىز كېرەك. ئەر-ئاياللار باراۋەرلىكىدىن ئىبارەت تۈپ دۆلەت سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. مېيىپلار ئىشلىرىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  كۆپ سۇبيېكتلىق تەمىنلەش، كۆپ يوللۇق كاپالەتلەندۈرۈش، ئىجارىگە ئېلىش بىلەن سېتىۋېلىشنى تەڭ قوللىنىش تۇرالغۇ تۈزۈمىنى تېز ئورنىتىش كېرەك.

  ساغلام جۇڭگو قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقىغا كاپالەتلىك قىلىشنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا قويۇپ، تۇغۇتقا مەدەت بېرىش سىياسىتى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، نوپۇسنىڭ قېرىلىشىشىغا پائال تاقابىل تۇرىدىغان دۆلەت ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، جۇڭيى تېبابىتى-دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، راۋاجلاندۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاممىۋى سەھىيە سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېغىر، زور يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش، قۇتقۇزۇش-داۋالاش سىستېمىسى ۋە جىددىي تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئېغىر، زور يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇش كېرەك. 

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ