مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

«ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى

«خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش لازىم

2022.10.16 22:48 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-ئاينىڭ 16-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 10-ئاينىڭ 16-كۈنى نەشردىن چىقىدىغان «ئىزدىنىش» ژۇرنىلىدا، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم ماقالىسى ئېلان قىلىندى.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يىلتىزى خەلقتە، تومۇرى خەلقتە. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتا پارتىيەنىڭ غايە-ئېتىقادى، خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، ئەسلىي مەقسىتى، بۇرچى نامايان قىلىنغان، شۇنداقلا پارتىيەنىڭ كۈرەش مۇساپىسى ۋە ئەمەلىي تەجرىبىلىرى چوڭقۇر يەكۈنلەنگەن. پارتىيەمىز قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتىكى تۈپ مەقسىتى خەلقنى ياخشى كۈنگە ئېرىشتۈرۈش، مەيلى قانچىلىك خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كەلسۇن، مەيلى قانچىلىك قۇربان بېرىشتىن ۋە بەدەل تۆلەشتىن قەتئىينەزەر، بۇ نۇقتىدىن باشتىن-ئاخىر ئېغىشماي، قىلچە تەۋرەنمىدى. خەلقنى مەركەز قىلغان تەرەققىيات ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇشتا خەلقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشتە چىڭ تۇرۇش، خەلققە يېقىندىن تايىنىش، خەلققە ئۈزلۈكسىز بەخت يارىتىش، خەلق ئارىسىدا پۇختا يىلتىز تارتىش ھەمدە تۈرلۈك تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلار ۋە ئەمەلىي خىزمەتلەردە ئەمەلىيلەشتۈرۈش شەرت.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئالاھىدە مەنپەئەتى يوق، پارتىيە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ، پارتىيەمىزنىڭ ماركسىزملىق پارتىيە سۈپىتىدە باشقا پارتىيەلەردىن پەرقلىنىدىغان روشەن بەلگىسى. ئېغىر، زور يۇقۇم ئالدىدا، بىز باشتىلا خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويدۇق. خەلق ھەممىدىن ئەلا، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا، خەلقنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقىنى قوغداشتا ھەرقانداق بەدەل تۆلەشتىن باش تارتماسلىق كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلق پارتىيەمىزنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىكى ئەڭ چوڭ ئىشەنچى. دۆلىتىمىزنىڭ سوتسىيالىستىك دېموكراتىيەسى خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان ئەڭ كەڭ، ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ ئەسقاتىدىغان دېموكراتىيە. بىز خەلق دېموكراتىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلقنىڭ ئەقىل-پاراسىتى ۋە كۈچىنى پارتىيە ۋە خەلق ئىشلىرىغا تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ۋە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى بىرتۇتاش پىلانلاش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە خەلققە يېقىندىن تايىنىپ، پائال تەشەببۇسكارلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتا خىزمەتتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ئىگىلەپ، تەرەققىياتتىكى تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىزنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشىمىز تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلق ئاممىسىنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان ئېھتىياجىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇش ئۈچۈندۇر. باشتىن-ئاخىر خەلقنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى، ھال-ئەھۋالىنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈدىغان ئىشقا ئورۇنلىشىش، مائارىپ، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش، تۇرالغۇ، كۈتۈنۈش، يېمەكلىك بىخەتەرلىكى، جەمئىيەت ئامانلىقى قاتارلىق ئەمەلىي مەسىلىلەرنى كۆڭۈل قويۇپ، ھېسسىيات، كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىر-بىرلەپ تۇتۇپ، يىلنى يىلغا ئۇلاپ ئىشلەپ، تىرىشىپ ئاممىغا ئۆزگىرىشنى كۆرسىتىپ، ئەمەلىي نەپكە ئېرىشتۈرۈش كېرەك. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى خەلق ئۈچۈن ئىش قىلىش، خەلققە بەخت يارىتىشنى ئەڭ مۇھىم سىياسىي نەتىجە، پۇقرالار ئۈچۈن قانچىلىك ياخشى ئىش قىلىپ بېرىشنى سىياسىي نەتىجىنى سىناشنىڭ مۇھىم ئۆلچىمى قىلىدۇ. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار توغرا ھوقۇق قارىشى، سىياسىي نەتىجە قارىشى، كەسىپ قارىشىنى تۇرغۇزۇپ، شۆھرەتپەرەسلىككە، قۇرۇق شۆھرەتكە بېرىلمەي، قۇرۇق نام-ئاتاق قوغلاشماي، ئەمەل تۇتقان ئىكەن، خەلققە بەخت يارىتىشى كېرەك.

  ماقالىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيەمىز ئۇزاق مۇددەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئۈچۈن، جەزمەن خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان قان بىلەن گۆشتەك مۇناسىۋەتنى مەڭگۈ ساقلاپ، باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن بىللە ئويلاپ، بىللە ئىشلەپ، جاپا-مۇشەققەتتە، ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇشى كېرەك. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، بىز پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىككە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇپ ۋە ئۇنى جازالاپ، «تۆت خاھىش»نى قەتئىي بوشاشماي تۈزەپ، پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشيەن تەربىيە-ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئېلىپ باردۇق، بۇنىڭ ئۈچۈن كەڭ پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى باشتىن-ئاخىر خەلق ئاممىسى بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش، قەلبداش بولۇشقا تەربىيەلىدۇق ۋە يېتەكلىدۇق. چىرىكلىككە قەتئىي تەۋرەنمەي قارشى تۇرۇپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىققا قەتئىي بوشاشماي قارشى تۇرۇش ۋە ئۇنى تۈگىتىش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ