مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىزلىرى»، «شى جىنپىڭنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ھېسسىياتى» ناملىق كىتابلار نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

2022.10.16 22:50 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىزلىرى»، «شى جىنپىڭنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ھېسسىياتى» ناملىق كىتابلار يېقىندا خەلق نەشرىياتى، شىنخۇا نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرلىشىپ نەشر قىلىنىپ، پۈتۈن مەملىكەتتە تارقىتىلدى.

  پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقنى تۈگىتىشنى دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلدى، ئۇنىڭ سالمىقى زور، كۆلىمى كەڭ، ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك، تەسىرى چوڭقۇر، مىسلى كۆرۈلمىگەن بولۇپ، دۇنيادا ئاز ئۇچرايدۇ. «شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىزلىرى» يىل بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇلۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قار-شىۋىرغانغا قارىماي، تومۇز ئىسسىققا قارىماي، پاتقاقلارنى كېچىپ، تاغ-داۋانلاردىن ئېشىپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى تۇتاش كەتكەن 14 ئالاھىدە نامرات رايوننى كېزىپ، 20 نەچچە نامرات كەنتكە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغان تەسىرلىك كۆرۈنۈشلىرى جانلىق خاتىرىلەنگەن بولۇپ، نامرات رايونلاردىكى ئاممىنىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆڭۈل بۆلۈشى، يېتەكچىلىكىدە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتىكى ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى ھەقىقىي ئەكس ئەتتۈرۈلگەن.

  ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش — ئىنسانىيەت تەرەققىيات تارىخىدىكى ئۇلۇغ مۆجىزىنى يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش مۇساپىسىدىكى ئۆچمەس ئابىدىنى ياراتتى. «شى جىنپىڭنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ھېسسىياتى» 20 قىسىمغا بۆلۈنگەن بولۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى رولنى تۇتۇپ يول باشلاپ، بايراقنى كۆتۈرۈپ يۆنىلىشنى بەلگىلەپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۇلۇغ تارىخىي مۇساپىسى تولۇق كۆرۈنۈش شەكلىدە خاتىرىلەنگەن. كىتابتىكى خەلق بىلەن قەلبداش بولغان تەسىرلىك دەقىقىلەر خەلق داھىيسىنىڭ خەلق ئاممىسىنىڭ بەخت-سائادىتىگە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى نامايان قىلدى؛ چىن مۇھەببەتكە تولغان تەسىرلىك كۆرۈنۈشلەر خەلق ئاممىسىنىڭ خەلق داھىيسىغا بولغان سەمىمىي ھۆرمىتىنى ئەكس ئەتتۈردى.

  «شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى يۆلەش ئىزلىرى»، «شى جىنپىڭنىڭ ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش ھېسسىياتى»نىڭ نەشر قىلىنىشى كىشىلەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ يېتەكلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا ھەل قىلغۇچ غەلىبە قىلىش، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشتا ھەل قىلغۇچ جەڭ قىلىشتىكى ئاجايىپ مۇساپىسى ۋە ئۇلۇغ نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق، چوڭقۇر چۈشىنىشكە پايدىلىق بولۇپ، كەڭ كادىرلار، ئاممىنى ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، تېخىمۇ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇش يارىتىشقا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇرىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ